Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm

external-link copy
140 : 7

قَالَ أَغَيۡرَ ٱللَّهِ أَبۡغِيكُمۡ إِلَٰهٗا وَهُوَ فَضَّلَكُمۡ عَلَى ٱلۡعَٰلَمِينَ

مۇسا قەۋمىگە: ئى قەۋمىم! سىلەر ئاللاھنىڭ بۈيۈك مۆجىزىلىرىنى كۆرگەن تۇرساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە دۈشمىنىڭلارنى ھالاك قىلىش، سىلەرنى زېمىندا ئورۇن باسار قىلىش ۋە كۈچلەندۇرۇشتىن ئىبارەت نېئمەتلىرى ئارقىلىق زامانىڭلاردىكى جاھان ئەھلىدىن ئارتۇق قىلغان تۇرسا، سىلەرگە ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ ئىزدەمدىم ؟!، دېدى. info
التفاسير:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• تؤكد الأحداث أن بني إسرائيل كانوا ينتقلون من ضلالة إلى أخرى على الرغم من وجود نبي الله موسى بينهم.
ئەينى زاماندىكى ۋەقەلىكلەر شۇنى تەكىتلەيدۇكى، ئارىسىدا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇسا ئەلەيھىسسالام بار بولسىمۇ ئۇلار بىر ئازغۇنلۇقتىن يەنە بىر ئازغۇنلۇققا يۆتكەلگەن ئىدى. info

• من مظاهر خذلان الأمة أن تُحَسِّن القبيح، وتُقَبِّح الحسن بمجرد الرأي والأهواء.
ھاۋايى-ھەۋەس ياكى شەخسىي كۆزقاراشلىرىغا تايىنىپ يامان ئىشنى ياخشى، ياخشى ئىشنى يامان كۆرسۈتۈش قاتارلىقلار ئۈممەتنى خارلىققا ئىلىپ بارىدىغان كۆرۈنۈشلەرنىڭ قاتارىدىندۇر. info

• إصلاح الأمة وإغلاق أبواب الفساد هدف سام للأنبياء والدعاة.
جەمئىيەتتىن پاساتچىلىقنى يوقۇتۇپ ئۈممەتنى ئىسلاھ قىلىش، پەيغەمبەرلەر ۋە دەۋەتچىلەرنىڭ ئەڭ ئالى نىشانىدۇر. info

• قضى الله تعالى ألا يراه أحد من خلقه في الدنيا، وسوف يكرم من يحب من عباده برؤيته في الآخرة.
ئاللاھ مەخلۇقاتلىرىدىن ھېچبىر كىشىنىڭ دۇنيادا ئۆزىنى كۆرەلمەسلىكنى ئىرادە قىلدى. ئاللاھ ئاخىرەتتە بەندىلىرى ئىچىدىن ياخشى كۆرگەن بەندىلىرىگە ئۆز جامالىنى كۆرسۈتۈش بىلەن ئىكرام قىلىدۇ . info