Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm

external-link copy
2 : 14

ٱللَّهِ ٱلَّذِي لَهُۥ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۗ وَوَيۡلٞ لِّلۡكَٰفِرِينَ مِنۡ عَذَابٖ شَدِيدٍ

ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارچە نەرسىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقى يەككە - يېگانە ئاللاھقا خاستۇر. ئۇ يالغۇز قۇلچىلىق قىلىنىشقا لايىق زاتتۇركى، مەخلۇقاتلىرىدىن ھېچنەرسە ئۇنىڭغا شېرىك قىلىنماسلىقى كېرەك. كاپىرلارغا قاتتىق ئازاب ھامىنى كېلىدۇ. info
التفاسير:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• أن المقصد من إنزال القرآن هو الهداية بإخراج الناس من ظلمات الباطل إلى نور الحق.
شەكسىزكى قۇرئاننى نازىل قىلىشتىن مەقسەت، ئىنسانلارنى باتىلنىڭ زۇلمەتلىرىدىن ئىمان نۇرىغا چىقىرىش ئارقىلىق توغرا يولغا يېتەكلەشتۇر. info

• إرسال الرسل يكون بلسان أقوامهم ولغتهم؛ لأنه أبلغ في الفهم عنهم، فيكون أدعى للقبول والامتثال.
بارچە پەيغەمبەرلەر ئۆز قەۋمىنىڭ تىلىدا ئەۋەتىلىدۇ. چۈنكى بۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ دېگەنلىرىنى چۈشىنىشىدە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرنىڭ دېگەنلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئىجرا قىلىشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولىدۇ. info

• وظيفة الرسل تتلخص في إرشاد الناس وقيادتهم للخروج من الظلمات إلى النور.
پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئىنسانلارنى زۇلمەتلەردىن نۇر تەرەپكە يېتەكلەش ۋە باشلامچىلىق قىلىشقا يىغىنچاقلىنىدۇ. info