《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。

external-link copy
42 : 50

يَوۡمَ يَسۡمَعُونَ ٱلصَّيۡحَةَ بِٱلۡحَقِّۚ ذَٰلِكَ يَوۡمُ ٱلۡخُرُوجِ

ئۇ كۈندە شەك - شۈبھىسىز ھەقىقەت بولغان قايتا تىرىلىش چۇقانىنى پۈتۈن خالايىق ئاڭلايدۇ. خالايىقلار بۇ چۇقاننى ئاڭلايدىغان ئاشۇ كۈن بولسا ئۆلۈكلەر ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قەبرىلىرىدىن چىقىدىغان كۈندۇر. info
التفاسير:
这业中每段经文的优越:
• الاعتبار بوقائع التاريخ من شأن ذوي القلوب الواعية.
تارىخىي ھادىسىلەردىن ئىبرەت ئېلىش ئويغاق قەلب ئىگىلىرىنىڭ ئىشىدۇر. info

• خلق الله الكون في ستة أيام لِحِكَم يعلمها الله، لعل منها بيان سُنَّة التدرج.
ئاللاھ تائالانىڭ پۈتۈن كائىناتنى ئالتە كۈندە ياراتقانلىقى پەقەت ئۆزىلا بىلىدىغان ھېكمەتلەر تۈپەيلىدىن بولۇپ، تەدرىجىيلىك قانۇنىيىتىنى بايان قىلىش شۇ ھېكمەتلەردىن بىرى بولسا كېرەك. info

• سوء أدب اليهود في وصفهم الله تعالى بالتعب بعد خلقه السماوات والأرض، وهذا كفر بالله.
يەھۇدىيلارنىڭ ئاللاھ تائالانى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يارىتىپ بولغاندىن كېيىن چارچاپ قالدى، دەپ سۈپەتلىشى ئەدەبسىزلىك بولۇپ، بۇ ئاللاھقا كاپىر بولۇشتۇر. info