Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm

بەلەد

Ilan sa mga Layon ng Surah:
بيان افتقار الإنسان وكبده وسبل نجاته.
ئىنساننىڭ نىجاتلىق يولىدىكى تېرىشچانلىقى ۋە كەمچىلىكىنىڭ بايانى. info

external-link copy
1 : 90

لَآ أُقۡسِمُ بِهَٰذَا ٱلۡبَلَدِ

ئاللاھ تائالا ھۆرمەتلىك شەھەر بولغان مەككە مۇكەررەمە بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 90

وَأَنتَ حِلُّۢ بِهَٰذَا ٱلۡبَلَدِ

ئەي پەيغەمبەر! ئۆلۈمگە لايىق بولغانلارنى ئۆلتۈرۈش، ئەسىر ئېلىشقا لايىق بولغانلارنى ئەسىر ئېلىشتىن ئىبارەت سەن بۇ شەھەردە قىلغان ئىشلار ساڭا ھالالدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 90

وَوَالِدٖ وَمَا وَلَدَ

ئاللاھ تائالا ئىنسانىيەتنىڭ ئاتىسى بىلەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ نەسلىدىن بولغان ئەۋلادلار بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 90

لَقَدۡ خَلَقۡنَا ٱلۡإِنسَٰنَ فِي كَبَدٍ

بىز ئىنساننى ھەقىقەتەن جاپا - مۇشەققەت ئىچىگە ياراتتۇق. چۈنكى ئۇ بۇ دۇنيادا جاپا چېكىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 90

أَيَحۡسَبُ أَن لَّن يَقۡدِرَ عَلَيۡهِ أَحَدٞ

ئىنسان گۇناھ - مەئسىيەت قىلسا ئۇنىڭغا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ پەرۋەردىگارىمۇ ئۇنىڭدىن ئىنتىقام ئالالمايدۇ، دەپ ئويلامدۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
6 : 90

يَقُولُ أَهۡلَكۡتُ مَالٗا لُّبَدًا

ئۇ: مەن ئۈستى - ئۈستىلەپ ئىنتايىن كۆپ مال سەرپ قىلدىم، دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 90

أَيَحۡسَبُ أَن لَّمۡ يَرَهُۥٓ أَحَدٌ

بۇ ماختانچاق ئۆزى سەرپ قىلغان ماللارنى ئاللاھ كۆرمەي قالىدۇ، ئۆزىدىن مال - مۈلكلىرىنى نەدىن تاپقانلىقى ۋە نەگە سەرپ قىلغانلىقى ھەققىدە ھېساب ئالمايدۇ، دەپ ئويلامدۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
8 : 90

أَلَمۡ نَجۡعَل لَّهُۥ عَيۡنَيۡنِ

بىز ئۇنىڭغا كۆرىدىغان ئىككى كۆز بەرمىدۇقمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
9 : 90

وَلِسَانٗا وَشَفَتَيۡنِ

گەپ قىلىدىغان بىر تىل ۋە ئىككى كالپۇك بەرمىدۇقمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
10 : 90

وَهَدَيۡنَٰهُ ٱلنَّجۡدَيۡنِ

بىز ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى تونۇتمۇدۇقمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
11 : 90

فَلَا ٱقۡتَحَمَ ٱلۡعَقَبَةَ

ئۇ ئۆزى بىلەن جەننەتنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىپ تۇرىدىغان داۋاندىن ئېشىپ، ئۇنى بېسىپ ئۆتۈشى تەلەپ قىلىنغۇچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 90

وَمَآ أَدۡرَىٰكَ مَا ٱلۡعَقَبَةُ

ئەي پەيغەمبەر! جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بولغان داۋاننىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلىسەن؟ info
التفاسير:

external-link copy
13 : 90

فَكُّ رَقَبَةٍ

داۋان ئېشىش ئەر ياكى ئايال قۇللارنى ئازاد قىلىشتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
14 : 90

أَوۡ إِطۡعَٰمٞ فِي يَوۡمٖ ذِي مَسۡغَبَةٖ

ياكى يېمەكلىك كەمدىن - كەم تېپىلىدىغان ئاچارچىلىق كۈنلىرىدە تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بولغان يېتىمگە تاماق بېرىشتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 90

