আল-কোৰআনুল কাৰীমৰ অৰ্থানুবাদ - আল-মুখতাচাৰ ফী তাফছীৰিল কোৰআনিল কাৰীমৰ উইঘুৰ অনুবাদ

পৃষ্ঠা নং:close

external-link copy
46 : 29

۞ وَلَا تُجَٰدِلُوٓاْ أَهۡلَ ٱلۡكِتَٰبِ إِلَّا بِٱلَّتِي هِيَ أَحۡسَنُ إِلَّا ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ مِنۡهُمۡۖ وَقُولُوٓاْ ءَامَنَّا بِٱلَّذِيٓ أُنزِلَ إِلَيۡنَا وَأُنزِلَ إِلَيۡكُمۡ وَإِلَٰهُنَا وَإِلَٰهُكُمۡ وَٰحِدٞ وَنَحۡنُ لَهُۥ مُسۡلِمُونَ

ئەي مۇئمىنلەر! سىلەر يەھۇدىي ۋە ناسارالار بىلەن گۈزەل ئۇسلۇب ۋە ئۈلگىلىك رەۋىشتە مۇنازىرىلىشىڭلاركى، ئۇ بولسا ۋەز - نەسىھەت ۋە روشەن پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق دەۋەت قىلىشتۇر. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن سەركەشلىك ھەم تەكەببۇرلۇق بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلار ۋە سىلەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. تاكى ئۇلار مۇسۇلمان بولغانغا قەدەر ياكى بويسۇنۇپ جىزىيە بەرگەنگە قەدەر ئۇلارغا ئۇرۇش ئېچىڭلار. يەھۇدىي ۋە ناسارالارغا ئېيتىڭلاركى، بىز ئاللاھ بىزگە نازىل قىلغان قۇرئانغا ئىمان ئېيتتۇق، سىلەرگە نازىل قىلىنغان تەۋرات ۋە ئىنجىلغىمۇ ئىمان ئېيتتۇق، بىزنىڭ ئىلاھىمىز بىلەن سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىردۇر، ئاللاھنىڭ ئىلاھلىقىدا، پەرۋەردىگارلىقىدا ۋە مۇكەممەللىكىدە تەڭدىشى يوق، بىز پەقەت ئۇنىڭغىلا بويسۇنۇپ، باش ئەگكۈچىلەرمىز. info
التفاسير:

external-link copy
47 : 29

وَكَذَٰلِكَ أَنزَلۡنَآ إِلَيۡكَ ٱلۡكِتَٰبَۚ فَٱلَّذِينَ ءَاتَيۡنَٰهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ يُؤۡمِنُونَ بِهِۦۖ وَمِنۡ هَٰٓؤُلَآءِ مَن يُؤۡمِنُ بِهِۦۚ وَمَا يَجۡحَدُ بِـَٔايَٰتِنَآ إِلَّا ٱلۡكَٰفِرُونَ

بىز سەندىن ئىلگىرىكىلەرگە كىتابلارنى نازىل قىلغىنىمىزدەك ساڭىمۇ قۇرئاننى نازىل قىلدۇق. ئابدۇللا ئىبنى سالامغا ئوخشاش تەۋراتنى ئوقۇيدىغان بىر قىسىم كىشىلەر قۇرئانغا ئىشىنىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرىدا قۇرئاننىڭ سۈپىتىنى تاپالايدۇ. ماۋۇ مۇشرىكلاردىنمۇ قۇرئانغا ئىشىنىدىغانلار بار. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت كاپىرلارلا ئىنكار قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئادىتى ھەق ئوپئوچۇق تۇرسىمۇ كۇپۇرلۇق ۋە ئىنكارچىلىقتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
48 : 29

وَمَا كُنتَ تَتۡلُواْ مِن قَبۡلِهِۦ مِن كِتَٰبٖ وَلَا تَخُطُّهُۥ بِيَمِينِكَۖ إِذٗا لَّٱرۡتَابَ ٱلۡمُبۡطِلُونَ

