《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。

external-link copy
96 : 6

فَالِقُ ٱلۡإِصۡبَاحِ وَجَعَلَ ٱلَّيۡلَ سَكَنٗا وَٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَ حُسۡبَانٗاۚ ذَٰلِكَ تَقۡدِيرُ ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡعَلِيمِ

ئاللاھ تائالا تاڭنى كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدىن چىقىرىدۇ. ئۇ زات كېچىنى ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن تىرىكچىلىك قىلىشتىن توختايدىغان ئارام ۋاقتى قىلدى. بۇ، ئۇلارنىڭ كۈندۈزدىكى تىرىكچىلىك ھارغىنلىقىدىن ئارام ئېلىشلىرى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ قۇياشنى ۋە ئاينى بەلگىلىك نىسبەت بويىچە مېڭىپ تۇرىدىغان قىلىپ ياراتتى. مەزكۇر ئىشلار تەڭداشسىز سەنئەتتۇركى، ئۇ، ھېچكىم تەڭ كېلەلمەيدىغان، ھەممىدىن غالىب، ئۆز مەخلۇقاتلىرىنى ۋە ئۇلارغا پايدىلىق ئىشلارنى بىلگۈچى زاتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدۇر. info
التفاسير:
这业中每段经文的优越:
• الاستدلال ببرهان الخلق والرزق (تخليق النبات ونموه وتحول شكله وحجمه ونزول المطر) وببرهان الحركة (حركة الأفلاك وانتظام سيرها وانضباطها)؛ وكلاهما ظاهر مشاهَد - على انفراد الله سبحانه وتعالى بالربوبية واستحقاق الألوهية.
ئۆسۈملۈكلەرنى يارىتىش، ئۆستۈرۈش، شەكلى ۋە ھەجىملىرىنى ئۆزگەرتىش، يامغۇر ياغدۇرۇش دېگەندەك ئاللاھنىڭ يارىتىشى ۋە رىزىق بېرىشلىرىنى دەلىل قىلىش، شۇنداقلا ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتى، رېتىمى ۋە تەرتىپ-ئىنتىزاملىرىغا ئوخشاش ئىشلارنى دەلىل قىلىش، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ پەرۋەردىگارلىقى ۋە ئىلاھلىققا لايىقلىقىنىڭ كۆزگە كۆرۈنىدىغان ئىسپاتلىرىدۇر. info

• بيان ضلال وسخف عقول المشركين في عبادتهم للجن.
مۇشرىكلارنىڭ جىنلارغا چوقۇنۇشتىكى ئازغۇنلۇقى ۋە ئەقىلسىزلىكىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. info