يَتِيمٗا ذَا مَقۡرَبَةٍ

يەنى دادىسى يوق، ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بولغان سەبىي بالىلارغا تاماق بېرىشتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
16 : 90

أَوۡ مِسۡكِينٗا ذَا مَتۡرَبَةٖ

ياكى ھېچ نەرسىسى يوق كەمبەغەلگە تاماق بېرىشتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
17 : 90

ثُمَّ كَانَ مِنَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَتَوَاصَوۡاْ بِٱلصَّبۡرِ وَتَوَاصَوۡاْ بِٱلۡمَرۡحَمَةِ

شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، ئۆزئارا تائەت - ئىبادەتلەردە چىڭ تۇرۇشقا، گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا ۋە بالا - قازالارغا سەۋر قىلىشقا تەۋسىيە قىلىشقان، بىر - بىرىنى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە شەپقەتلىك بولۇشقا تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەردىن بولۇشتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
18 : 90

أُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلۡمَيۡمَنَةِ

يۇقىرىدىكى سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان ئاشۇ كىشىلەر نامە - ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلىدىغانلاردۇر. info
التفاسير:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• عتق الرقاب، وإطعام المحتاجين في وقت الشدة، والإيمان بالله، والتواصي بالصبر والرحمة: من أسباب دخول الجنة.
قۇل ئازات قىلىش، قىيىن پەيتلەردە موھتاجلارغا يېمەكلىك بېرىش، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش، ئۆزئارا سەۋرچان ھەم شەپقەتلىك بولۇشقا تەۋسىيە قىلىش جەننەتكە كىرىشنىڭ سەۋەبلىرىدىندۇر. info

• من دلائل النبوة إخباره أن مكة ستكون حلالًا له ساعة من نهار.
ئاللاھ تائالانىڭ مەككىنىڭ كۈندۈزدىن مەلۇم ۋاقىت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھالال بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەنلىكى ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىك مۆجىزلىرىدىن بىرىدۇر. info

• لما ضيق الله طرق الرق وسع طرق العتق، فجعل الإعتاق من القربات والكفارات.
ئاللاھ تائالا قۇللۇق يوللىرىنى تارلاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا قۇل ئازات قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتتى. شۇڭا قۇل ئازات قىلىشنى ئاللاھقا قىلىنغان ئىبادەتلەر ۋە كاپپارەتلەردىن قىلىپ بېكىتتى. info

external-link copy
19 : 90

وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِـَٔايَٰتِنَا هُمۡ أَصۡحَٰبُ ٱلۡمَشۡـَٔمَةِ

پەيغەمبىرىمىزگە نازىل قىلىنغان ئايەتلىرىمىزگە كاپىر بولغانلار نامە - ئەمالى سول قولىغا بېرىلىدىغانلاردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
20 : 90

عَلَيۡهِمۡ نَارٞ مُّؤۡصَدَةُۢ

ئۇلار قىيامەت كۈنى ئىشىكلىرى تاقاق ھالەتتىكى دوزاخقا سولىنىپ، شۇ جايدا ئازابلىنىدۇ. info
التفاسير:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• أهمية تزكية النفس وتطهيرها.
نەپسنى پاكلاش ئىنتايىن مۇھىم ئەمەلدۇر. info

• المتعاونون على المعصية شركاء في الإثم.
ئاسىيلىقتىكى ھەمكارلىق گۇناھكارلىقتىكى ئورتاقلىقتۇر. info

• الذنوب سبب للعقوبات الدنيوية.
گۇناھ - مەئسىيەتلەر مۇشۇ دۇنيانىڭ ئۆزىدىمۇ ئازابقا دۇچار بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ. info

• كلٌّ ميسر لما خلق له فمنهم مطيع ومنهم عاصٍ.
ھەر كىم ئۆزى يارىتىلغان ئەمەلنى قىلىشقا مۇيەسسەر قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىتائەت قىلغۇچىمۇ، ئاسىيلىق قىلغۇچىمۇ بار. info