அல்குர்ஆன் மொழிபெயர்ப்பு - உய்குர் மொழிபெயர்ப்பு- முஹம்மது ஸாலிஹ்

பக்க எண்: 38:2 close

external-link copy
238 : 2

حَٰفِظُواْ عَلَى ٱلصَّلَوَٰتِ وَٱلصَّلَوٰةِ ٱلۡوُسۡطَىٰ وَقُومُواْ لِلَّهِ قَٰنِتِينَ

(بەش) نامازغا بولۇپمۇ نامازدىگەرگە ئەھمىيەت بېرىڭلار (يەنى پۈتۈن شەرتلىرى بىلەن ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلىڭلار). ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا (يەنى نامازدا) ئىتائەتمەنلىك بىلەن تۇرۇڭلار[238]. info
التفاسير:

external-link copy
239 : 2

فَإِنۡ خِفۡتُمۡ فَرِجَالًا أَوۡ رُكۡبَانٗاۖ فَإِذَآ أَمِنتُمۡ فَٱذۡكُرُواْ ٱللَّهَ كَمَا عَلَّمَكُم مَّا لَمۡ تَكُونُواْ تَعۡلَمُونَ

قورقۇنچتا قالغىنىڭلاردا، پىيادە ياكى ئۇلاغلىق كېتىپ بېرىپ (ناماز ئوقۇڭلار). ئامانلىق تاپقىنىڭلاردا ئاللاھنىڭ سىلەرگە بىلمىگىنىڭلارنى ئۆگەتكىنىدەك ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار (يەنى قورقۇنچ تۈگىگەندە، ئاللاھ نامازنى قانداق ئۆتەشكە ئەمر قىلغان بولسا، تولۇق ئەركانلىرى بىلەن شۇنداق ئۆتەڭلار)[239]. info
التفاسير:

external-link copy
240 : 2

وَٱلَّذِينَ يُتَوَفَّوۡنَ مِنكُمۡ وَيَذَرُونَ أَزۡوَٰجٗا وَصِيَّةٗ لِّأَزۡوَٰجِهِم مَّتَٰعًا إِلَى ٱلۡحَوۡلِ غَيۡرَ إِخۡرَاجٖۚ فَإِنۡ خَرَجۡنَ فَلَا جُنَاحَ عَلَيۡكُمۡ فِي مَا فَعَلۡنَ فِيٓ أَنفُسِهِنَّ مِن مَّعۡرُوفٖۗ وَٱللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٞ

سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ئۆزى ۋاپات بولۇپ ئايالى قېلىپ قالىدىغانلار ئۇلارنىڭ (يەنى ئاياللىرىنىڭ) بىر يىلغىچە يېمەك ـ ئىچمەك، كىيىم ـ كېچەك بىلەن تەمىنلىنىشىنى، ئۆيىدىن ھەيدەپ چىقىرىلماسلىقىنى ۋەسىيەت قىلسۇن. ئەگەر (ئاياللىرى) ئۆزلىرى چىقىپ كەتسە، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى توغرىسىدا قىلغان قائىدىلىك ئىشلىرى ئۈچۈن سىلەرگە (يەنى مېيىتنىڭ ئىگىلىرىگە) ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[240]. info
التفاسير:

external-link copy
241 : 2

وَلِلۡمُطَلَّقَٰتِ مَتَٰعُۢ بِٱلۡمَعۡرُوفِۖ حَقًّا عَلَى ٱلۡمُتَّقِينَ

تالاق قىلىنغان ئاياللارغا قائىدە بويىچە نەپىقە بېرىش لازىم. (ئۇ) تەقۋادارلارنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىدۇر[241]. info
التفاسير:

external-link copy
242 : 2

كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمۡ ءَايَٰتِهِۦ لَعَلَّكُمۡ تَعۡقِلُونَ

سىلەرنىڭ چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ (ئۆز ئەھكاملىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ئايەتلىرىنى سىلەرگە مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ[242]. info
التفاسير:

external-link copy
243 : 2

۞ أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ خَرَجُواْ مِن دِيَٰرِهِمۡ وَهُمۡ أُلُوفٌ حَذَرَ ٱلۡمَوۡتِ فَقَالَ لَهُمُ ٱللَّهُ مُوتُواْ ثُمَّ أَحۡيَٰهُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَذُو فَضۡلٍ عَلَى ٱلنَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَشۡكُرُونَ

ئۆزلىرى مىڭلارچە تۇرۇقلۇق، ئۆلۈمدىن قورقۇپ، يۇرتلىرىدىن قېچىپ چىققان كىشىلەردىن خەۋىرىڭ يوقمۇ؟ ئاللاھ ئۇلارنى «ئۆلۈڭلار» دېدى (ئۇلار ئۆلدى). ئاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارنى تىرىلدۈردى، ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر ۋەلېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى (ئاللاھنىڭ نېمىتىگە) شۈكۈر قىلمايدۇ[243]. info
التفاسير:

external-link copy
244 : 2

وَقَٰتِلُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٞ

ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيىتىڭلارنى، ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[244]. info
التفاسير:

external-link copy
245 : 2

مَّن ذَا ٱلَّذِي يُقۡرِضُ ٱللَّهَ قَرۡضًا حَسَنٗا فَيُضَٰعِفَهُۥ لَهُۥٓ أَضۡعَافٗا كَثِيرَةٗۚ وَٱللَّهُ يَقۡبِضُ وَيَبۡصُۜطُ وَإِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ

كىمكى ئاللاھقا قەرزى ھەسەنە بېرىدىكەن (يەنى ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل ـ مېلىنى خۇشاللىق بىلەن سەرپ قىلىدىكەن)، ئاللاھ ئۇنىڭغا نەچچە ھەسسە (يەنى ئون ھەسسىدىن يەتتە يۈز ھەسسىگۈچە) كۆپ قايتۇرىدۇ. ئاللاھ (سىناش ئۈچۈن، بەزى كىشىلەرنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ، (بەزى كىشىلەرنىڭ رىزقىنى) كەڭ قىلىدۇ، (قىيامەت كۈنى) ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر[245]. info
التفاسير: