আল-কোৰআনুল কাৰীমৰ অৰ্থানুবাদ - আল-মুখতাচাৰ ফী তাফছীৰিল কোৰআনিল কাৰীমৰ উইঘুৰ অনুবাদ

পৃষ্ঠা নং:close

external-link copy
53 : 29

وَيَسۡتَعۡجِلُونَكَ بِٱلۡعَذَابِ وَلَوۡلَآ أَجَلٞ مُّسَمّٗى لَّجَآءَهُمُ ٱلۡعَذَابُۚ وَلَيَأۡتِيَنَّهُم بَغۡتَةٗ وَهُمۡ لَا يَشۡعُرُونَ

ئەي پەيغەمبەر! مۇشرىكلار سەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان ئازابنى تېز كەلتۈرۈشۈڭنى تەلەپ قىلىدۇ. ناۋادا ئاللاھ ئۇلارنى ئازابلاش ئۈچۈن ئىلگىرى ھەم كېيىن بولمايدىغان مۇئەييەن ۋاقىت بېكىتمىگەن بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلار تەلەپ قىلغان ئازاب ئۇلار خەۋەرسىز تۇرغان ھالەتتە ئۇشتۇمتۇت كەلگەن بولاتتى. info
التفاسير:

external-link copy
54 : 29

يَسۡتَعۡجِلُونَكَ بِٱلۡعَذَابِ وَإِنَّ جَهَنَّمَ لَمُحِيطَةُۢ بِٱلۡكَٰفِرِينَ

ئۇلار سەن ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شەك - شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا كاپىرلارغا ۋەدە قىلغان جەھەننەم ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن قورشاپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
55 : 29

يَوۡمَ يَغۡشَىٰهُمُ ٱلۡعَذَابُ مِن فَوۡقِهِمۡ وَمِن تَحۡتِ أَرۡجُلِهِمۡ وَيَقُولُ ذُوقُواْ مَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ

ئۇ كۈندە ئازاب ئۇلارنى ئۈستىلىرىدىن يېپىنچا، ئاياغلىرى ئاستىدىن سېلىنچا بولۇپ ئورىۋالىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا كايىپ: سىلەر شېرىك كەلتۈرگىنىڭلارنىڭ ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلىرىڭلارنىڭ جازاسىنى تېتىڭلار، دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
56 : 29

يَٰعِبَادِيَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِنَّ أَرۡضِي وَٰسِعَةٞ فَإِيَّٰيَ فَٱعۡبُدُونِ

ئەي مۇئمىن بەندىلىرىم! ماڭا ئىبادەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن زېمىندىن كۆچۈپ كېتىڭلار، مېنىڭ زېمىنىم ھەقىقەتەن كەڭرىدۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار، ماڭا ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
57 : 29

كُلُّ نَفۡسٖ ذَآئِقَةُ ٱلۡمَوۡتِۖ ثُمَّ إِلَيۡنَا تُرۡجَعُونَ

ئۆلۈمدىن قورقۇش سىلەرنى ھىجرەت قىلىشتىن توسۇپ قويمىسۇن. ھەر بىر جاندار ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىيدۇ. ئاندىن سىلەر قىيامەت كۈنى ھېساب بېرىش ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن پەقەت بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلۇسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
58 : 29

وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ لَنُبَوِّئَنَّهُم مِّنَ ٱلۡجَنَّةِ غُرَفٗا تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَاۚ نِعۡمَ أَجۡرُ ٱلۡعَٰمِلِينَ

ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ھەمدە ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان سالىھ ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرنى جەننەتتە ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان ھۇجرىلارغا ئورۇنلاشتۇرىمىز، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچىلار ئېرىشكەن بۇ مۇكاپات نېمىدېگەن ياخشى ھە! info
التفاسير:

external-link copy
59 : 29

ٱلَّذِينَ صَبَرُواْ وَعَلَىٰ رَبِّهِمۡ يَتَوَكَّلُونَ

ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتتىن يىراق بولۇشتا سەۋرچان بولغانلارنىڭ مۇكاپاتى نېمىدېگەن ياخشى! ئۇلار بارلىق ئىشلىرىدا پەقەت يېگانە ئاللاھقىلا تايىنىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
60 : 29

