పవిత్ర ఖురాన్ యొక్క భావార్థాల అనువాదం - ఉయ్ఘుర్ అనువాదం - ముహమ్మద్ సలేహ్

نۇھ

external-link copy
1 : 71

إِنَّآ أَرۡسَلۡنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوۡمِهِۦٓ أَنۡ أَنذِرۡ قَوۡمَكَ مِن قَبۡلِ أَن يَأۡتِيَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ

بىز ھەقىقەتەن نۇھنى قەۋمىگە: «قەۋمىڭگە قاتتىق ئازاب (يەنى دۇنيادىكى چاغلىرىدا توپان بالاسى، ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابى) كېلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغىن» دەپ ئەۋەتتۇق[1]. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 71

قَالَ يَٰقَوۡمِ إِنِّي لَكُمۡ نَذِيرٞ مُّبِينٌ

نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە (ئەۋەتىلگەن) ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن[2]. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 71

أَنِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ وَٱتَّقُوهُ وَأَطِيعُونِ

ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار ۋە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار[3]. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 71

يَغۡفِرۡ لَكُم مِّن ذُنُوبِكُمۡ وَيُؤَخِّرۡكُمۡ إِلَىٰٓ أَجَلٖ مُّسَمًّىۚ إِنَّ أَجَلَ ٱللَّهِ إِذَا جَآءَ لَا يُؤَخَّرُۚ لَوۡ كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ

ئۇ بەزى گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە كېچىكتۈرىدۇ (يەنى ئۆمرۈڭلارنى ئۇزۇن قىلىدۇ). شۈبھىسىزكى، ئەگەر بىلسەڭلار، ئاللاھنىڭ (ئىنسانغا بېكىتكەن) ئەجىلى كەلگەن چاغدا (ئەجەل) كېچىكتۈرۈلمەيدۇ»[4]. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 71

قَالَ رَبِّ إِنِّي دَعَوۡتُ قَوۡمِي لَيۡلٗا وَنَهَارٗا

نۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن قەۋمىمنى كېچە ـ كۈندۈز (ئىمانغا) دەۋەت قىلدىم[5]. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 71

فَلَمۡ يَزِدۡهُمۡ دُعَآءِيٓ إِلَّا فِرَارٗا

مېنىڭ دەۋىتىم ئۇلارنى تېخىمۇ قاچۇرۇۋەتتى[6]. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 71

وَإِنِّي كُلَّمَا دَعَوۡتُهُمۡ لِتَغۡفِرَ لَهُمۡ جَعَلُوٓاْ أَصَٰبِعَهُمۡ فِيٓ ءَاذَانِهِمۡ وَٱسۡتَغۡشَوۡاْ ثِيَابَهُمۡ وَأَصَرُّواْ وَٱسۡتَكۡبَرُواْ ٱسۡتِكۡبَارٗا

مەن ئۇلارنى سېنىڭ مەغپىرىتىڭگە ئېرىشسۇن دەپ، ھەر قاچان دەۋەت قىلسام، (دەۋىتىمنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن) بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىغا تىقىۋالدى. (سۆزۈمنى ئاڭلىماسلىق ياكى مېنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن) كىيىملىرى بىلەن باشلىرىنى چۈمكىۋالدى. (كۇفرىدا) چىڭ تۇردى، چوڭچىلىق قىلىپ (ئىماندىن) تېخىمۇ باش تارتتى[7]. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 71

ثُمَّ إِنِّي دَعَوۡتُهُمۡ جِهَارٗا

ئاندىن مەن ئۇلارنى توۋلاپ دەۋەت قىلدىم[8]. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 71

ثُمَّ إِنِّيٓ أَعۡلَنتُ لَهُمۡ وَأَسۡرَرۡتُ لَهُمۡ إِسۡرَارٗا

ئاندىن ئۇلارنى ئاشكارا دەۋەت قىلدىم ۋە يوشۇرۇن دەۋەت قىلدىم[9]. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 71

