《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。

external-link copy
9 : 33

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱذۡكُرُواْ نِعۡمَةَ ٱللَّهِ عَلَيۡكُمۡ إِذۡ جَآءَتۡكُمۡ جُنُودٞ فَأَرۡسَلۡنَا عَلَيۡهِمۡ رِيحٗا وَجُنُودٗا لَّمۡ تَرَوۡهَاۚ وَكَانَ ٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرًا

ئى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە شەرىئەتكە ئەمەل قىلغان كىشىلەر! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېئمىتىنى ئەسلەڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا مەدىنىگە سىلەرگە قارشى ئۇرۇش ئېچىش ئۈچۈن كاپىرلارنىڭ بىرلەشمە قوشۇنى كەلدى، ئۇلارغا مۇناپىقلار بىلەن يەھۇدىيلار (ئاستىرتتىن) ياردەم بەردى. بىز ئۇلارغا قارشى شەرق شامىلىنى ئەۋەتتۇق، ئۇ شامال ئارقىلىق پەيغەمبەرگە ياردەم بېرىلدى. پەرىشتىلەردىن سىلەر كۆرەلمەيدىغان قوشۇنلارنى ئەۋەتتۇق. شۇنىڭ بىلەن كاپىرلار ھېچ ئىش قىلالماي ئارقىسىغا قاچتى. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا ئاشۇ ئىشلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. info
التفاسير:
这业中每段经文的优越:
• منزلة أولي العزم من الرسل.
ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەرنىڭ مەرتىۋىلىرى يۇقىرىدۇر. info

• تأييد الله لعباده المؤمنين عند نزول الشدائد.
قىيىن پەيتلەردە ئاللاھ تائالا مۇئمىن بەندىلىرىگە ياردەم بېرىدۇ. info

• خذلان المنافقين للمؤمنين في المحن.
خاپىلىق كەلگەندە مۇناپىقلار مۇئمىنلەرنى تاشلىۋېتىدۇ. info