పవిత్ర ఖురాన్ యొక్క భావార్థాల అనువాదం - ఉయ్ఘుర్ అనువాదం - అల్ ఖుర్ఆన్ అల్ కరీమ్ సంక్షిప్త వ్యాఖ్యానం

نەجم

ఈ సూరహ్ (అధ్యాయం) యొక్క ప్రయోజనాలు:
إثبات صدق الوحي وأنه من عند الله.
ۋەھىينىڭ راستلىقى ۋە ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىن كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش. info

external-link copy
1 : 53

وَٱلنَّجۡمِ إِذَا هَوَىٰ

ئاللاھ تائالا ساقىپ چۈشكەن يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 53

مَا ضَلَّ صَاحِبُكُمۡ وَمَا غَوَىٰ

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام توغرا يولدىن ئېغىپ كەتمىدى، گۇمراھ بولمىدى. ئۇ توغرا يولدا ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 53

وَمَا يَنطِقُ عَنِ ٱلۡهَوَىٰٓ

ئۇ، بۇ قۇرئان بىلەن نەپسى - خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 53

إِنۡ هُوَ إِلَّا وَحۡيٞ يُوحَىٰ

بۇ قۇرئان پەقەت ۋەھىيدۇركى، ئاللاھ ئۇنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق ۋەھىي قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 53

عَلَّمَهُۥ شَدِيدُ ٱلۡقُوَىٰ

ۋەھىينى ئۇنىڭغا ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام تەلىم بەردى. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 53

ذُو مِرَّةٖ فَٱسۡتَوَىٰ

جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ قىياپىتى گۈزەل بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاسماننىڭ ئۈستۈنكى ئۇپۇقىدا ئاللاھ ياراتقان ئەسلىي شەكىلدە كۆرۈندى. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 53

وَهُوَ بِٱلۡأُفُقِ ٱلۡأَعۡلَىٰ

جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئاسماننىڭ ئۈستۈنكى ئۇپۇقىدا info
التفاسير:

external-link copy
8 : 53

ثُمَّ دَنَا فَتَدَلَّىٰ

ئاندىن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا يېقىنلىشىپ، تۆۋەنگە چۈشتى. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 53

فَكَانَ قَابَ قَوۡسَيۡنِ أَوۡ أَدۡنَىٰ

ئۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارىلىقى ئىككى ياچاق مىقدارى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يېقىنراق ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 53

فَأَوۡحَىٰٓ إِلَىٰ عَبۡدِهِۦ مَآ أَوۡحَىٰ

ئاللاھ تائالا بەندىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق تېگىشلىك ۋەھىيلەرنى نازىل قىلدى info
التفاسير:

external-link copy
11 : 53

مَا كَذَبَ ٱلۡفُؤَادُ مَا رَأَىٰٓ

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىلى كۆزى كۆرگەننى ئىنكار قىلمىدى. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 53

أَفَتُمَٰرُونَهُۥ عَلَىٰ مَا يَرَىٰ

ئەي مۇشرىكلار! ئىسرا كېچىسىدە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن نەرسىلەر توغرىسىدا ئۇنىڭ بىلەن دەتالاش قىلامسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
13 : 53

وَلَقَدۡ رَءَاهُ نَزۡلَةً أُخۡرَىٰ

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەقىقەتەن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنى ئىسرا كېچىسى يەنە بىر قېتىم ئەسلىي كۆرۈنۈشىدە كۆردى info
التفاسير:

external-link copy
14 : 53

عِندَ سِدۡرَةِ ٱلۡمُنتَهَىٰ

ئۇنى سىدرەتۇلمۇنتەھانىڭ يېنىدا كۆردى، سىدرەتۇلمۇنتەھا يەتتىنچى ئاسماندىكى ئىنتايىن چوڭ دەرەختۇر. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 53

عِندَهَا جَنَّةُ ٱلۡمَأۡوَىٰٓ

جەننەتۇلمەئۋا ئاشۇ دەرەخنىڭ يېنىدىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
16 : 53

إِذۡ يَغۡشَى ٱلسِّدۡرَةَ مَا يَغۡشَىٰ

ئاللاھقا تەئەللۇق بولغان كاتتا بىر نەرسە سىدرەتۇلمۇنتەھانى ئورىۋالدى. ئۇ نەرسىنىڭ ماھىيىتىنى پەقەت ئاللاھلا بىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
17 : 53

مَا زَاغَ ٱلۡبَصَرُ وَمَا طَغَىٰ

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆزى ئوڭ - سولغا بۇرالمىدى، چەكتىنمۇ ئۆتۈپ كەتمىدى. info
التفاسير:

external-link copy
18 : 53

لَقَدۡ رَأَىٰ مِنۡ ءَايَٰتِ رَبِّهِ ٱلۡكُبۡرَىٰٓ

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مىراج كېچىسى ئاللاھ تائالانىڭ بۈيۈك قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان بۈيۈك ئالامەتلەرنى، يەنى جەننەتنى، دوزاخنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەرنى كۆردى. info
التفاسير:

external-link copy
19 : 53

أَفَرَءَيۡتُمُ ٱللَّٰتَ وَٱلۡعُزَّىٰ

ئەي مۇشرىكلار! قېنى ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ!؟ سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇ بۇتلار، يەنى لات، ئۇززا ۋە سىلەرنىڭ بۇتلىرىڭلارنىڭ ئۈچىنچىسى بولغان مانات سىلەرگە پايدا ياكى زىيان ئېلىپ كېلەلەمدۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
20 : 53