ئەي پەيغەمبەر! سەن قۇرئاندىن ئىلگىرى ھېچقانداق كىتاب ئوقۇپمۇ باقمىغان، ئۆز قولۇڭ بىلەن بىر نەرسىمۇ يېزىپ باقمىغان ئىدىڭ. چۈنكى سەن ئوقۇش - يېزىشنى بىلمەيدىغان، ئىلىمسىز ئىدىڭ. ناۋادا سەن ئوقۇپ - يازالايدىغان بىرى بولساڭ ئىدىڭ، ئەلۋەتتە نادان كىشىلەر سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭدە شەك قىلىپ، ئۇ ئىلگىرىكى كىتابلاردىن يېزىۋالغان، دېگەننى باھانە قىلىشاتتى. info
التفاسير:

external-link copy
49 : 29

بَلۡ هُوَ ءَايَٰتُۢ بَيِّنَٰتٞ فِي صُدُورِ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡعِلۡمَۚ وَمَا يَجۡحَدُ بِـَٔايَٰتِنَآ إِلَّا ٱلظَّٰلِمُونَ

ئۇنداق ئەمەس، ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئان ئىلىم بېرىلگەن مۇئمىنلەرنىڭ دىللىرىدا روشەن ئايەتلەردۇر. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت ئاللاھقا كاپىر بولۇش ۋە شېرىك كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلارلا ئىنكار قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
50 : 29

وَقَالُواْ لَوۡلَآ أُنزِلَ عَلَيۡهِ ءَايَٰتٞ مِّن رَّبِّهِۦۚ قُلۡ إِنَّمَا ٱلۡأٓيَٰتُ عِندَ ٱللَّهِ وَإِنَّمَآ أَنَا۠ نَذِيرٞ مُّبِينٌ

مۇشرىكلار: مۇھەممەدكە نېمىشقا ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغىنىدەك پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن مۆجىزىلەر نازىل قىلىنمىدى؟ دېيىشتى. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، مۆجىزىلەر پەقەت ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇركى، ئاللاھ ئۇنى ئۆزى خالىغان چاغدا چۈشۈرىدۇ، مۆجىزىلەرنى چۈشۈرۈش مېنىڭ قولۇمدا ئەمەس. مەن پەقەت سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن. info
التفاسير:

external-link copy
51 : 29

أَوَلَمۡ يَكۡفِهِمۡ أَنَّآ أَنزَلۡنَا عَلَيۡكَ ٱلۡكِتَٰبَ يُتۡلَىٰ عَلَيۡهِمۡۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَرَحۡمَةٗ وَذِكۡرَىٰ لِقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ

ئەي پەيغەمبەر! مۆجىزە تەلەپ قىلغان بۇ كىشىلەرگە بىزنىڭ ساڭا قۇرئاننى نازىل قىلغانلىقىمىز يەتمىدىمۇ؟ شەكسىزكى ئۇلارغا نازىل قىلىنغان قۇرئاندا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن رەھمەت ۋە پەند - نەسىھەت بار. چۈنكى ئۇلار قۇرئاندىكى مەزمۇنلاردىن مەنپەئەتلىنەلەيدۇ. ئۇلارغا نازىل قىلىنغان نەرسە ئۇلار تەلەپ قىلغان، ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان نەرسىدىن كۆپ ياخشىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
52 : 29

قُلۡ كَفَىٰ بِٱللَّهِ بَيۡنِي وَبَيۡنَكُمۡ شَهِيدٗاۖ يَعۡلَمُ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۗ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ بِٱلۡبَٰطِلِ وَكَفَرُواْ بِٱللَّهِ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡخَٰسِرُونَ

ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، مەن ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەردە راستچىل ئىكەنلىكىمگە ھەمدە سىلەرنىڭ ئۇنى ئىنكار قىلغانلىقىڭلارغا گۇۋاھ بولۇشقا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر. ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭغا بۇلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغا ئىشەنگەن، ئىبادەت قىلىشقا لايىق يېگانە ئاللاھنى ئىنكار قىلغانلار ئىماننى كۇپرىغا تېگىشكەنلىكى ئۈچۈن زىيان تارتقۇچىلاردۇر. info
التفاسير:
এই পৃষ্ঠাৰ আয়াতসমূহৰ পৰা সংগৃহীত কিছুমান উপকাৰী তথ্য:
• مجادلة أهل الكتاب تكون بالتي هي أحسن.
ئەھلى كىتاب بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرە قىلىنىدۇ. info

• الإيمان بجميع الرسل والكتب دون تفريق شرط لصحة الإيمان.
پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە ۋە كىتابلارغا ئايرىماستىن ئىمان كەلتۈرۈش ئىماننىڭ توغرا بولۇشىنىڭ شەرتىدۇر. info

• القرآن الكريم الآية الخالدة والحجة الدائمة على صدق النبي صلى الله عليه وسلم.
قۇرئان كەرىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ راستلىقىغا مەڭگۈلۈك مۆجىزە ۋە ئىزچىل ھۆججەتتۇر. info