పవిత్ర ఖురాన్ యొక్క భావార్థాల అనువాదం - ఉయ్ఘుర్ అనువాదం - అల్ ఖుర్ఆన్ అల్ కరీమ్ సంక్షిప్త వ్యాఖ్యానం

قەمەر

ఈ సూరహ్ (అధ్యాయం) యొక్క ప్రయోజనాలు:
التذكير بنعمة تيسير القرآن، وما فيه من الآيات والنذر.
قۇرئان كەرىمنىڭ ئاسانلىقىدىن ئىبارەت نېمەتنى ۋە قۇرئان كەرىمدىكى رەھمەت ۋە ئاگاھلاندۇرۇش ئايەتلىرىنى ئەسلەش. info

external-link copy
1 : 54

ٱقۡتَرَبَتِ ٱلسَّاعَةُ وَٱنشَقَّ ٱلۡقَمَرُ

قىيامەتنىڭ كېلىدىغان ۋاقتى يېقىنلاشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ئاي يېرىلدى. ئاينىڭ يېرىلىشى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن ماددىي مۆجىزىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 54

وَإِن يَرَوۡاْ ءَايَةٗ يُعۡرِضُواْ وَيَقُولُواْ سِحۡرٞ مُّسۡتَمِرّٞ

مۇشرىكلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىدىغان دەلىل - پاكىتلارنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى قوبۇل قىلىشتىن يۈز ئۆرۈپ: بىز كۆرگەن دەلىل - پاكىتلار ئاساسسىز سېھىردۇر، دېيىشىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 54

وَكَذَّبُواْ وَٱتَّبَعُوٓاْ أَهۡوَآءَهُمۡۚ وَكُلُّ أَمۡرٖ مُّسۡتَقِرّٞ

ئۇلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلدى ۋە ئىنكار قىلىشتا ئۆزلىرىنىڭ نەپسى - خاھىشلىرىغا ئەگەشتى. قىيامەت كۈنى ياخشى - يامان ھەممە ئىش ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ئورنىنى تاپىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 54

وَلَقَدۡ جَآءَهُم مِّنَ ٱلۡأَنۢبَآءِ مَا فِيهِ مُزۡدَجَرٌ

ھەقىقەتەن ئۇلارغا كۇپۇرلۇقى ۋە زۇلمى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ھالاك قىلغان خەلقلەرنىڭ خەۋەرلىرىدىن كۇپرى ۋە زۇلۇمدىن قايتۇرۇشقا يېتەرلىك ئىبرەتلەر كەلگەن ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 54

حِكۡمَةُۢ بَٰلِغَةٞۖ فَمَا تُغۡنِ ٱلنُّذُرُ

ئۇلارغا پاكىت بولۇشى ئۈچۈن مۇكەممەل ھېكمەت كەلگەن بولسىمۇ، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان قەۋمگە ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ پايدىسى بولمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 54

فَتَوَلَّ عَنۡهُمۡۘ يَوۡمَ يَدۡعُ ٱلدَّاعِ إِلَىٰ شَيۡءٖ نُّكُرٍ

ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر ئۇلار توغرا يولغا ماڭمىسا ئۇلارنى (ئۆز ھالىغا) تاشلاپ قويغىن، سۇر چېلىشقا مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتە پۈتكۈل خالايىق ئىلگىرى ھېچ كۆرۈپ باقمىغان قورقۇنچلۇق ئىشقا چاقىرىدىغان كۈننى كۈتكەن ھالدا ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن. info
التفاسير:
ఈ పేజీలోని వచనాల ద్వారా లభించే ప్రయోజనాలు:
• عدم التأثر بالقرآن نذير شؤم.
قۇرئاندىن تەسىرلەنمەسلىك شۇملۇقنىڭ بېشارىتىدۇر. info

• خطر اتباع الهوى على النفس في الدنيا والآخرة.
نەپسنىڭ كەينىگە كىرىش بۇ دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ خەتەرلىك ئىشتۇر. info

• عدم الاتعاظ بهلاك الأمم صفة من صفات الكفار.
قەدىمكى خەلقلەرنىڭ ھالاكىتىدىن ئىبرەت ئالماسلىق كاپىرلارنىڭ سۈپەتلىرىدىندۇر. info