Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm

external-link copy
79 : 4

مَّآ أَصَابَكَ مِنۡ حَسَنَةٖ فَمِنَ ٱللَّهِۖ وَمَآ أَصَابَكَ مِن سَيِّئَةٖ فَمِن نَّفۡسِكَۚ وَأَرۡسَلۡنَٰكَ لِلنَّاسِ رَسُولٗاۚ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ شَهِيدٗا

ئەي ئادەم ئەۋلادى! سېنى خۇرسەن قىلىدىغان مال-مۈلۈك ۋە پەرزەنتلەر ئاللاھنىڭ ساڭا قىلغان ئىلتىپاتىدۇر. مال-مۈلكۈڭ ۋە پەرزەنتلىرىڭگە كەلگەن كېلىشمەسلىكلەر بولسا، ئۆزۈڭ قىلغان گۇناھ-مەئسىيەتلەر تۈپەيلىدىندۇر. ئەي پەيغەمبەر! بىز سېنى پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئاللاھنىڭ ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتتۇق. سەن ئۇلارغا پەرۋەردىگارىڭ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى يەتكۈزىسەن. ئاللاھ سەن يەتكۈزگەن پەيغەمبەرلىكتە سېنىڭ راستچىل ئىكەنلىكىڭگە گۇۋاھچى بولۇشقا يېتەرلىكتۇر، چۈنكى ئاللاھ ساڭا دەلىل-پاكىتلارنى بەرگەن. info
التفاسير:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• وجوب القتال لإعلاء كلمة الله ونصرة المستضعفين، وذم الخوف والجبن والاعتراض على أحكام الله.
ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ۋە بوزەك قىلىنغانلارغا ياردەم بېرىش ۋاجىب. قورقۇنچاقلىق، توخۇ يۈرەكلىك ۋە ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرىگە ئېتىراز بىلدۈرۈش ئەيىبلىنىدۇ. info

• الدار الآخرة خير من الدنيا وما فيها من متاع وشهوات لمن اتقى الله تعالى وعمل بطاعته.
ئاللاھقا تەقۋادار بولغان ۋە ئۇنىڭغا تائەت-ئىبادەتلەرنى قىلغانلارغا نىسبەتەن ئاخىرەت، بۇ دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مال-ماتا ۋە ئەيش-ئىشرەتلەردىن كۆپ ياخشىدۇر. info

• الخير والشر كله بقدر الله، وقد يبتلي الله عباده ببعض السوء في الدنيا لأسباب، منها: ذنوبهم ومعاصيهم.
پۈتكۈل ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە باغلىقتۇر. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن گاھىدا بۇ دۇنيادىكى بىر قىسىم خاپىلىقلار بىلەن سىنايدۇ. بەندىلەرنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھ-مەئسىيەتلىرىمۇ شۇ سىناقلارغا مۇپتىلا بولۇشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر. info