அல்குர்ஆன் மொழிபெயர்ப்பு - அல்முக்தஸர் பீ தப்ஸீரில் குர்ஆனில் கரீமுக்கான உய்கூர் மொழிபெயர்ப்பு

பக்க எண்:close

external-link copy
104 : 12

وَمَا تَسۡـَٔلُهُمۡ عَلَيۡهِ مِنۡ أَجۡرٍۚ إِنۡ هُوَ إِلَّا ذِكۡرٞ لِّلۡعَٰلَمِينَ

ئەگەر ئۇلار ئەقلىنى ئىشلەتكەن بولسا ئەلۋەتتە ساڭا ئىمان ئېيتقان بولاتتى. ئەي پەيغەمبەر! سەن ئۇلارنى نە قۇرئانغا، نە دىنغا دەۋەت قىلغىنىڭ ئۈچۈن ئۇلاردىن مۇكاپات كۈتمەيسەن. چۈنكى قۇرئان بارلىق كىشىلەرگە پەند - نەسىھەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس. info
التفاسير:

external-link copy
105 : 12

وَكَأَيِّن مِّنۡ ءَايَةٖ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ يَمُرُّونَ عَلَيۡهَا وَهُمۡ عَنۡهَا مُعۡرِضُونَ

ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھ تائالانىڭ يەككە - يېگانە ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدىغان نۇرغۇن ئالامەتلەر باركى، ئىنسانلار بۇ ئالامەتلەر ئۈستىدە ئويلانماستىن ۋە ئېبرەت ئالماستىن پەرۋاسىزلارچە ئۆتۈپ كېتىۋېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
106 : 12

وَمَا يُؤۡمِنُ أَكۡثَرُهُم بِٱللَّهِ إِلَّا وَهُم مُّشۡرِكُونَ

ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاللاھ تائالانىڭ ھەممىنى ياراتقۇچى، رىزىق بەرگۈچى، ھاياتلىق ئاتا قىلغۇچى ۋە جاننى ئالغۇچى ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتمايدۇ. ئۇلار ئۇنىڭغا باشقا بۇت ۋە ھەيكەللەرنى قوشۇپ چوقۇنىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بالىسى بار، دەپ دەۋا قىلىشىدۇ. ئاللاھ بۇنىڭدىن پاكتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
107 : 12

أَفَأَمِنُوٓاْ أَن تَأۡتِيَهُمۡ غَٰشِيَةٞ مِّنۡ عَذَابِ ٱللَّهِ أَوۡ تَأۡتِيَهُمُ ٱلسَّاعَةُ بَغۡتَةٗ وَهُمۡ لَا يَشۡعُرُونَ

بۇ مۇشرىكلار مۇشۇ دۇنيادىلا ئۆزلىرىنى ھەر تەرەپتىن قورشىۋالىدىغان، ئۇلارنىڭ قايتۇرۇشقا كۈچى يەتمەيدىغان كۈتۈلمىگەن ئازاب كەپقېلىشىدىن ياكى ئۇلار سەزمەستىن، تەييارلىقسىز تۇرغاندا قىيامەتنىڭ ئۇشتۇمتۇت يۈز بېرىشىدىن خاتىرجەم بولدىمۇ؟ ئۇلار شۇڭا ئىمان ئېيتمىدىمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
108 : 12

قُلۡ هَٰذِهِۦ سَبِيلِيٓ أَدۡعُوٓاْ إِلَى ٱللَّهِۚ عَلَىٰ بَصِيرَةٍ أَنَا۠ وَمَنِ ٱتَّبَعَنِيۖ وَسُبۡحَٰنَ ٱللَّهِ وَمَآ أَنَا۠ مِنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ

ئەي پەيغەمبەر! سەن دەۋەت قىلىۋاتقانلارغا ئېيتقىنكى، مېنىڭ يولۇم مۇشۇ، كىشىلەرنى مۇشۇ يولغا چاقىرىمەن، مەن ۋە ماڭا ئەگەشكەن، مېنىڭ يولۇمدا ماڭغان ھەمدە مېنىڭ سۈننىتىمگە ئەمەل قىلغان كىشلەرنى بۇ يولغا چاقىرىشتا روشەن پاكىتقا ئاساسلىنىمىز. مەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچىلەردىن ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالانى يەككە - يېگانە دەپ ئېتىقاد قىلغۇچىلاردىنمەن. info
التفاسير:

external-link copy
109 : 12

وَمَآ أَرۡسَلۡنَا مِن قَبۡلِكَ إِلَّا رِجَالٗا نُّوحِيٓ إِلَيۡهِم مِّنۡ أَهۡلِ ٱلۡقُرَىٰٓۗ أَفَلَمۡ يَسِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَيَنظُرُواْ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۗ وَلَدَارُ ٱلۡأٓخِرَةِ خَيۡرٞ لِّلَّذِينَ ٱتَّقَوۡاْۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ

ئەي پەيغەمبەر! بىز سەندىن ئىلگىرىمۇ پەرىشتىلەرنى ئەمەس، بەلكى ئىنسانلار ئىچىدىن بىر قىسىم كىشىلەرنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ساڭا ۋەھىي قىلغىنىمىزدەك ئۇلارغىمۇ ۋەھىي قىلدۇق. ئۇلار چۆل، سەھرادىن ئەمەس، بەلكى شەھەرلەردىن ئىدى. ئۈممەتلىرى ئۇلارنى ئىنكار قىلىۋېدى، ئىنكارچىلارنى ھالاك قىلىۋەتتۇق. سېنى ئىنكار قىلغان بۇ ئادەملەر يەر يۈزىدە سەپەر قىلىپ، ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكى ئىنكارچىلارنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىبرەت ئالمىدىمۇ؟ ئاخىرەتتىكى نازۇ-نېئمەتلەر ئاللاھقا تەقۋادار بولغانلار ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكىدىن كۆپ ياخشىدۇر. سىلەر بۇنىڭ ھەممىدىن ياخشى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ بولسىمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئەڭ كاتتىسى ئىمان بولغان بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە ئەڭ چوڭى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بولغان چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلمامسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
110 : 12

حَتَّىٰٓ إِذَا ٱسۡتَيۡـَٔسَ ٱلرُّسُلُ وَظَنُّوٓاْ أَنَّهُمۡ قَدۡ كُذِبُواْ جَآءَهُمۡ نَصۡرُنَا فَنُجِّيَ مَن نَّشَآءُۖ وَلَا يُرَدُّ بَأۡسُنَا عَنِ ٱلۡقَوۡمِ ٱلۡمُجۡرِمِينَ

بۇ پەيغەمبەرلەرنى بىز ئەۋەتكەن ئىكەنمىز، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىگىمۇ مۆھلەت بېرىمىز، ئۇلارنى تۇيدۇرماي جازالاش ئۈچۈن جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيمىز. نىھايەت ئۇلارنىڭ ھالاكىتى كېچىكىپ، پەيغەمبەرلەرمۇ ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىدىن ئۈمىد ئۈزگەن ھەمدە كاپىرلارمۇ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئىنكارچىلارغا ئازاب كېلىپ، ئىمان ئېيتقانلارنىڭ قۇتۇلدۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ۋەدىلىرىنى يالغانكەن دەپ ئويلاپ تۇرغان چاغدا بىزنىڭ پەيغەمبەرلىرىمىزگە بېرىدىغان ياردىمىمىز كېلىدۇ ھەمدە بىز پەيغەمبەرلەرنى ۋە ئۇلارغا ئىمان ئېيتقانلارنى ئىنكارچىلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇرىمىز. بىز ئازابىمىزنى چۈشۈرگەن چاغدا گۇناھكار قەۋملەردىن قايتۇرۇلمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
111 : 12

لَقَدۡ كَانَ فِي قَصَصِهِمۡ عِبۡرَةٞ لِّأُوْلِي ٱلۡأَلۡبَٰبِۗ مَا كَانَ حَدِيثٗا يُفۡتَرَىٰ وَلَٰكِن تَصۡدِيقَ ٱلَّذِي بَيۡنَ يَدَيۡهِ وَتَفۡصِيلَ كُلِّ شَيۡءٖ وَهُدٗى وَرَحۡمَةٗ لِّقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ

شەكسىزكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە ئۈممەتلىرىنىڭ ۋەقەلىكلىرىدە، شۇنداقلا يۇسۇف ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ قىسسەسىدە كۆپلىگەن پەند - نەسىھەتلەر باركى، ئۇنىڭدىن ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى پەند - نەسىھەت ئالىدۇ. بۇ قىسسەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئان كەرىم ئاللاھ نامىدىن يالغاندىن ئويدۇرۇلغان توقۇلما سۆز ئەمەس، ئۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن نازىل قىلىنغان ساماۋىي كىتابلارنى تەستىقلىغۇچى، ئېھتىياج چۈشىدىغان تەپسىلىي ئەھكاملار ۋە يوليورۇقلارنى كونكېرت بايان قىلغۇچى، ھەر قانداق ياخشىلىققا يېتەكلىگۈچى، ئىمان ئېيتقان كىشىلەرگە رەھمەت بولغان كىتابتۇركى، بۇ كىتابتىن پەقەت ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەرلا بەھىر ئالالايدۇ. info
التفاسير:
இப்பக்கத்தின் வசனங்களிலுள்ள பயன்கள்:
• أن الداعية لا يملك تصريف قلوب العباد وحملها على الطاعات، وأن أكثر الخلق ليسوا من أهل الهداية.
بۇ ئايەتلەر دەۋەتچى بولغان كىشىنىڭ بەندىلەرنىڭ قەلبلىرىنى ئۆزگەرتىپ، تائەت - ئىبادەتلەرگە مەجبۇرلىيالمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خالايىقلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن ئەمەسلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. info

• ذم المعرضين عن آيات الله الكونية ودلائل توحيده المبثوثة في صفحات الكون.
ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى قۇدرىتىنىڭ ئالامەتلىرىدىن ھەمدە ئۇنىڭ يەككە - يېگانىلىكىنىڭ كائىناتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدا چېچىلىپ ياتقان دەلىللىرىدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنى ئەيىبلەيدۇ. info

• شملت هذه الآية ﴿ قُل هَذِهِ سَبِيلِي...﴾ ذكر بعض أركان الدعوة، ومنها: أ- وجود منهج:﴿ أَدعُواْ إِلَى اللهِ ﴾. ب - ويقوم المنهج على العلم: ﴿ عَلَى بَصِيرَةٍ﴾. ج - وجود داعية: ﴿ أَدعُواْ ﴾ ﴿أَنَا﴾. د - وجود مَدْعُوِّين: ﴿ وَمَنِ اتَّبَعَنِي ﴾.
«ئېيتقىنكى، بۇ مېنىڭ يولۇمدۇر» دېگەن بۇ ئايەت دەۋەتنىڭ بىر قسىىم ئاساسلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇلار: 1- ئاللاھ تەرەپكە چاقىرىشتىن ئىبارەت مېتودنىڭ مەۋجۇتلۇقى، 2- دەلىل پاكىتقا ئاساسلىنىشتىن ئىبارەت ئىلمىي مېتودقا ئاساسلىنىش، 3- مەن چاقىرىمەن دەيدىغان دەۋەتچىنىڭ بولۇشى، 4- ئەگىشىدىغان چاقىرىلغۇچىلارنىڭ بولۇشىدىن ئىبارەت. info