Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm

external-link copy
21 : 42

أَمۡ لَهُمۡ شُرَكَٰٓؤُاْ شَرَعُواْ لَهُم مِّنَ ٱلدِّينِ مَا لَمۡ يَأۡذَنۢ بِهِ ٱللَّهُۚ وَلَوۡلَا كَلِمَةُ ٱلۡفَصۡلِ لَقُضِيَ بَيۡنَهُمۡۗ وَإِنَّ ٱلظَّٰلِمِينَ لَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ

ياكى بۇ مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلىرى بولۇپ، ئۇلار بۇ مۇشرىكلارغا شېرىك، ھالالنى ھارام قىلىش، ھارامنى ھالال قىلىش قاتارلىق دىندىن ئاللاھ ئۇلارغا رۇخسەت قىلمىغان ئىشلارنى يولغا قويۇپ بەردىمۇ؟ ئەگەر ئاللاھ ئىختىلاپلاشقان ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىيدىغانغا مۇئەييەن ۋاقىت بېكىتىپ، ئۇلارنى شۇ ۋاقىتقا قەدەر كېچىكتۈرمىگەن بولسىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقارغان بولاتتى. ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە ئاسىيلىق قىلىش بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارغا قىيامەتتە كۈتۈۋاتقان دەرتلىك ئازاب بار. info
التفاسير:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• خوف المؤمن من أهوال يوم القيامة يعين على الاستعداد لها.
مۇئمىننىڭ قىيامەت كۈنىنىڭ دەھشەتلىك ئەھۋاللىرىدىن قورقۇشى ئۇنىڭ قىيامەت ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. info

• لطف الله بعباده حيث يوسع الرزق على من يكون خيرًا له، ويضيّق على من يكون التضييق خيرًا له.
ئاللاھ بەندىلىرىگە تولىمۇ مېھرىباندۇركى، رىزقىنىڭ كەڭرى بولۇشى ياخشى بولىدىغان كىشىنىڭ رىزقىنى كەڭرى قىلىدۇ، رىزقىنىڭ تار قىلىنىشى ياخشى بولىدىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ. info

• خطر إيثار الدنيا على الآخرة.
دۇنيانى ئاخىرەتتىن ئۈستۈن بىلىش خەتەرلىكتۇر. info