Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm

external-link copy
24 : 7

قَالَ ٱهۡبِطُواْ بَعۡضُكُمۡ لِبَعۡضٍ عَدُوّٞۖ وَلَكُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ مُسۡتَقَرّٞ وَمَتَٰعٌ إِلَىٰ حِينٖ

ئاللاھ تائالا ئادەم، ھەۋۋا ۋە ئىبلىسقا: جەننەتتىن زېمىنغا چۈشۈپ كېتىڭلار، چوقۇم بىر-بىرىڭلارغا دۈشمەن بولىسىلەر. زېمىندا سىلەرنىڭ مەلۇم مۇددەتكىچە تۇرىدىغان ئورنۇڭلار بار، بەلگىلەنگەن ۋاقىتقىچە زېمىندىكى نەرسىلەردىن پايدىلانساڭلار بولىدۇ، دېدى. info
التفاسير:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• من أَشْبَهَ آدم بالاعتراف وسؤال المغفرة والندم والإقلاع - إذا صدرت منه الذنوب - اجتباه ربه وهداه. ومن أَشْبَهَ إبليس - إذا صدر منه الذنب بالإصرار والعناد - فإنه لا يزداد من الله إلا بُعْدًا.
كىمكى -ئۆزىدىن گۇناھ سادىر بولغاندا- خاتالىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىش، قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلىش ۋە گۇناھ-مەئسىيەتتىن ئۆزىنى تارتىش ئارقىلىق ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ئوخشىسا، پەرۋەردىگارى ئۇنى تاللاپ، ھىدايەت قىلىدۇ. كىمكى -ئۆزىدىن گۇناھ سادىر بولغاندا- خاتالىقتا چىڭ تۇرۇپ، تەرسالىق قىلىش ئارقىلىق ئىبلىسقا ئوخشىسا، ئۇ چوقۇم ئاللاھ تائالادىن تېخىمۇ يىراقلاپ كېتىدۇ. info

• اللباس نوعان: ظاهري يستر العورةَ، وباطني وهو التقوى الذي يستمر مع العبد، وهو جمال القلب والروح.
كىيىم-كېچەك ئىككى تۈرلۈكتۇر: ئەۋرەتنى يېپىپ تۇرىدىغان تاشقىي كىيىم ۋە ئىچكى كىيىم. بۇ ئىچكى كىيىم ھەر دائىم بەندىدە بولۇشى كېرەك بولغان تەقۋادارلىق بولۇپ، ئۇ قەلب ۋە روھنىڭ گۈزەللىكىدۇر. info

• كثير من أعوان الشيطان يدعون إلى نزع اللباس الظاهري؛ لتنكشف العورات، فيهون على الناس فعل المنكرات وارتكاب الفواحش.
شەيتاننىڭ كۆپلىگەن ياردەمچىلىرى ئەۋرەتنىڭ ئېچىلىپ قېلىشى ئۈچۈن تاشقىي كىيىملەرنى سېلىۋېتىشكە چاقىرىدۇ، نەتىجىدە ئىنسانلارنىڭ چەكلەنگەن گۇناھ ئىشلارنى قىلىشى قولايلىشىدۇ. info

• أن الهداية بفضل الله ومَنِّه، وأن الضلالة بخذلانه للعبد إذا تولَّى -بجهله وظلمه- الشيطانَ، وتسبَّب لنفسه بالضلال.
شەكسىزكى ھىدايەت ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى ۋە ئېھسانى بىلەن قولغا كېلىدۇ. ئازغۇنلۇق بولسا، بەندە نادانلىقى ۋە زالىملىقىدىن شەيتاننى دوست تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ ئېزىشىغا سەۋەب بولغان چاغدا ئاللاھ ئۇنى تاشلىۋەتكەنلىكتىن بولىدۇ. info