அல்குர்ஆன் மொழிபெயர்ப்பு - அல்முக்தஸர் பீ தப்ஸீரில் குர்ஆனில் கரீமுக்கான உய்கூர் மொழிபெயர்ப்பு

பக்க எண்:close

external-link copy
27 : 38

وَمَا خَلَقۡنَا ٱلسَّمَآءَ وَٱلۡأَرۡضَ وَمَا بَيۡنَهُمَا بَٰطِلٗاۚ ذَٰلِكَ ظَنُّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْۚ فَوَيۡلٞ لِّلَّذِينَ كَفَرُواْ مِنَ ٱلنَّارِ

بىز ئاسماننى ۋە زېمىننى بىكارغا ياراتمىدۇق. بۇ پەقەت كاپىلارنىڭ گۇمانىدۇر. مۇشۇنداق گۇماندا بولغان كاپىرلار ناۋادا ئۆزلىرىنىڭ كۇپرىسى ۋە ئاللاھقا بولغان يامان گۇمانى بىلەن ئۆلۈپلا كەتسە، قىيامەت كۈنى ئۇلارغا دوزاخ ئازابىدىن ۋاي! info
التفاسير:

external-link copy
28 : 38

أَمۡ نَجۡعَلُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ كَٱلۡمُفۡسِدِينَ فِي ٱلۡأَرۡضِ أَمۡ نَجۡعَلُ ٱلۡمُتَّقِينَ كَٱلۡفُجَّارِ

ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرنى ھەرگىزمۇ كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلغانلارغا ئوخشاش قىلمايمىز، پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادار بولغانلارغا گۇناھ - مەئسىيەتلەرگە چۆمگەن كاپىر ۋە مۇناپىقلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلمايمىز. چۈنكى ئۇلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش زۇلۇم بولۇپ، ئاللاھنىڭ شانۇ-شەۋكىتىگە لايىق كەلمەيدىغان ئىشتۇر. بۇنىڭ ئەكسىچە ئاللاھ تائالا تەقۋادار مۇئمىنلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش ئارقىلىق مۇكاپاتلىسا، بەدبەخت كاپىرلارنى دوزاخقا كىرگۈزۈش ئارقىلىق جازالايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ھەرگىزمۇ باراۋەر بولمايدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى جازا - مۇكاپاتلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
29 : 38

كِتَٰبٌ أَنزَلۡنَٰهُ إِلَيۡكَ مُبَٰرَكٞ لِّيَدَّبَّرُوٓاْ ءَايَٰتِهِۦ وَلِيَتَذَكَّرَ أُوْلُواْ ٱلۡأَلۡبَٰبِ

شەكسىزكى بۇ قۇرئان كەرىم بىز ساڭا نازىل قىلغان كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭ ياخشىلىقى ۋە پايدىسى ئىنتايىن كۆپتۇر. بۇ كىتابنى بىز ئىنسانلارنىڭ ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى ئويلىنىپ، مەنىلىرىنى تەپەككۇر قىلىشلىرى ئۈچۈن، ئۆتكۈر ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ئۇنىڭدىن پەند - نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن نازىل قىلدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
30 : 38

وَوَهَبۡنَا لِدَاوُۥدَ سُلَيۡمَٰنَۚ نِعۡمَ ٱلۡعَبۡدُ إِنَّهُۥٓ أَوَّابٌ

بىز داۋۇدنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا نېئمەت ۋە مەرھەمەت قىلىپ ئوغلى سۇلايماننى بەردۇق. سۇلايمان نېمىدېگەن ياخشى بەندە - ھە!؟ شەكسىزكى ئۇ ئاللاھقا كۆپ تەۋبە قىلغۇچى ۋە كۆپ يۈزلەنگۈچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
31 : 38

إِذۡ عُرِضَ عَلَيۡهِ بِٱلۡعَشِيِّ ٱلصَّٰفِنَٰتُ ٱلۡجِيَادُ

ئۆز ۋاقتىدىكى ۋەقەلىكنى ئەسلىگىنكى، نامازدىگەر ۋاقتىدا ئۇنىڭغا ناھايىتى ئېسىل، يۈگۈرۈك، بىر پۇتىنى كۆتۈرۈپ، ئۈچ پۇتىغا تايىنىپ تۇرىدىغان ئاتلار كۆرسىتىلدى. ئاشۇ ئېسىل ئاتلار ئۇنىڭغا تاكى كۈن پاتقانغا قەدەر كۆرسىتىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
32 : 38