وَكَأَيِّن مِّن دَآبَّةٖ لَّا تَحۡمِلُ رِزۡقَهَا ٱللَّهُ يَرۡزُقُهَا وَإِيَّاكُمۡۚ وَهُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ

نۇرغۇن جاندارلار ئۆز رىزقىنى تېپىپ يېيەلمەيدۇ، ئاللاھ ئۇلارغىمۇ، سىلەرگىمۇ رىزىق بېرىدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئاچ قېلىشتىن قورقۇپ ھىجرەت قىلماسلىققا باھانەڭلار يوق. ئاللاھ سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، نىيىتىڭلارنى ۋە ئىش - ھەرىكىتىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئاللاھقا بۇلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە ئاللاھ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
61 : 29

وَلَئِن سَأَلۡتَهُم مَّنۡ خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَسَخَّرَ ٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَ لَيَقُولُنَّ ٱللَّهُۖ فَأَنَّىٰ يُؤۡفَكُونَ

ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر مۇشرىكلاردىن: ئاسمانلارنى ياراتقان كىم؟ زېمىننى ياراتقان كىم؟ قۇياش بىلەن ئاينى نۆۋەتلىشىپ تۇرىدىغان ھالەتتە بەندىلەرنىڭ خىزمىتىگە سېلىپ بەرگىنى كىم؟ دەپ سورىساڭ، ئۇلار ئەلۋەتتە: ئاللاھ ياراتتى، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. شۇنداق تۇرۇپ ئۇلار قانداقسىگە ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشتىن بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟ قانداقسىگە ئاللاھنى قويۇپ، قىلچە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ئىلاھلارغا چوقۇنىدۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
62 : 29

ٱللَّهُ يَبۡسُطُ ٱلرِّزۡقَ لِمَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦ وَيَقۡدِرُ لَهُۥٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٞ

ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ، بۇنىڭ ھېكمىتىنى پەقەت ئۆزى بىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە مەخپىي ئەمەس، بەندىلىرىگە پايدىلىق تەدبىرلەرمۇ مەخپىي ئەمەس. info
التفاسير:

external-link copy
63 : 29

وَلَئِن سَأَلۡتَهُم مَّن نَّزَّلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَحۡيَا بِهِ ٱلۡأَرۡضَ مِنۢ بَعۡدِ مَوۡتِهَا لَيَقُولُنَّ ٱللَّهُۚ قُلِ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِۚ بَلۡ أَكۡثَرُهُمۡ لَا يَعۡقِلُونَ

ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر مۇشرىكلاردىن: ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق قۇرۇپ كەتكەن زېمىندا ئۆسۈملۈكلەرنى چىقارغان كىم؟ دەپ سورىساڭ، ئۇلار: ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق زېمىندا (ئۆسۈملۈكلەرنى) ئۆستۈرگەن ئاللاھ، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى: بارلىق ھەمدۇسانا سىلەرگە پاكتىلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ئاللاھقا خاستۇر. گەپنىڭ قىسقىسى، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئەقلىنى ئىشلەتمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەقلىنى ئىشلەتكەن بولسا ئىدى، ھەرگىزمۇ قىلچە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلمىغان بولاتتى. info
التفاسير:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• استعجال الكافر بالعذاب دليل على حمقه.
كاپىرنىڭ ئازابنى ئالدىراتقانلىقى ئۇنىڭ ھاماقەتلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. info

• باب الهجرة من أجل سلامة الدين مفتوح.
دىنىنى قوغداش ئۈچۈن ھىجرەت ئىشىكى داۋاملىق ئوچۇقتۇر. info

• فضل الصبر والتوكل على الله.
سەۋرچانلىق ۋە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش پەزىلەتلىك ئەمەلدۇر. info

• الإقرار بالربوبية دون الإقرار بالألوهية لا يحقق لصاحبه النجاة والإيمان.
ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئىلاھلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان كىشى نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدۇ ھەمدە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ. info