وَحَآجَّهُۥ قَوۡمُهُۥۚ قَالَ أَتُحَٰٓجُّوٓنِّي فِي ٱللَّهِ وَقَدۡ هَدَىٰنِۚ وَلَآ أَخَافُ مَا تُشۡرِكُونَ بِهِۦٓ إِلَّآ أَن يَشَآءَ رَبِّي شَيۡـٔٗاۚ وَسِعَ رَبِّي كُلَّ شَيۡءٍ عِلۡمًاۚ أَفَلَا تَتَذَكَّرُونَ
ئىبراھىم بىلەن ئۇنىڭ مۇشرىك قەۋمى ئاللاھ تائالانىڭ بىرلىكى توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىپ، ئۇنى بۇتلىرىدىن ئاگاھلاندۇردى. ئاندىن ئىبراھىم ئۇلارغا: سىلەر تېخى مەن بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ بىرلىكى ۋە قۇلچىلىقنى يالغۇز ئۇنىڭغىلا قىلىش توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىۋاتامسىلەر؟ پەرۋەردىگارىم مېنى ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭغا مۇۋەپپەق قىلىپ بولدى، مەن سىلەرنىڭ بۇتلىرىڭلاردىن قورقمايمەن. چۈنكى ئۇلار ماڭا ئاللاھ خالىغاندىن باشقا ھېچقانداق پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ خالىغان ئىش بولىدۇ، ھەر ئىش ئاللاھ بىلىپ ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، ئۇنىڭغا نە زېمىندا، نە ئاسماندا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئەي قەۋمىم! ئاللاھقا كاپىر بولۇش ۋە شېرىك كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت سىلەر داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بۇ ئىشنى تاشلاپ، يەككە-يېگانە ئاللاھقا ئىمان ئېيتمامسىلەر؟
التفاسير: