Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm

external-link copy
10 : 38

أَمۡ لَهُم مُّلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا بَيۡنَهُمَاۖ فَلۡيَرۡتَقُواْ فِي ٱلۡأَسۡبَٰبِ

ياكى ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئۇلارنىڭ قولىدىمۇ؟ ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ بېرىش - بەرمەسلىك ھوقۇقى بولار ئىدى. ئۇلار مۇشۇنداق بىلجىرلىغان ئىكەن، بېرىش - بەرمەسلىكتە ئۆزلىرى خالىغان قارارنى چىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاسمانغا چىقالايدىغاننىڭ ئامالىنى قىلىپ باقسۇن قېنى؟ ئۇلار ھەرگىز بۇنداق قىلالمايدۇ. info
التفاسير:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• أقسم الله عز وجل بالقرآن العظيم، فالواجب تَلقِّيه بالإيمان والتصديق، والإقبال على استخراج معانيه.
ئاللاھ تائالا ئۇلۇغ قۇرئان بىلەن قەسەم قىلدى. بۇ، ئۇنى ئىمان ۋە چىن پۈتۈش بىلەن، ئۇنىڭ مەنىلىرىنى بىلىشكە بېرىلىش بىلەن قوبۇل قىلىش دېمەكتۇر. info

• غلبة المقاييس المادية في أذهان المشركين برغبتهم في نزول الوحي على السادة والكبراء.
مۇشرىكلار ۋەھىينىڭ ئاقسۆڭەك، مۆتىۋەرلەرگە نازىل بولۇشىنى ئىشتىياق بىلەن كۈتكەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ زېھنىنى تامامەن ماددىي ئۆلچەملەر چىرمىۋالغان. info

• سبب إعراض الكفار عن الإيمان: التكبر والتجبر والاستعلاء عن اتباع الحق.
كاپىرلارنىڭ ئىماندىن يۈز ئۆرۈشىنىڭ سەۋەبى: تەكەببۇرلۇق، چوڭچىلىق ۋە ھەقىقەتكە ئەگىشىشتىن ئۆزىنى چوڭ تۇتۇشتۇر. info