《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。

external-link copy
77 : 28

وَٱبۡتَغِ فِيمَآ ءَاتَىٰكَ ٱللَّهُ ٱلدَّارَ ٱلۡأٓخِرَةَۖ وَلَا تَنسَ نَصِيبَكَ مِنَ ٱلدُّنۡيَاۖ وَأَحۡسِن كَمَآ أَحۡسَنَ ٱللَّهُ إِلَيۡكَۖ وَلَا تَبۡغِ ٱلۡفَسَادَ فِي ٱلۡأَرۡضِۖ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ ٱلۡمُفۡسِدِينَ

ئاللاھ ساڭا بەرگەن مال - مۈلۈكلەرنى ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىش ئارقىلىق ئاخىرەتتىكى ساۋابنى كۆزلىگىن، ئىسراپ قىلماستىن ۋە چوڭچىلىق قىلماستىن يەپ - ئىچىش، كىيىم - كېچەك ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھۇزۇر - ھالاۋەتتىن ئىبارەت نېسىۋەڭنىمۇ ئۇنتۇمىغىن، ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك، سەنمۇ پەرۋەردىگارىڭ ۋە ئۇنىڭ بەندىلىرىگە ياخشى مۇئامىلە قىلغىن، يەر يۈزىدە گۇناھ - مەئسىيەت ئۆتكۈزۈش ۋە تائەت - ئىبادەتلەرنى تاشلاش ئارقىلىق بۇزغۇنچىلىقنى تىلىمىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ، ئەكسىچە ئۇلارغا غەزەب قىلىدۇ. info
التفاسير:
这业中每段经文的优越:
• تعاقب الليل والنهار نعمة من نعم الله يجب شكرها له.
كېچە - كۈندۈزنىڭ نۆۋەت بىلەن ئالمىشىپ تۇرۇشى ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭغا شۈكرى قىلىش كېرەك. info

• الطغيان كما يكون بالرئاسة والملك يكون بالمال.
ھەددىدىن ئېشىش ئەمەل - مەنسەپ سەۋەبلىك بولغىنىدەك مال - دۇنيا سەۋەبلىكمۇ بولىدۇ. info

• الفرح بَطَرًا معصية يمقتها الله.
كۆرەڭلەش ئاللاھ ئۆچ كۆرىدىغان گۇناھتۇر. info

• ضرورة النصح لمن يُخاف عليه من الفتنة.
ئېزىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن كىشىگە نەسىھەت قىلىش زۆرۈردۇر. info

• بغض الله للمفسدين في الأرض.
ئاللاھ يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى ئۆچ كۆرىدۇ. info