د قرآن کریم د معناګانو ژباړه - اویګوري ژبې ته د المختصر في تفسیر القرآن الکریم ژباړه

د مخ نمبر:close

external-link copy
17 : 68

إِنَّا بَلَوۡنَٰهُمۡ كَمَا بَلَوۡنَآ أَصۡحَٰبَ ٱلۡجَنَّةِ إِذۡ أَقۡسَمُواْ لَيَصۡرِمُنَّهَا مُصۡبِحِينَ

ھەقىقەتەن بىز (ئىلگىرىكى زاماندا) باغ ئىگىلىرىنى سىنىغاندەك، بۇ مۇشرىكلارنىمۇ قەھەتچىلىك ۋە ئاچارچىلىق بىلەن سىنىدۇق. ئەينى چاغدا مەزكۇر باغ ئىگىلىرى يوقسۇللارنىڭ يەۋالماسلىقى ئۈچۈن تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن ئالدىراپ مېۋىلىرىنى ئۈزۈۋېلىشقا قەسەم قىلىشقان ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
18 : 68

وَلَا يَسۡتَثۡنُونَ

ئۇلار قىلغان قەسەملىرىدە: «ئاللاھ خالىسا» دېمىگەن ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
19 : 68

فَطَافَ عَلَيۡهَا طَآئِفٞ مِّن رَّبِّكَ وَهُمۡ نَآئِمُونَ

مەزكۇر باغنىڭ ئىگىلىرى ئۇخلاۋاتقاندا ئاللاھ ئۇ باغقا بىر ئوت ئەۋەتتى، ئاندىن ئۇ ئوت باغلارنى كۆيدۈرۈپ كۈلگە ئايلاندۇرۇۋەتتى. ئۇلارنىڭ ئۇ ئوتنى توسۇپ قېلىشقا كۈچى يەتمەيتتى. info
التفاسير:

external-link copy
20 : 68

فَأَصۡبَحَتۡ كَٱلصَّرِيمِ

نەتىجىدە ئۇ باغ زۇلمەتلىك كېچىگە ئوخشاش قاپقارا كۈلگە ئايلىنىپ قالدى. info
التفاسير:

external-link copy
21 : 68

فَتَنَادَوۡاْ مُصۡبِحِينَ

ئۇلار سەھەر ۋاقتىدا بىر - بىرىنى چاقىرىشىپ: مېۋىلىرىڭلارنى ئۈزمەكچى بولساڭلار كەمبەغەللەر كېلىشتىن بۇرۇن بېغىڭلارغا بالدۇر بېرىڭلار، دېيىشتى. info
التفاسير:

external-link copy
22 : 68

أَنِ ٱغۡدُواْ عَلَىٰ حَرۡثِكُمۡ إِن كُنتُمۡ صَٰرِمِينَ

ئۇلار سەھەر ۋاقتىدا بىر - بىرىنى چاقىرىشىپ: مېۋىلىرىڭلارنى ئۈزمەكچى بولساڭلار كەمبەغەللەر كېلىشتىن بۇرۇن بېغىڭلارغا بالدۇر بېرىڭلار، دېيىشتى. info
التفاسير:

external-link copy
23 : 68

فَٱنطَلَقُواْ وَهُمۡ يَتَخَٰفَتُونَ

ئۇلار پەس ئاۋازدا بىر - بىرىگە: بۈگۈن بېغىڭلارغا ھەرگىز بىرەر مىسكىن كىرىپ قالمىسۇن، دەپ كۇسۇرلاشقىنىچە بېغىغا ئالدىراپ مېڭىشتى. info
التفاسير:

external-link copy
24 : 68

أَن لَّا يَدۡخُلَنَّهَا ٱلۡيَوۡمَ عَلَيۡكُم مِّسۡكِينٞ

ئۇلار پەس ئاۋازدا بىر - بىرىگە: بۈگۈن بېغىڭلارغا ھەرگىز بىرەر مىسكىن كىرىپ قالمىسۇن، دەپ كۇسۇرلاشقىنىچە بېغىغا ئالدىراپ مېڭىشتى. info
التفاسير:

external-link copy
25 : 68

وَغَدَوۡاْ عَلَىٰ حَرۡدٖ قَٰدِرِينَ

ئۇلار مېۋىلىرىدىن كەمبەغەللەرگە بەرمەسلىكنى قارار قىلىشىپ ئەتىگەندە يولغا چىقتى. info
التفاسير:

