《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。

external-link copy
60 : 33

۞ لَّئِن لَّمۡ يَنتَهِ ٱلۡمُنَٰفِقُونَ وَٱلَّذِينَ فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٞ وَٱلۡمُرۡجِفُونَ فِي ٱلۡمَدِينَةِ لَنُغۡرِيَنَّكَ بِهِمۡ ثُمَّ لَا يُجَاوِرُونَكَ فِيهَآ إِلَّا قَلِيلٗا

ئى پەيغەمبەر! ئەگەر مۇناپىقلار كۇپۇرلۇقنى يوشۇرۇپ، ئىسلامنى ئاشكارىلايدىغان مۇناپىقلىقتىن يانمىسا، ھاۋايى - ھەۋەسلىرىگە بېرىلىپ كەتكەن ئىستىلى بۇزۇقلار ۋە مۇئمىنلەرنىڭ ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىش ئۈچۈن مەدىنىدە يالغان خەۋەرلەرنى تارقىتىدىغانلار قىلمىشلىرىدىن يانمىسا، -ئەي پەيغەمبەر!- بىز سېنى چوقۇم ئۇلارنى جازالاشقا بۇيرۇيمىز، سېنى ئۇلارغا مۇسەللەت قىلىمىز. ئاندىن ئۇلار يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلىنىدىغانلىقى ياكى مەدىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلىدىغانلىقى ئۈچۈن مەدىنىدە سەن بىلەن پەقەت ئازغىنا ۋاقىت تۇرالايدۇ. info
التفاسير:
这业中每段经文的优越:
• علوّ منزلة النبي صلى الله عليه وسلم عند الله وملائكته.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ ۋە پەرىشتىلەرنىڭ نەزىرىدىكى مەرتىۋىسى يۇقىرىدۇر. info

• حرمة إيذاء المؤمنين دون سبب.
مۇئمىنلەرگە سەۋەبسىز ئازار بېرىش ھارامدۇر. info

• النفاق سبب لنزول العذاب بصاحبه.
نىپاق مۇناپىقنىڭ ئازابقا قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. info