فَقَالَ إِنِّيٓ أَحۡبَبۡتُ حُبَّ ٱلۡخَيۡرِ عَن ذِكۡرِ رَبِّي حَتَّىٰ تَوَارَتۡ بِٱلۡحِجَابِ

سۇلايمان ئېيتتى: مەن مال - دۇنيانىڭ مۇھەببىتىنى رەببىمنىڭ زىكرىدىن ئۈستۈن كۆرۈپتىمەن، ھەتتا قۇياش پېتىپ، ئەسىر نامىزىدىن كېچىكىپ قالدىم. info
التفاسير:

external-link copy
33 : 38

رُدُّوهَا عَلَيَّۖ فَطَفِقَ مَسۡحَۢا بِٱلسُّوقِ وَٱلۡأَعۡنَاقِ

ئۇ ئاتلارنى يېنىمغا قايتۇرۇپ ئەكېلىڭلار. ئۇلار ئاتلارنى سۇلايماننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگەندە، سۇلايمان قىلىچ بىلەن ئۇ ئاتلارنىڭ پاچاقلىرىغا ۋە بويۇنلىرىغا چېپىشقا باشلىدى. info
التفاسير:

external-link copy
34 : 38

وَلَقَدۡ فَتَنَّا سُلَيۡمَٰنَ وَأَلۡقَيۡنَا عَلَىٰ كُرۡسِيِّهِۦ جَسَدٗا ثُمَّ أَنَابَ

بىز سۇلايماننى سىناپ، پادىشاھلىق تەختىنىڭ ئۈستىگە ئىنسان سۈرىتىدە بىر شەيتاننى تاشلىدۇق، ئۇ شەيتان ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى قىسقا ۋاقىت ئىدارە قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھ سۇلايمانغا پادىشاھلىقىنى قايتۇرۇپ بەردى ۋە شەيتانلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزدى. info
التفاسير:

external-link copy
35 : 38

قَالَ رَبِّ ٱغۡفِرۡ لِي وَهَبۡ لِي مُلۡكٗا لَّا يَنۢبَغِي لِأَحَدٖ مِّنۢ بَعۡدِيٓۖ إِنَّكَ أَنتَ ٱلۡوَهَّابُ

سۇلايمان ئېيتتى: ئەي پەرۋەردىگارىم! مېنىڭ گۇناھلىرىمنى كەچۈرگىن، ماڭا خاس بولغان بىر پادىشاھلىقنى ئاتا قىلغىنكى، مەندىن كېيىن ھېچكىمگە ئۇنداق پادىشاھلىق نېسىپ بولمىسۇن. ئەي رەببىم! سەن ھەقىقەتەن كۆپ بەرگۈچى ۋە ئىلتىپاتىڭ كاتتا زات سەن. info
التفاسير:

external-link copy
36 : 38

فَسَخَّرۡنَا لَهُ ٱلرِّيحَ تَجۡرِي بِأَمۡرِهِۦ رُخَآءً حَيۡثُ أَصَابَ

شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنىڭغا شامالنىمۇ بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، شامال ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن شۇنداق لەرزان چىقاتتىكى، شۇنچىۋالا كۈچلۈك ۋە سۈرئىتى تېز بولسىمۇ باشقا نەرسىلەرنى تەۋرىتىپ قويمايتتى. سۇلايمان نەگە بارماقچى بولسا شۇ يەرگە ئاپىراتتى. info
التفاسير:

external-link copy
37 : 38

وَٱلشَّيَٰطِينَ كُلَّ بَنَّآءٖ وَغَوَّاصٖ

بىز ئۇنىڭغا شەيتانلارنىمۇ بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، شەيتانلار ئۇنىڭ بۇيرۇغىنىنى قىلاتتى. شەيتانلارنىڭ ئىچىدە بىناكارلار ۋە غەۋۋاسلار بار بولۇپ، غەۋۋاسلار دېڭىزلارغا شۇڭغۇپ، ئۈنچە - مەرۋايىتلارنى سۈزۈپ چىقاتتى. info
التفاسير:

