《古兰经》译解 - 维吾尔语翻译 - 穆罕默德·萨利赫

页码:close

external-link copy
60 : 28

وَمَآ أُوتِيتُم مِّن شَيۡءٖ فَمَتَٰعُ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا وَزِينَتُهَاۚ وَمَا عِندَ ٱللَّهِ خَيۡرٞ وَأَبۡقَىٰٓۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ

سىلەرگە قانداق نەرسە بېرىلمىسۇن، (ئۇ) دۇنيا تىرىكچىلىكىدىكى پايدىلىنىدىغان نەرسىدۇر ۋە دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب ئەڭ ياخشىدۇر، ئەڭ باقىيدۇر، چۈشەنمەمسىلەر؟[60] info
التفاسير:

external-link copy
61 : 28

أَفَمَن وَعَدۡنَٰهُ وَعۡدًا حَسَنٗا فَهُوَ لَٰقِيهِ كَمَن مَّتَّعۡنَٰهُ مَتَٰعَ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا ثُمَّ هُوَ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ مِنَ ٱلۡمُحۡضَرِينَ

بىز ياخشى ۋەدىنى قىلغان (يەنى جەننەتنى ۋەدە قىلغان) ئادەم ئۇنى تاپىدۇ، (ئۇ) دۇنيا تىرىكچىلىكىدىكى پايدىلىنىدىغان نەرسىلەر بىلەن بىز پايدىلاندۇرغان، ئاندىن قىيامەت كۈنى ئازابقا دۇچار بولغان ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟[61] info
التفاسير:

external-link copy
62 : 28

وَيَوۡمَ يُنَادِيهِمۡ فَيَقُولُ أَيۡنَ شُرَكَآءِيَ ٱلَّذِينَ كُنتُمۡ تَزۡعُمُونَ

شۇ كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا: «سىلەر گۇمان قىلغان مېنىڭ شېرىكلىرىم قەيەردە؟ » دەپ نىدا قىلىدۇ[62]. info
التفاسير:

external-link copy
63 : 28

قَالَ ٱلَّذِينَ حَقَّ عَلَيۡهِمُ ٱلۡقَوۡلُ رَبَّنَا هَٰٓؤُلَآءِ ٱلَّذِينَ أَغۡوَيۡنَآ أَغۡوَيۡنَٰهُمۡ كَمَا غَوَيۡنَاۖ تَبَرَّأۡنَآ إِلَيۡكَۖ مَا كَانُوٓاْ إِيَّانَا يَعۡبُدُونَ

ئۆزلىرىگە ئازاب تېگىشلىك بولغانلار (يەنى مۇشرىكلارنىڭ چوڭلىرى): «پەرۋەردىگارىمىز! بىز (سېنىڭ يولۇڭدىن) ئازدۇرغانلارنى (يەنى ئەگەشكۈچىلىرىمىزنى) ئۆزىمىز ئازغاندەك ئازدۇردۇق. (پەرۋەردىگارىمىز!) ئۇلاردىن يىراقلىشىپ ساڭا يېقىنلاشتۇق، ئۇلار بىزگە ئىبادەت قىلمايتتى (پەقەت نەپسى خاھىشلىرىغا ئىبادەت قىلاتتى)» دېيىشىدۇ[63]. info
التفاسير:

external-link copy
64 : 28

وَقِيلَ ٱدۡعُواْ شُرَكَآءَكُمۡ فَدَعَوۡهُمۡ فَلَمۡ يَسۡتَجِيبُواْ لَهُمۡ وَرَأَوُاْ ٱلۡعَذَابَۚ لَوۡ أَنَّهُمۡ كَانُواْ يَهۡتَدُونَ

ئۇلارغا: «شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار» دېيىلگەن ھامان، ئۇلار شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىنى چاقىرىدۇ، ئۇلاردىن جاۋاب كەلمەيدۇ، ئۇلار ئازابنى كۆرگەن چاغدا، (كاپىر بولغانلىقلىرىغا نادامەت قىلىپ) (دۇنيادىكى ۋاقتىدا) ھىدايەت تاپقان بولۇشلىرىنى ئارزۇ قىلىدۇ[64]. info
التفاسير:

external-link copy
65 : 28

وَيَوۡمَ يُنَادِيهِمۡ فَيَقُولُ مَاذَآ أَجَبۡتُمُ ٱلۡمُرۡسَلِينَ

ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا نىدا قىلىپ ئېيتىدۇ: «پەيغەمبەرلەرگە نېمە بىلەن جاۋاپ بەردىڭلار؟»[65]. info
التفاسير:

external-link copy
66 : 28

فَعَمِيَتۡ عَلَيۡهِمُ ٱلۡأَنۢبَآءُ يَوۡمَئِذٖ فَهُمۡ لَا يَتَسَآءَلُونَ

ئۇ كۈندە ئۇلارغا بارلىق خەۋەرلەر قاراڭغۇ بولىدۇ، ئۇلار ئۆز ئارا سوراشمايدۇ[66]. info
التفاسير:

external-link copy
67 : 28

فَأَمَّا مَن تَابَ وَءَامَنَ وَعَمِلَ صَٰلِحٗا فَعَسَىٰٓ أَن يَكُونَ مِنَ ٱلۡمُفۡلِحِينَ

تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغان ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردىن بولۇشى ئۈمىدلىكتۇر[67]. info
التفاسير:

external-link copy
68 : 28

وَرَبُّكَ يَخۡلُقُ مَا يَشَآءُ وَيَخۡتَارُۗ مَا كَانَ لَهُمُ ٱلۡخِيَرَةُۚ سُبۡحَٰنَ ٱللَّهِ وَتَعَٰلَىٰ عَمَّا يُشۡرِكُونَ

ئاللاھ (مەخلۇقاتىدىن) خالىغىنىنى يارىتىدۇ، خالىغان ئادەمنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللايدۇ، تاللاش ھوقۇقى ئۇلاردا ئەمەس. ئاللاھ پاكتۇر، ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىرىدىن ئۈستۈندۇر[68]. info
التفاسير:

external-link copy
69 : 28

وَرَبُّكَ يَعۡلَمُ مَا تُكِنُّ صُدُورُهُمۡ وَمَا يُعۡلِنُونَ

پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرۇن تۇتقانلىرىنى ۋە (ئېغىزلىرىدا) دېگەنلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ[69]. info
التفاسير:

external-link copy
70 : 28

وَهُوَ ٱللَّهُ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۖ لَهُ ٱلۡحَمۡدُ فِي ٱلۡأُولَىٰ وَٱلۡأٓخِرَةِۖ وَلَهُ ٱلۡحُكۡمُ وَإِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ

ئۇ ئاللاھتۇر، ئۇنىڭدىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ھۆكۈم چىقىرىش ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر[70]. info
التفاسير: