Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm

Numero ng Pahina:close

external-link copy
36 : 69

وَلَا طَعَامٌ إِلَّا مِنۡ غِسۡلِينٖ

ئۇنىڭغا دوزاخ ئەھلىنىڭ بەدەنلىرىدىن ئاققان يىرىڭدىن باشقا يېمەك-ئىچمەك بېرىلمەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
37 : 69

لَّا يَأۡكُلُهُۥٓ إِلَّا ٱلۡخَٰطِـُٔونَ

بۇ يېمەكنى پەقەت گۇناھكارلار ۋە ئاسىيلارلا يەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
38 : 69

فَلَآ أُقۡسِمُ بِمَا تُبۡصِرُونَ

مەن سىلەر كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن. info
التفاسير:

external-link copy
39 : 69

وَمَا لَا تُبۡصِرُونَ

سىلەر كۆرمەيۋاتقان نەرسىلەر بىلەنمۇ قەسەم قىلىمەن. info
التفاسير:

external-link copy
40 : 69

إِنَّهُۥ لَقَوۡلُ رَسُولٖ كَرِيمٖ

ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ كالامى بولۇپ، ئۇنى ھۆرمەتلىك پەيغەمبەر كىشىلەرگە تىلاۋەت قىلىپ بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
41 : 69

وَمَا هُوَ بِقَوۡلِ شَاعِرٖۚ قَلِيلٗا مَّا تُؤۡمِنُونَ

بۇ شائىرنىڭ سۆزى ئەمەس، چۈنكى ئۇ شېئىر نەزمىسىگە ئوخشىمايدۇ. سىلەر تولىمۇ ئاز ئىشىنىسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
42 : 69

وَلَا بِقَوۡلِ كَاهِنٖۚ قَلِيلٗا مَّا تَذَكَّرُونَ

ئۇ كاھىننىڭ سۆزىمۇ ئەمەسكى، كاھىننىڭ سۆزلىرى بۇ قۇرئانغا تامامەن ئوخشىمايدۇ. سىلەر ناھايىتى ئاز پەند - نەسىھەت ئالىسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
43 : 69

تَنزِيلٞ مِّن رَّبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

لېكىن ئۇ قۇرئان ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
44 : 69

وَلَوۡ تَقَوَّلَ عَلَيۡنَا بَعۡضَ ٱلۡأَقَاوِيلِ

ئەگەر مۇھەممەد بىزگە بىز دېمىگەن بەزى سۆزلەرنى توقۇسا، info
التفاسير:

external-link copy
45 : 69

لَأَخَذۡنَا مِنۡهُ بِٱلۡيَمِينِ

بىز ئۇنىڭدىن ئەلۋەتتە ئىنتىقام ئالغان بولاتتۇق، ئۇنى كۈچ - قۇدرىتىمىز بىلەن جازالايتتۇق. info
التفاسير:

external-link copy
46 : 69

ثُمَّ لَقَطَعۡنَا مِنۡهُ ٱلۡوَتِينَ

ئاندىن ئۇنىڭ يۈرىكىگە تۇتىشىدىغان قىزىل قان تومۇرىنى كېسىپ تاشلايتتۇق. info
التفاسير:

external-link copy
47 : 69

فَمَا مِنكُم مِّنۡ أَحَدٍ عَنۡهُ حَٰجِزِينَ

ئۇ چاغدا ئۇنىڭ سىلەرنى دەپ بىزگە يالغاننى توقۇشى ئۇياقتا تۇرسۇن، سىلەردىن ھېچكىم ئۇنى قوغداپ قالالمايتتى. info
التفاسير:

external-link copy
48 : 69

وَإِنَّهُۥ لَتَذۡكِرَةٞ لِّلۡمُتَّقِينَ

ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىم پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ھەم چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش ئارقىلىق تەقۋادارلىق قىلغۇچىلارغا ۋەز - نەسىھەتتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
49 : 69

وَإِنَّا لَنَعۡلَمُ أَنَّ مِنكُم مُّكَذِّبِينَ

بىز ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بۇ قۇرئاننىڭ روشەن ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ بارلىقىنى ئوبدان بىلىمىز. info
التفاسير:

external-link copy
50 : 69

وَإِنَّهُۥ لَحَسۡرَةٌ عَلَى ٱلۡكَٰفِرِينَ

ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىمنى ئىنكار قىلىش قىيامەت كۈنىدە قاتتىق ھەسرەت - نادامەتتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
51 : 69

وَإِنَّهُۥ لَحَقُّ ٱلۡيَقِينِ

ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىم ئەلۋەتتە چىن ھەقىقەتتۇركى، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كەلگەنلىكىدە ھېچ قانداق شەك - شۈبھە يوقتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
52 : 69

فَسَبِّحۡ بِٱسۡمِ رَبِّكَ ٱلۡعَظِيمِ

ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭنى ئۇنىڭغا نالايىق سۈپەتلەردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن، ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى ياد ئەتكىن. info
التفاسير:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• تنزيه القرآن عن الشعر والكهانة.
قۇرئان كەرىم شېئىر ۋە كاھىنلىقتىن پاكتۇر. info

• خطر التَّقَوُّل على الله والافتراء عليه سبحانه.
ئاللاھقا يالغان ۋە بوھتانلارنى توقۇش خەتەرلىكتۇر. info

• الصبر الجميل الذي يحتسب فيه الأجر من الله ولا يُشكى لغيره.
چىرايلىقچە سەۋر قىلىش دېگەن ئاللاھتىن ساۋاب ئۈمىد قىلىپ، باشقىلارغا شىكايەت قىلماسلىقتۇر. info