Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm

external-link copy
76 : 4

ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ يُقَٰتِلُونَ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِۖ وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ يُقَٰتِلُونَ فِي سَبِيلِ ٱلطَّٰغُوتِ فَقَٰتِلُوٓاْ أَوۡلِيَآءَ ٱلشَّيۡطَٰنِۖ إِنَّ كَيۡدَ ٱلشَّيۡطَٰنِ كَانَ ضَعِيفًا

ئىمانىدا راستچىل مۇئمىنلەر ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىدۇ، كاپىرلار بولسا ئۆزلىرىنىڭ باتىل ئىلاھلىرى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ. شەيتاننىڭ سەپداشلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىڭلار. ئەگەر ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلساڭلار، چوقۇم ئۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىسىلەر، چۈنكى شەيتاننىڭ تەدبىرى ئاجىز بولۇپ، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغۇچىلارغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. info
التفاسير:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• وجوب القتال لإعلاء كلمة الله ونصرة المستضعفين، وذم الخوف والجبن والاعتراض على أحكام الله.
ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ۋە بوزەك قىلىنغانلارغا ياردەم بېرىش ۋاجىب. قورقۇنچاقلىق، توخۇ يۈرەكلىك ۋە ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرىگە ئېتىراز بىلدۈرۈش ئەيىبلىنىدۇ. info

• الدار الآخرة خير من الدنيا وما فيها من متاع وشهوات لمن اتقى الله تعالى وعمل بطاعته.
ئاللاھقا تەقۋادار بولغان ۋە ئۇنىڭغا تائەت-ئىبادەتلەرنى قىلغانلارغا نىسبەتەن ئاخىرەت، بۇ دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مال-ماتا ۋە ئەيش-ئىشرەتلەردىن كۆپ ياخشىدۇر. info

• الخير والشر كله بقدر الله، وقد يبتلي الله عباده ببعض السوء في الدنيا لأسباب، منها: ذنوبهم ومعاصيهم.
پۈتكۈل ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە باغلىقتۇر. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن گاھىدا بۇ دۇنيادىكى بىر قىسىم خاپىلىقلار بىلەن سىنايدۇ. بەندىلەرنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھ-مەئسىيەتلىرىمۇ شۇ سىناقلارغا مۇپتىلا بولۇشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر. info