Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm

external-link copy
79 : 21

فَفَهَّمۡنَٰهَا سُلَيۡمَٰنَۚ وَكُلًّا ءَاتَيۡنَا حُكۡمٗا وَعِلۡمٗاۚ وَسَخَّرۡنَا مَعَ دَاوُۥدَ ٱلۡجِبَالَ يُسَبِّحۡنَ وَٱلطَّيۡرَۚ وَكُنَّا فَٰعِلِينَ

بۇ مەسىلىنى بىز دادىسى داۋۇدقا ئەمەس، بەلكى سۇلايمانغا چۈشەندۈردۇق، داۋۇت بىلەن سۇلايماننىڭ ھەر بىرىگە پەيغەمبەرلىك ۋە شەرىئەت ھۆكۈملىرى ھەققىدە ئىلىم ئاتا قىلدۇق. بۇنى يالغۇز سۇلايمانغا خاس قىلمىدۇق. تاغلارنى ۋە قۇشلارنى داۋۇدقا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. ئۇلار داۋۇد بىلەن بىرگە تەسبىھ ئېيتدۇ. چۈشەندۈرۈش، ھېكمەت ۋە ئىلىم ئاتا قىلىش ھەمدە بويسۇندۇرۇپ بېرىش قاتارلىق ئىشلارنى بىز ئەزەلدىن قىلالايتتۇق. info
التفاسير:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• فعل الخير والصلاة والزكاة، مما اتفقت عليه الشرائع السماوية.
ياخشى ئىشلارنى قىلىش، ناماز ئوقۇش ۋە زاكات بېرىش قاتارلىق ئىشلار بارلىق ساماۋىي دىنلاردا بىردەك تەلەپ قىلىنغان. info

• ارتكاب الفواحش سبب في وقوع العذاب المُسْتَأْصِل.
پاھىشە ئىشلارنى قىلىش تۈپ تەلتۆكۈس يوق قىلغۇچى ئازابنىڭ چۈشۈشىنىڭ سەۋەبىدۇر. info

• الصلاح سبب في الدخول في رحمة الله.
ياخشىلىنىش ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشكە سەۋەب بولىدۇ. info

• الدعاء سبب في النجاة من الكروب.
دۇئا قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشقا سەۋەب بولىدۇ. info