external-link copy
38 : 38

وَءَاخَرِينَ مُقَرَّنِينَ فِي ٱلۡأَصۡفَادِ

شەيتانلارنىڭ ئىچىدە يەنە بىر ئوچۇم باشتۇڭلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلارمۇ سۇلايمانغا بويسۇندۇرۇلغان ئىدى. يەنى ئۇلار زەنجىر - كېشەنلەر بىلەن باغلانغان بولۇپ، قىمىر قىلالمايتتى. info
التفاسير:

external-link copy
39 : 38

هَٰذَا عَطَآؤُنَا فَٱمۡنُنۡ أَوۡ أَمۡسِكۡ بِغَيۡرِ حِسَابٖ

ئەي سۇلايمان! بۇ بىزنىڭ تىلىكىڭنى ئىجابەت قىلىپ ساڭا ئاتا قىلغان ئىلتىپاتلىرىمىزدۇر. ئەمدى ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭ خالىغان كىشىگە بەرسەڭ، خالىغىنىڭغا بەرمىسەڭ بولىدۇ. سەن بېرىپ - بەرمىگەنلىكىڭگە قارىتا سوراققا تارتىلمايسەن. info
التفاسير:

external-link copy
40 : 38

وَإِنَّ لَهُۥ عِندَنَا لَزُلۡفَىٰ وَحُسۡنَ مَـَٔابٖ

سۇلايمان بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ھەقىقەتەن يېقىن بەندىلەردىن ئىدى، ئۇنىڭ ئاخىرى قايتىدىغان جايىمۇ گۈزەل بولىدۇكى، ئۇ بولسىمۇ جەننەتتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
41 : 38

وَٱذۡكُرۡ عَبۡدَنَآ أَيُّوبَ إِذۡ نَادَىٰ رَبَّهُۥٓ أَنِّي مَسَّنِيَ ٱلشَّيۡطَٰنُ بِنُصۡبٖ وَعَذَابٍ

ئەي پەيغەمبەر! بەندىمىز ئەييۇبنى ئەسلىگىن. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھقا يالۋۇرۇپ: ھەقىقەتەن شەيتان ماڭا قىينايدىغان جاپالارنى سالدى، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
42 : 38

ٱرۡكُضۡ بِرِجۡلِكَۖ هَٰذَا مُغۡتَسَلُۢ بَارِدٞ وَشَرَابٞ

بىز ئۇنىڭغا: پۇتۇڭ بىلەن يەرنى تەپكىن، دېدۇق. ئۇ يەرنى تېپىۋېدى، يەردىن ئىچكىلى ۋە يۇيۇنغىلى بولىدىغان سۇ ئېتىلىپ چىقتى. ئەييۇب (شۇ سۇنى ئىچىپ، يۇيۇنغاندىن كېيىن) ئۇنىڭدىكى كېسەل ۋە ئەزىيەتلەر يوقالدى. info
التفاسير:
இப்பக்கத்தின் வசனங்களிலுள்ள பயன்கள்:
• الحث على تدبر القرآن.
يۇقىرىدىكى ئايەتلەر قۇرئان ھەققىدە ئويلىنىشقا قىزىقتۇرىدۇ. info

• في الآيات دليل على أنه بحسب سلامة القلب وفطنة الإنسان يحصل له التذكر والانتفاع بالقرآن الكريم.
بۇ ئايەتلەردە پەند - نەسىھەت ئېلىش ۋە قۇرئان كەرىمدىن مەنپەئەتلىنىشنىڭ قەلبنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئىنساننىڭ زېرەكلىكىگە قاراپ بولىدىغانلىقىغا دەلىل بار. info

• في الآيات دليل على صحة القاعدة المشهورة: «من ترك شيئًا لله عوَّضه الله خيرًا منه».
بۇ ئايەتلەردە يەنە «كىمكى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى دەپ بىر نەرسىنى تاشلىسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراقىنى بېرىدۇ» دېگەن مەشھۇر قائىدىنىڭ توغرىلىقىغا دەلىل بار. info