فَقُلۡتُ ٱسۡتَغۡفِرُواْ رَبَّكُمۡ إِنَّهُۥ كَانَ غَفَّارٗا

(ئۇلارغا) ئېيتتىم: پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر[10]. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 71

يُرۡسِلِ ٱلسَّمَآءَ عَلَيۡكُم مِّدۡرَارٗا

ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ[11]، info
التفاسير:

external-link copy
12 : 71

وَيُمۡدِدۡكُم بِأَمۡوَٰلٖ وَبَنِينَ وَيَجۡعَل لَّكُمۡ جَنَّٰتٖ وَيَجۡعَل لَّكُمۡ أَنۡهَٰرٗا

سىلەرنىڭ ماللىرىڭلارنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بېرىدۇ. سىلەرگە باغلارنى، ئۆستەڭلارنى ئاتا قىلىدۇ[12]، info
التفاسير:

external-link copy
13 : 71

مَّا لَكُمۡ لَا تَرۡجُونَ لِلَّهِ وَقَارٗا

نېمە ئۈچۈن سىلەر ئاللاھنىڭ بۈيۈكلۈكىدىن قورقمايسىلەر؟[13] info
التفاسير:

external-link copy
14 : 71

وَقَدۡ خَلَقَكُمۡ أَطۡوَارًا

ھالبۇكى ئاللاھ سىلەرنى بىر قانچە باسقۇچلارغا بۆلۈپ ياراتتى[14]، info
التفاسير:

external-link copy
15 : 71

أَلَمۡ تَرَوۡاْ كَيۡفَ خَلَقَ ٱللَّهُ سَبۡعَ سَمَٰوَٰتٖ طِبَاقٗا

سىلەر كۆرمىدىڭلارمىكىن، ئاللاھ قانداق قىلىپ يەتتە ئاسماننى بىرىنىڭ ئۈستىدە بىرىنى قىلىپ ياراتتى[15]، info
التفاسير:

external-link copy
16 : 71

وَجَعَلَ ٱلۡقَمَرَ فِيهِنَّ نُورٗا وَجَعَلَ ٱلشَّمۡسَ سِرَاجٗا

ئاينى ئۇلاردا (يەنى دۇنيانىڭ ئاسمىنىدا) نۇر قىلدى، قۇياشنى (نۇر چاچقۇچى) چىراغ قىلدى[16]. info
التفاسير:

external-link copy
17 : 71

وَٱللَّهُ أَنۢبَتَكُم مِّنَ ٱلۡأَرۡضِ نَبَاتٗا

ئاللاھ سىلەرنى زېمىندىن ياراتتى (چۈنكى ئاتاڭلار ئادەمنى تۇپراقتىن ياراتقان ئىدى)[17]. info
التفاسير:

external-link copy
18 : 71

ثُمَّ يُعِيدُكُمۡ فِيهَا وَيُخۡرِجُكُمۡ إِخۡرَاجٗا

ئاندىن ئاللاھ سىلەرنى (ئۆلگەندىن كېيىن) زېمىنغا قايتۇرىدۇ (يەنى زېمىندا دەپنە قىلىنىسىلەر)، ئاندىن سىلەرنى (قىيامەت كۈنى) زېمىندىن چىقىرىدۇ[18]. info
التفاسير:

external-link copy
19 : 71

وَٱللَّهُ جَعَلَ لَكُمُ ٱلۡأَرۡضَ بِسَاطٗا

زېمىندا كەڭ يوللاردا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى يېيىپ بەردى»[19ـ20]. info
التفاسير:

external-link copy
20 : 71

لِّتَسۡلُكُواْ مِنۡهَا سُبُلٗا فِجَاجٗا

زېمىندا كەڭ يوللاردا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى يېيىپ بەردى»[19ـ20]. info
التفاسير:

external-link copy
21 : 71

قَالَ نُوحٞ رَّبِّ إِنَّهُمۡ عَصَوۡنِي وَٱتَّبَعُواْ مَن لَّمۡ يَزِدۡهُ مَالُهُۥ وَوَلَدُهُۥٓ إِلَّا خَسَارٗا

نۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! ئۇلار ھەقىقەتەن ماڭا ئاسىيلىق قىلدى، مېلىغا، بالىسىغا ۋە ئۆزلىرىگە زىياندىن باشقىنى زىيادە قىلمىغان كىشىلەرگە (يەنى بايلىرىغا، كاتتىباشلىرىغا) ئەگەشتى[21]. info
التفاسير:

external-link copy
22 : 71

وَمَكَرُواْ مَكۡرٗا كُبَّارٗا

ئۇلار (يەنى كاتتىباشلار) (ماڭا چىنپۈتمىدى، ماڭا ۋە ماڭا ئەگەشكەنلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزۈپ) چوڭ ھىيلە تۈزدى[22]. info
التفاسير:

external-link copy
23 : 71

وَقَالُواْ لَا تَذَرُنَّ ءَالِهَتَكُمۡ وَلَا تَذَرُنَّ وَدّٗا وَلَا سُوَاعٗا وَلَا يَغُوثَ وَيَعُوقَ وَنَسۡرٗا

ئۇلار: ‹مەبۇدلىرىڭلارنى ھەرگىز تەرك ئەتمەڭلار، ۋەدنى، سۇۋائنى، يەغۇسنى، يەئۇقنى ۋە نەسرىنى ھەرگىز تەرك ئەتمەڭلار› دېدى[23]. info
التفاسير:

external-link copy
24 : 71

وَقَدۡ أَضَلُّواْ كَثِيرٗاۖ وَلَا تَزِدِ ٱلظَّٰلِمِينَ إِلَّا ضَلَٰلٗا

ئۇلار ھەقىقەتەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، زالىملارنى تېخىمۇ گۇمراھ قىلغىن»[24]. info
التفاسير:

external-link copy
25 : 71

مِّمَّا خَطِيٓـَٰٔتِهِمۡ أُغۡرِقُواْ فَأُدۡخِلُواْ نَارٗا فَلَمۡ يَجِدُواْ لَهُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ أَنصَارٗا

ئۇلار گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن (توپان بىلەن) غەرق قىلىندى، دوزاخقا كىرگۈزۈلدى، ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ياردەمچى تاپالمىدى[25]. info
التفاسير:

external-link copy
26 : 71

وَقَالَ نُوحٞ رَّبِّ لَا تَذَرۡ عَلَى ٱلۡأَرۡضِ مِنَ ٱلۡكَٰفِرِينَ دَيَّارًا

نۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم يەر يۈزىدە كاپىرلارنىڭ بىرىنىمۇ قويمىغىن[26]. info
التفاسير:

external-link copy
27 : 71

إِنَّكَ إِن تَذَرۡهُمۡ يُضِلُّواْ عِبَادَكَ وَلَا يَلِدُوٓاْ إِلَّا فَاجِرٗا كَفَّارٗا

ئەگەر ئۇلارنى قويساڭ، شۈبھىسىزكى، بەندىلىرىڭنى ئازدۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ تاپقان بالىلىرىمۇ پەقەت فاجىر، كاپىر بولىدۇ[27]. info
التفاسير:

external-link copy
28 : 71

رَّبِّ ٱغۡفِرۡ لِي وَلِوَٰلِدَيَّ وَلِمَن دَخَلَ بَيۡتِيَ مُؤۡمِنٗا وَلِلۡمُؤۡمِنِينَ وَٱلۡمُؤۡمِنَٰتِۖ وَلَا تَزِدِ ٱلظَّٰلِمِينَ إِلَّا تَبَارَۢا

پەرۋەردىگارىم! ماڭا، ئاتا ـ ئانامغا، مېنىڭ ئۆيۈمگە مۆمىن بولۇپ كىرگەن كىشىگە ۋە مۆمىن ئەرلەرگە، مۆمىن ئاياللارغا مەغپىرەت قىلغىن، زالىملارغا پەقەت ھالاكەتنى زىيادە قىلغىن»[28]. info
التفاسير: