وَٱضۡرِبۡ لَهُم مَّثَلَ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا كَمَآءٍ أَنزَلۡنَٰهُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ فَٱخۡتَلَطَ بِهِۦ نَبَاتُ ٱلۡأَرۡضِ فَأَصۡبَحَ هَشِيمٗا تَذۡرُوهُ ٱلرِّيَٰحُۗ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ مُّقۡتَدِرًا
ئەي پەيغەمبەر! دۇنياغا مەپتۇن بولغانلارغا مۇنداق بىر مىسال كەلتۈرگىن: دۇنيا ئۆتكۈنچىلىكى ۋە ئىنتايىن تېز يوقۇلۇشىدا بىز ئاسماندىن چۈشۈرگەن يامغۇر سۈيىگە ئوخشايدۇكى، بۇ سۇ بىلەن زېمىننىڭ ئۆسۈملۈكلىرى ئۈنۈپ، باراقسانلىشىدۇ. ئاندىن بۇ ئۆسۈملۈكلەر قۇرۇپ تۆكۈلىدۇ، ئۇنىڭ پارچىلىرىنى شاماللار تەرەپ - تەرەپكە ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ. نەتىجىدە زېمىن ئەسلىدىكى (قۇرۇق) ھالىتىگە قايتىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەر نەرسىگە قادىردۇر، ئۇنى ھېچ نەرسە ئاجىزلاشتۇرالمايدۇ، ئۇ خالىغىنىنى ياشنىتىدۇ، خالىغىنىنى يوق قىلىدۇ.
التفاسير: