《古兰经》译解 - 维吾尔语翻译 - 穆罕默德·萨利赫

页码: 221:221 close

external-link copy
6 : 11

۞ وَمَا مِن دَآبَّةٖ فِي ٱلۡأَرۡضِ إِلَّا عَلَى ٱللَّهِ رِزۡقُهَا وَيَعۡلَمُ مُسۡتَقَرَّهَا وَمُسۡتَوۡدَعَهَاۚ كُلّٞ فِي كِتَٰبٖ مُّبِينٖ

يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىگە رىزىق بېرىشنى ئاللاھ (مەرھەمەت يۈزىسىدىن) ئۈستىگە ئالغان، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تۇرار جايىنى ۋە (ئۆلگەندىن كېيىن) كۆمۈلىدىغان جايىنى بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى روشەن كىتابقا(يەنى لەۋھۇلمەھپۇزغا) يېزىلغاندۇر[6]. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 11

وَهُوَ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٖ وَكَانَ عَرۡشُهُۥ عَلَى ٱلۡمَآءِ لِيَبۡلُوَكُمۡ أَيُّكُمۡ أَحۡسَنُ عَمَلٗاۗ وَلَئِن قُلۡتَ إِنَّكُم مَّبۡعُوثُونَ مِنۢ بَعۡدِ ٱلۡمَوۡتِ لَيَقُولَنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّا سِحۡرٞ مُّبِينٞ

ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى. (ئاسمان ـ زېمىننى يارىتىشتىن ئىلگىرى) ئاللاھنىڭ ئەرشى سۇ ئۈستىدە ئىدى. سىلەرنىڭ قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن ئاللاھ (ئۇلارنى ياراتتى). (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر سەن(مەككە كۇففارلىرىغا): «سىلەر ئۆلگەندىن كېيىن چوقۇم تىرىلىسىلەر!» دېسەڭ، كاپىرلار چوقۇم ئېيتىدۇ: «بۇپەقەت روشەن سېھىردۇر»[7]. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 11

وَلَئِنۡ أَخَّرۡنَا عَنۡهُمُ ٱلۡعَذَابَ إِلَىٰٓ أُمَّةٖ مَّعۡدُودَةٖ لَّيَقُولُنَّ مَا يَحۡبِسُهُۥٓۗ أَلَا يَوۡمَ يَأۡتِيهِمۡ لَيۡسَ مَصۡرُوفًا عَنۡهُمۡ وَحَاقَ بِهِم مَّا كَانُواْ بِهِۦ يَسۡتَهۡزِءُونَ

ئەگەر بىز ئۇلارغا نازىل بولىدىغان ئازابنى چەكلىك ۋاقىت كېچىكتۈرسەك ، ئۇلار چوقۇم(مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «ئازاب نېمىشقا چۈشمەيدۇ؟» دەيدۇ. راستلا ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى چۈشكەن كۈندە، ئۇلار قاچىدىغان يەر تاپالمايدۇ. ئۇلار مەسخىرە قىلغان ئازاب ئۇلارنى قورشىۋالىدۇ[8]. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 11

وَلَئِنۡ أَذَقۡنَا ٱلۡإِنسَٰنَ مِنَّا رَحۡمَةٗ ثُمَّ نَزَعۡنَٰهَا مِنۡهُ إِنَّهُۥ لَيَـُٔوسٞ كَفُورٞ

ئەگەر بىز ئىنسانغا رەھمىتىمىزنى تېتىتساق (يەنى نېمىتىمىزنى بەرسەك)، ئاندىن ئۇنى ئۇنىڭدىن تارتىۋالساق، ئۇ چوقۇم (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ، كۇفرانى نېمەت قىلىدۇ[9]. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 11

وَلَئِنۡ أَذَقۡنَٰهُ نَعۡمَآءَ بَعۡدَ ضَرَّآءَ مَسَّتۡهُ لَيَقُولَنَّ ذَهَبَ ٱلسَّيِّـَٔاتُ عَنِّيٓۚ إِنَّهُۥ لَفَرِحٞ فَخُورٌ

ئەگەر بىز (پېقىرلىق ، كېسەللىك، قاتتىقچىلىق قاتارلىق) بالالارغا مۇپتىلا قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا نېمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇ چوقۇم: «مەندىن بالالار كۆتۈرۈلۈپ كەتتى (ئەمدى كەلمەيدۇ)» دەپ شەك -شۈبھىسىز خۇشاللىنىپ، مەغرۇرلىنىپ كېتىدۇ[10]. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 11

إِلَّا ٱلَّذِينَ صَبَرُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ أُوْلَٰٓئِكَ لَهُم مَّغۡفِرَةٞ وَأَجۡرٞ كَبِيرٞ

پەقەت (بالاغا ئۇچرىغاندا) سەۋرى قىلغان، (نېمەتكە ئېرىشكەندە) ياخشى ئىشلارنى قىلغان كىشىلەر(ياخشىلاردۇر). ئۇلارنىڭ گۇناھى مەغپىرەت قىلىنىدۇ، ئۇلار(ئاخىرەتتە) چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ[11]. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 11

فَلَعَلَّكَ تَارِكُۢ بَعۡضَ مَا يُوحَىٰٓ إِلَيۡكَ وَضَآئِقُۢ بِهِۦ صَدۡرُكَ أَن يَقُولُواْ لَوۡلَآ أُنزِلَ عَلَيۡهِ كَنزٌ أَوۡ جَآءَ مَعَهُۥ مَلَكٌۚ إِنَّمَآ أَنتَ نَذِيرٞۚ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ وَكِيلٌ

(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ (يەنى مۇشرىكلارنىڭ) «نېمىشقا ئۇنىڭغا بىر خەزىنە چۈشمىدى ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىللە (ئۇنى تەستىقلايدىغان) بىرەر پەرىشتە كەلمىدى؟» دەيدىغانلىقى ئۈچۈن، ساڭا نازىل قىلىنغان ۋەھىينىڭ بىر قىسىمىنى يەتكۈزگۈڭ كەلمەيدىغاندۇ، يەتكۈزۈشتىن يۈرىكىڭ سىقىلىدىغاندۇ، سەن پەقەت (ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى تەسەررۇپ قىلغۇچىدۇر[12]. info
التفاسير: