పవిత్ర ఖురాన్ యొక్క భావార్థాల అనువాదం - ఉయ్ఘుర్ అనువాదం - అల్ ఖుర్ఆన్ అల్ కరీమ్ సంక్షిప్త వ్యాఖ్యానం

external-link copy
22 : 41

وَمَا كُنتُمۡ تَسۡتَتِرُونَ أَن يَشۡهَدَ عَلَيۡكُمۡ سَمۡعُكُمۡ وَلَآ أَبۡصَٰرُكُمۡ وَلَا جُلُودُكُمۡ وَلَٰكِن ظَنَنتُمۡ أَنَّ ٱللَّهَ لَا يَعۡلَمُ كَثِيرٗا مِّمَّا تَعۡمَلُونَ

سىلەر گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلغان چېغىڭلاردا قۇلاقلىرىڭلار، كۆزلىرىڭلار ۋە تىرىلىرىڭلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا قارشى گۇۋاھلىق بەرمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلاردىن يوشۇرمايتتىڭلار. چۈنكى سىلەر ئۆلگەندىن كېيىنكى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپاتقا ئىشەنمەيتتىڭلار. سىلەر ئاللاھنى قىلمىشىڭلاردىن كۆپىنچىسىنى بىلمەيدۇ، ئەكسىچە ئاللاھقا مەخپىي قالىدۇ دەپ ئويلاپ، ئالدىنىپ قالدىڭلار. info
التفاسير:
ఈ పేజీలోని వచనాల ద్వారా లభించే ప్రయోజనాలు:
• سوء الظن بالله صفة من صفات الكفار.
ئاللاھ ھەققىدە يامان گۇماندا بولۇش كاپىرلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرىدۇر. info

• الكفر والمعاصي سبب تسليط الشياطين على الإنسان.
كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر شەيتانلارنىڭ ئىنسانلارغا ھۆكۈمران بولۇۋېلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر. info

• تمنّي الأتباع أن ينال متبوعوهم أشدّ العذاب يوم القيامة.
قىيامەت كۈنى ئەگەشكۈچىلەر ئەگەشتۈرگۈچىلەرنىڭ ئۆزلىرىدىنمۇ قاتتىقراق ئازابقا دۇچار بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. info