《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。

页码:close

external-link copy
9 : 69

وَجَآءَ فِرۡعَوۡنُ وَمَن قَبۡلَهُۥ وَٱلۡمُؤۡتَفِكَٰتُ بِٱلۡخَاطِئَةِ

پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئۈممەتلەر ھەمدە ئاھالىسى دۈم كۆمتۈرۈۋېتىلگەن لۇت قەۋمى، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن ئىبارەت خاتا قىلمىشلارنى قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 69

فَعَصَوۡاْ رَسُولَ رَبِّهِمۡ فَأَخَذَهُمۡ أَخۡذَةٗ رَّابِيَةً

ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلىرىگە ئاسىيلىق قىلدى ۋە ئۇلار ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلىۋېتىدىغان ئازاب بىلەن جازالىدى. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 69

إِنَّا لَمَّا طَغَا ٱلۡمَآءُ حَمَلۡنَٰكُمۡ فِي ٱلۡجَارِيَةِ

شەكسىزكى سۇ بەك يۇقىرى ئۆرلەپ كەتكەن چاغدا بىز سىلەر پۇشتىدا بولغان ئەجدادلىرىڭلارنى نۇھ ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ ئەمرىمىز بىلەن ياسىغان كېمىگە سالدۇق. ئاندىن ئۇ كېمە سىلەرگە قاتناش ۋاستىسى بولدى. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 69

لِنَجۡعَلَهَا لَكُمۡ تَذۡكِرَةٗ وَتَعِيَهَآ أُذُنٞ وَٰعِيَةٞ

بىز نۇھنىڭ كېمىسىنىڭ ۋەقەلىكىنى كاپىرلارنىڭ ھالاك بولۇپ، مۇئمىنلەرنىڭ قۇتۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدىغانغا دەلىل قىلدۇق. ئۇنداق بولغانىكەن، ئۇنى ئاڭلاپ ئېسىدە تۇتىدىغانلار ئېسىدە تۇتسۇن. info
التفاسير:

external-link copy
13 : 69

فَإِذَا نُفِخَ فِي ٱلصُّورِ نَفۡخَةٞ وَٰحِدَةٞ

سۈر چېلىشقا مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتە ئىككىنچى قېتىملىق سۈرنى بىر چالغاندا، info
التفاسير:

external-link copy
14 : 69

وَحُمِلَتِ ٱلۡأَرۡضُ وَٱلۡجِبَالُ فَدُكَّتَا دَكَّةٗ وَٰحِدَةٗ

زېمىن ۋە تاغلار ئورۇنلىرىدىن كۆتۈرۈلۈپ، بىر - بىرىگە قاتتىق ئۇرۇلۇپ، كۇكۇم - تالقان بوپكېتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 69

فَيَوۡمَئِذٖ وَقَعَتِ ٱلۡوَاقِعَةُ

ئاشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مەيدانغا كەلگەن كۈندە قىيامەت قايىم بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
16 : 69

وَٱنشَقَّتِ ٱلسَّمَآءُ فَهِيَ يَوۡمَئِذٖ وَاهِيَةٞ

ئۇ كۈندە پەرىشتىلەرنىڭ چۈشۈشى ئۈچۈن ئاسمان يېرىلىدۇ. ئۇ كۈندە يەنە ئىنتايىن مۇستەھكەم بولغان ئاسمان ئاجىزلاپ قالىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
17 : 69

وَٱلۡمَلَكُ عَلَىٰٓ أَرۡجَآئِهَاۚ وَيَحۡمِلُ عَرۡشَ رَبِّكَ فَوۡقَهُمۡ يَوۡمَئِذٖ ثَمَٰنِيَةٞ

پەرىشتىلەر ئاسماننىڭ ئەتراپىدا تۇرىدۇ. بۇ بۈيۈك كۈندە پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەرشىنى مۇقەررەب پەرىشتىلەردىن سەككىز پەرىشتە باشلىرى ئۈستىدە كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
18 : 69

يَوۡمَئِذٖ تُعۡرَضُونَ لَا تَخۡفَىٰ مِنكُمۡ خَافِيَةٞ

ئەي ئىنسانلار! بۈ كۈندە ھېساب بېرىش ئۈچۈن ئاللاھقا توغرىلىنىسىلەر. سىلەرنىڭ ھېچ بىر مەخپىيەتلىكىڭلار ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ، بەلكى ئاللاھ ئۇنى بىلگۈچىدۇر ۋە خەۋەرداردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
19 : 69

فَأَمَّا مَنۡ أُوتِيَ كِتَٰبَهُۥ بِيَمِينِهِۦ فَيَقُولُ هَآؤُمُ ٱقۡرَءُواْ كِتَٰبِيَهۡ

نامە - ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەنلەر خۇشاللىق ۋە خۇرسەنلىكتىن: بۇ مېنىڭ نامە - ئەمال كىتابىم، قېنى ئوقۇپ بېقىڭلار. مەن ھەقىقەتەن دۇنيادىكى ۋاقتىمدا ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە جازا - مۇكاپاتقا تارتىلىدىغانلىقىمىزنى بىلىپ، چىنپۈتكەن ئىدىم، دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
20 : 69

إِنِّي ظَنَنتُ أَنِّي مُلَٰقٍ حِسَابِيَهۡ

نامە - ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەنلەر خۇشاللىق ۋە خۇرسەنلىكتىن: بۇ مېنىڭ نامە - ئەمال كىتابىم، قېنى ئوقۇپ بېقىڭلار. مەن ھەقىقەتەن دۇنيادىكى ۋاقتىمدا ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە جازا - مۇكاپاتقا تارتىلىدىغانلىقىمىزنى بىلىپ، چىنپۈتكەن ئىدىم، دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
21 : 69

فَهُوَ فِي عِيشَةٖ رَّاضِيَةٖ

ئۇ مەڭگۈلۈك نازۇ-نېئمەتلەرنى كۆرگەنلىكتىن كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
22 : 69

فِي جَنَّةٍ عَالِيَةٖ

ئالى ۋە مەرتىۋىسى يۇقىرى بولغان جەننەتتە بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
23 : 69

قُطُوفُهَا دَانِيَةٞ

ئۇ جەننەتنىڭ مېۋىلىرى ئالماقچى بولغانلارغا يېقىن بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
24 : 69

كُلُواْ وَٱشۡرَبُواْ هَنِيٓـَٔۢا بِمَآ أَسۡلَفۡتُمۡ فِي ٱلۡأَيَّامِ ٱلۡخَالِيَةِ

ئۇلارنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن: يەڭلار، ئىچىڭلار، (جەننەتتىكى بۇ يېمەكلىكلەر ۋە ئىچىملىكلەر) سىلەرگە زىيان قىلمايدۇ. سىلەر دۇنيادا ئۆتكەن كۈنلىرىڭلاردا سالىھ ئەمەللەرنى قىلغان ئىدىڭلار، دېيىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
25 : 69

وَأَمَّا مَنۡ أُوتِيَ كِتَٰبَهُۥ بِشِمَالِهِۦ فَيَقُولُ يَٰلَيۡتَنِي لَمۡ أُوتَ كِتَٰبِيَهۡ

نامە - ئەمالى سول قولىغا بېرىلگەنلەر قاتتىق پۇشايمان قىلغانلىقتىن دەيدۇكى، كاشكى ماڭا نامە - ئەمالىم بېرىلمىسە بوپتىكەن. چۈنكى ئۇنىڭغا ماڭا ئازاب كەلتۈرىدىغان يامان ئەمەللەر توشۇپ كېتىپتۇ. info
التفاسير:

external-link copy
26 : 69

وَلَمۡ أَدۡرِ مَا حِسَابِيَهۡ

كاشكى مەن ھېسابىمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمىگەن بولسامچۇ! info
التفاسير:

external-link copy
27 : 69

يَٰلَيۡتَهَا كَانَتِ ٱلۡقَاضِيَةَ

كاشكى مېنىڭ ئۆلىمىم مەڭگۈ تىرىلمەيدىغان ئۆلۈم بولسىچۇ! info
التفاسير:

external-link copy
28 : 69

مَآ أَغۡنَىٰ عَنِّي مَالِيَهۡۜ

مال - مۈلكۈم مەندىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى توسۇپ قالالمىدى. info
التفاسير:

external-link copy
29 : 69

هَلَكَ عَنِّي سُلۡطَٰنِيَهۡ

ئەمدى مېنىڭ دەلىل - پاكىتىم ھەمدە مەن تايىنىپ كەلگەن كۈچ - قۇۋۋەت ۋە يۈز - ئابرۇي ھەممىسى يوق بولدى. info
التفاسير:

external-link copy
30 : 69

خُذُوهُ فَغُلُّوهُ

ئاللاھ پەرىشتىلەرگە ئېيتىدۇ: ئى پەرىشتىلەر! بۇنى تۇتۇپ، بوينىغا تاقاق سېلىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
31 : 69

ثُمَّ ٱلۡجَحِيمَ صَلُّوهُ

ئاندىن ئۇنى ئوتنىڭ ھارارىتىنى تېتىشى ئۈچۈن دوزاخقا تاشلاڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
32 : 69

ثُمَّ فِي سِلۡسِلَةٖ ذَرۡعُهَا سَبۡعُونَ ذِرَاعٗا فَٱسۡلُكُوهُ

ئاندىن ئۇنى ئۇزۇنلۇقى 70 گەز كېلىدىغان زەنجىر بىلەن باغلاپ دوزاخقا تاشلاڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
33 : 69

إِنَّهُۥ كَانَ لَا يُؤۡمِنُ بِٱللَّهِ ٱلۡعَظِيمِ

(ئۇنىڭ بۇنداق ئازابلىنىشى شۇ سەۋەبتىندۇركى) ئۇ ئۇلۇغ ئاللاھقا ئىمان ئېيتمىغان ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
34 : 69

وَلَا يَحُضُّ عَلَىٰ طَعَامِ ٱلۡمِسۡكِينِ

باشقىلارنى كەمبەغەللەرگە تاماق بېرىشكە رىغبەتلەندۈرمەيتتى. info
التفاسير:

external-link copy
35 : 69

فَلَيۡسَ لَهُ ٱلۡيَوۡمَ هَٰهُنَا حَمِيمٞ

قىيامەت كۈنى ئۇنىڭدىن ئازابنى توسۇپ قالىدىغان دوست يوق. info
التفاسير:
这业中每段经文的优越:
• المِنَّة التي على الوالد مِنَّة على الولد تستوجب الشكر.
ئاتىغا بېرىلگەن نېئمەتنىڭ ئۆزى بالىغا بېرىلگەن نېئمەت بولۇپ، ئۇنىڭغا شۈكرى ئېيتىش زۆرۈر. info

• إطعام الفقير والحض عليه من أسباب الوقاية من عذاب النار.
كەمبەغەللەرگە تائام بېرىش ۋە باشقىلارنى ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرۈش دوزاخ ئازابىدىن ساقلىنىشنىڭ سەۋەبلىرىدىندۇر. info

• شدة عذاب يوم القيامة تستوجب التوقي منه بالإيمان والعمل الصالح.
قىيامەت كۈنىنىڭ قاتتىق ئازابىدىن ئىمان ۋە سالىھ ئەمەللەر بىلەن ساقلىنىش كېرەك. info