Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm

external-link copy
20 : 40

وَٱللَّهُ يَقۡضِي بِٱلۡحَقِّۖ وَٱلَّذِينَ يَدۡعُونَ مِن دُونِهِۦ لَا يَقۡضُونَ بِشَيۡءٍۗ إِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡبَصِيرُ

ئاللاھ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، ياخشىلىقلار كېمەيتىلىش، يامانلىقلار كۆپەيتىلىش ئارقىلىق ھېچكىمگە ئۇۋال قىلىنمايدۇ. مۇشىركلار ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلار ھېچنېمىگە ھۆكۈم قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ھېچ نەرسىگە ئىگە ئەمەس. ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇلارنىڭ نىيەتلىرى ۋە ئەمەللىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇلارغا شۇ نىيەت ۋە ئەمەللىرىگە قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. info
التفاسير:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• التذكير بيوم القيامة من أعظم الروادع عن المعاصي.
قىيامەت كۈنىنى ئەسلىتىش گۇناھ مەئسىيەتلەردىن چەكلەشتىكى ئەڭ كۈچلۈك ئامىللاردىن بىرىدۇر. info

• إحاطة علم الله بأعمال عباده؛ خَفِيَّة كانت أم ظاهرة.
ئاللاھ مەيلى مەخپىي بولسۇن ياكى ئاشكارا بولسۇن، بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى تولۇق بىلىپ تۇرىدۇ. info

• الأمر بالسير في الأرض للاتعاظ بحال المشركين الذين أهلكوا.
ئىلگىرى ھالاك قىلىنغان مۇشرىكلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئىبرەت ئېلىش ئۈچۈن يەر يۈزىدە سەيرە قىلىش. info