وَمَنَوٰةَ ٱلثَّالِثَةَ ٱلۡأُخۡرَىٰٓ

ئەي مۇشرىكلار! قېنى ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ!؟ سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇ بۇتلار، يەنى لات، ئۇززا ۋە سىلەرنىڭ بۇتلىرىڭلارنىڭ ئۈچىنچىسى بولغان مانات سىلەرگە پايدا ياكى زىيان ئېلىپ كېلەلەمدۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
21 : 53

أَلَكُمُ ٱلذَّكَرُ وَلَهُ ٱلۡأُنثَىٰ

ئەي مۇشرىكلار! ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان ئوغۇللار سىلەرگە، ياقتۇرمايدىغان قىزلار ئاللاھقا خاسمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
22 : 53

تِلۡكَ إِذٗا قِسۡمَةٞ ضِيزَىٰٓ

سىلەر ئۆز خاھىشىڭلار بىلەن بۆلگەن بۇ تەقسىمات ئادالەتسىز تەقسىماتتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
23 : 53

إِنۡ هِيَ إِلَّآ أَسۡمَآءٞ سَمَّيۡتُمُوهَآ أَنتُمۡ وَءَابَآؤُكُم مَّآ أَنزَلَ ٱللَّهُ بِهَا مِن سُلۡطَٰنٍۚ إِن يَتَّبِعُونَ إِلَّا ٱلظَّنَّ وَمَا تَهۡوَى ٱلۡأَنفُسُۖ وَلَقَدۡ جَآءَهُم مِّن رَّبِّهِمُ ٱلۡهُدَىٰٓ

بۇ بۇتلار پەقەت قۇرۇق نامدىنلا ئىبارەتتۇر. ئۇلارنىڭ قىلچە ئىلاھلىق سالاھيىتى يوق. سىلەر ۋە ئەجدادلىرىڭلار ئۇلارنى ئۆزۈڭلارچە شۇنداق ئاتىۋالغان بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە ھېچقانداق دەلىل - پاكىت چۈشۈرگىنى يوق. مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادىدا پەقەت گۇمانغا ۋە شەيتان كۆڭۈللىرىگە چىرايلىق كۆرسەتكەنلىكتىن ئۆزلىرىنىڭ كۆڭلى تارتقان نەرسىگىلا تايىنىدۇ. ئۇلارغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن پەيغەمبىرىنىڭ تىلى ئارقىلىق ھىدايەت كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن ھىدايەت تاپمىدى. info
التفاسير:

external-link copy
24 : 53

أَمۡ لِلۡإِنسَٰنِ مَا تَمَنَّىٰ

بۇتلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىنساننىڭ ئارزۇسى ئىشقا ئاشامدۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
25 : 53

فَلِلَّهِ ٱلۡأٓخِرَةُ وَٱلۡأُولَىٰ

ياق، ئىنسان نېمىنى ئارزۇ قىلسا شۇ بولىدىغان ئىش يوق. ئاخىرەت ھەم بۇ دۇنيا يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇركى، ئۇ ئۇلاردىن خالىغان كىشىگە بېرىدۇ، خالىغان كىشىگە بەرمەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
26 : 53

۞ وَكَم مِّن مَّلَكٖ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ لَا تُغۡنِي شَفَٰعَتُهُمۡ شَيۡـًٔا إِلَّا مِنۢ بَعۡدِ أَن يَأۡذَنَ ٱللَّهُ لِمَن يَشَآءُ وَيَرۡضَىٰٓ

ئاسمانلاردا نۇرغۇنلىغان پەرىشتىلەر بار، ئەگەر شۇلارمۇ بىرەر كىشىگە شاپائەت قىلماقچى بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇلاردىن ئۆزى خالىغان بىرىگە شاپائەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلمىغۇچە ئۇلارنىڭ شاپائىتى ھېچنىمگە ئەسقاتمايدۇ. info
التفاسير:
ఈ పేజీలోని వచనాల ద్వారా లభించే ప్రయోజనాలు:
• كمال أدب النبي صلى الله عليه وسلم حيث لم يَزغْ بصره وهو في السماء السابعة.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەتتىنچى ئاسماندىكى ۋاقتىدا كۆزىنىڭ ئېغىپ كەتمەسلىكى ئۇنىڭ ئەدەب - ئەخلاقىنىڭ مۇكەممەللىكىدۇر. info

• سفاهة عقل المشركين حيث عبدوا شيئًا لا يضر ولا ينفع، ونسبوا لله ما يكرهون واصطفوا لهم ما يحبون.
مۇشرىكلارنىڭ قىلچە پايدا - زىيان ئەكېلەلمەيدىغان بۇتلارغا چوقۇنغانلىقى ھەمدە ئاللاھقا ئۆزلىرى ياقتۇرمايدىغان نەرسىلەرنى ئايرىپ، ئۆزلىرىگە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى تاللىۋالغانلىقى ئۇلارنىڭ ئەقىلسىزلىكىدۇر. info

• الشفاعة لا تقع إلا بشرطين: الإذن للشافع، والرضا عن المشفوع له.
شاپائەت پەقەت ئىككى شەرت بىلەن بولىدۇ: بىرى ئاللاھنىڭ شاپائەت قىلغۇچىغا رۇخسەت قىلىشى، يەنە بىرى شاپائەت قىلىنغۇچىدىن رازى بولۇشى. info