Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm

external-link copy
4 : 3

مِن قَبۡلُ هُدٗى لِّلنَّاسِ وَأَنزَلَ ٱلۡفُرۡقَانَۗ إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ لَهُمۡ عَذَابٞ شَدِيدٞۗ وَٱللَّهُ عَزِيزٞ ذُو ٱنتِقَامٍ

ئى پەيغەمبەر! ئاللاھ ساڭا خەۋەر، ئادالەت ۋە ھۆكۈملەرنى تەستىقلاشتا ئىلگىرىكى ئىلاھى كىتابلارغا مۇۋاپىق بولغان، ئۇلار بىلەن ئارىسىدا زىتلىق بولمىغان قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلدى، ساڭا قۇرئاننى نازىل قىلىشتىن ئىلگىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا تەۋراتنى، ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئىنجىلنى نازىل قىلدى، بۇ ئىلاھى كىتابلارنىڭ ھەممىسى ھىدايەتتۇر ۋە ئىنسانلارنى دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىدا توغرا يولغا يىتەكلىگۈچىدۇر. ھەق بىلەن باتىلنىڭ ۋە ھىدايەت بىلەن ئازغۇنلۇقنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدىغان پۇرقاننى نازىل قىلدى، ئاللاھنىڭ ساڭا نازىل قىلغان ئايەتلىرىگە كاپىر بولغانلارغا قاتتىق ئازاب بار، ئاللاھ ھەممىدىن غالىپتۇر، ئۆزىنىڭ بۇيرىقىغا خىلاپلىق قىلغان ۋە پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلاردىن ئىنتىقام ئالغۇچىدۇر. info
التفاسير:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• أقام الله الحجة وقطع العذر عن الخلق بإرسال الرسل وإنزال الكتب التي تهدي للحق وتحذر من الباطل.
ئاللاھ تائالا ئىنسانىيەتكە پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش، كىتابلارنى نازىل قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ھەقىقەتكە يىتەكلەپ، باتىلدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۆججگت تۇرغۇزدى. info

• كمال علم الله تعالى وإحاطته بخلقه، فلا يغيب عنه شيء في الأرض ولا في السماء، سواء كان ظاهرًا أو خفيًّا.
ئاللاھنىڭ كامالى ئىلمى مەخلۇقاتلىرىنى ھەممە تەرەپتىن قورشاپ تۇرغۇچىدۇر، ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن ئاسمان-زېمىندا ئاشكارا-يوشۇرۇن ھېچ قانداق نەرسە مەخپى قالمايدۇ. info

• من أصول أهل الإيمان الراسخين في العلم أن يفسروا ما تشابه من الآيات بما أُحْكِم منها.
ئىمان ئەھلىدىن بولغان رەببانىي ئالىملارنىڭ مېتۇدى: ئۇلار مەنىسى مۇئەييەن بولمىغان(مۇتاشابىھ) ئايەتلەرنى شۇ ئايەتتىكى تەقەززا بويۇنچە تەپسىرلەيدۇ. info

• مشروعية دعاء الله تعالى وسؤاله الثبات على الحق، والرشد في الأمر، ولا سيما عند الفتن والأهواء.
پىتنە ئەۋج ئالغان ۋەزىيەتتە ئاللاھدىن ھەقتە مۇستەھكەم تۇرۇشنى، توغرا يول كۆرسۈتۈشىنى تىلەپ دۇئا قىلىش يولغا قويۇلغان. info