《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。

external-link copy
5 : 39

خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ بِٱلۡحَقِّۖ يُكَوِّرُ ٱلَّيۡلَ عَلَى ٱلنَّهَارِ وَيُكَوِّرُ ٱلنَّهَارَ عَلَى ٱلَّيۡلِۖ وَسَخَّرَ ٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَۖ كُلّٞ يَجۡرِي لِأَجَلٖ مُّسَمًّىۗ أَلَا هُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡغَفَّٰرُ

ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى چوڭقۇر ھېكمەت بىلەن ياراتقان بولۇپ، زالىملار ئېيتقاندەك بىكارغا ياراتقىنى يوق. ئۇ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ بىرى كەلسە يەنە بىرى كېتىدۇ. ئاللاھ قۇياشنى ۋە ئاينىمۇ بويسۇندۇرغان بولۇپ، ئۇلاردىن ھەر بىرى بېكىتىلگەن ۋاقىت، يەنى بۇ دۇنيا ئاخىرلاشقانغا قەدەر توختىماي ئايلىنىپ تۇرىدۇ. بىلىپ قېلىڭلاركى، ھەممىدىن غالىب ئاللاھ تائالا دۈشمەنلىرىدىن ئۆچ ئالىدۇ، ئۇنى ھېچكىم يېڭەلمەيدۇ. ئۇ بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. info
التفاسير:
这业中每段经文的优越:
• الداعي إلى الله يحتسب الأجر من عنده، لا يريد من الناس أجرًا على ما يدعوهم إليه من الحق.
ئاللاھقا چاقىرغۇچى ئەجىرنى پەقەت ئۇنىڭدىن كۈتىدۇ، كىشىلەرنى ھەقىقەتكە چاقىرغانلىقى ئۈچۈن ئۇلاردىن مۇكاپات كۈتمەيدۇ. info

• التكلّف ليس من الدِّين.
ساختا تەكەللۇپ دىندىن ئەمەس. info

• التوسل إلى الله يكون بأسمائه وصفاته وبالإيمان وبالعمل الصالح لا غير.
ئاللاھقا ۋەسىلە قىلىش پەقەت ئۇنىڭ گۈزەل ئىسىم ۋە سۈپەتلىرى بىلەن، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىش ۋە ياخشى ئەمەل قىلىش بىلەن بولىدۇ. info