ترجمة معاني القرآن الكريم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم

سورة الإخلاص - ئىخلاس

من مقاصد السورة:
تفرد الله بالألوهية والكمال وتنزهه عن الولد والوالد والنظير.
ئاللاھ تائالانىڭ ئىلاھلىق ۋە مۇكەممەللىكتە يەككە-يىگانە ئىكەنلىكى، ئاللاھنىڭ بالىدىن، ئاتىدىن ۋە ئوخشىشى بولۇشتىن پاك بولغانلىقىنىڭ بايانى . info

external-link copy
1 : 112

قُلۡ هُوَ ٱللَّهُ أَحَدٌ

ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ئاللاھ تائالا ئىلاھلىقتا يەككە - يېگانىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 112

ٱللَّهُ ٱلصَّمَدُ

ئاللاھ تائالا ھەممىنىڭ ئىگىسىدۇر، مۇكەممەللىك ۋە گۈزەللىك سۈپەتلىرىدىكى ئۇلۇغلۇقتا تەڭداشسىزدۇر. پۈتۈن مەخلۇقاتلار ئۇنىڭغا موھتاجدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 112

لَمۡ يَلِدۡ وَلَمۡ يُولَدۡ

ئۇ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، ئۇنى بىرەرسى تۇغقانمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ نە بالىسى، نە ئاتىسى يوقتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 112

وَلَمۡ يَكُن لَّهُۥ كُفُوًا أَحَدُۢ

مەخلۇقاتلىرى ئىچىدە ئۇنىڭ ئوخشىشىمۇ يوقتۇر. info
التفاسير:
من فوائد الآيات في هذه الصفحة:
• إثبات صفات الكمال لله، ونفي صفات النقص عنه.
بۇ ئايەتلەر مۇكەممەللىك سۈپەتلىرىنىڭ ئاللاھقا خاس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭدىن بارچە كەمچىل سۈپەتلەرنى يوققا چىقىرىشنى ئىپادىلەيدۇ. info

• ثبوت السحر، ووسيلة العلاج منه.
سېھىرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھەمدە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. info

• علاج الوسوسة يكون بذكر الله والتعوذ من الشيطان.
ۋەسۋەسىنىڭ چارىسى ئاللاھنى ياد ئېتىش ۋە شەيتاندىن پاناھلىق تىلەش بىلەن بولىدۇ. info