external-link copy
26 : 68

فَلَمَّا رَأَوۡهَا قَالُوٓاْ إِنَّا لَضَآلُّونَ

ئۇلار باغنىڭ كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ بىر - بىرىگە شۇنداق دېيىشتى: بىز ھەقىقەتەن يولدىن ئادىشىپ قاپتىمىز. info
التفاسير:

external-link copy
27 : 68

بَلۡ نَحۡنُ مَحۡرُومُونَ

بەلكى بىز كەمبەغەللەرگە باغنىڭ مېۋىلىرىدىن بەرمەسلىكنى قارار قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن بىزمۇ ئۇنىڭ مېۋىسىنى ئۈزۈشتىن مەھرۇم قاپتۇق. info
التفاسير:

external-link copy
28 : 68

قَالَ أَوۡسَطُهُمۡ أَلَمۡ أَقُل لَّكُمۡ لَوۡلَا تُسَبِّحُونَ

ئۇلاردىن تەقۋادارراق بولغان بىرى: سىلەر باغنىڭ مېۋىلىرىدىن كەمبەغەللەرنى مەھرۇم قويۇشنى قارار قىلغىنىڭلاردا مەن سىلەرگە: نېمىشقا ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىپ، تەۋبە قىلمايسىلەر، دېمىگەنمىدىم؟ دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
29 : 68

قَالُواْ سُبۡحَٰنَ رَبِّنَآ إِنَّا كُنَّا ظَٰلِمِينَ

ئۇلار: پەرۋەردىگارىمىز پاكتۇر. بىز ھەقىقەتەن بېغىمىزنىڭ مېۋىلىرىدىن كەمبەغەللەرگە بەرمەسلىكنى قارار قىلغىنىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلغۇچى بوپتۇق، دېيىشتى. info
التفاسير:

external-link copy
30 : 68

فَأَقۡبَلَ بَعۡضُهُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖ يَتَلَٰوَمُونَ

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر - بىرىگە تاپا - تەنە قىلىشقا باشلىدى. info
التفاسير:

external-link copy
31 : 68

قَالُواْ يَٰوَيۡلَنَآ إِنَّا كُنَّا طَٰغِينَ

ئۇلار قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلغان ھالدا: ۋاي ئېسىت! بىز كەمبەغەللەرنىڭ ھەققىنى بەرمەسلىك بىلەن ھەقىقەتەن چەكتىن ئېشىپتۇق، دېيىشتى. info
التفاسير:

external-link copy
32 : 68

عَسَىٰ رَبُّنَآ أَن يُبۡدِلَنَا خَيۡرٗا مِّنۡهَآ إِنَّآ إِلَىٰ رَبِّنَا رَٰغِبُونَ

ئۈمىدكى، پەرۋەردىگارىمىز بىزگە بۇ باغدىنمۇ ياخشىراقنى بەرگەي. بىز ھەقىقەتەن يالغۇز ئاللاھقىلا يۈزلەنگۈچىلەرمىز. ئۇنىڭدىن خاتالىقلىرىمىزنى ئەپۇ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ۋە ياخشىلىق تىلەيمىز. info
التفاسير:

external-link copy
33 : 68

كَذَٰلِكَ ٱلۡعَذَابُۖ وَلَعَذَابُ ٱلۡأٓخِرَةِ أَكۡبَرُۚ لَوۡ كَانُواْ يَعۡلَمُونَ

بىز رىزىقتىن مەھرۇملۇق بىلەن مۇشۇنداق ئازابلىغانغا ئوخشاش، بىزگە ئاسىيلىق قىلغانلارنىمۇ شۇنداق ئازابلايمىز. ئاخىرەتنىڭ ئازابى ئەلۋەتتە تېخىمۇ قاتتىقتۇركى، كاشكى ئۇلار ئۇ ئازابنىڭ قاتتىقلىقىنى ۋە مەڭگۈلۈكلىكىنى بىلسە. info
التفاسير:

external-link copy
34 : 68

إِنَّ لِلۡمُتَّقِينَ عِندَ رَبِّهِمۡ جَنَّٰتِ ٱلنَّعِيمِ

ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ھەم چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولغانلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا نازۇنېئمەتلىك جەننەتلەر بار بولۇپ، ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە شاد - خۇرام ياشايدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن نېئمەتلەر قەتئىي ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
35 : 68

أَفَنَجۡعَلُ ٱلۡمُسۡلِمِينَ كَٱلۡمُجۡرِمِينَ

مەككە مۇشرىكلىرى بىلجىرلىغاندەك، بىز مۇسۇلمانلارنى جازا - مۇكاپاتتا كاپىرلار بىلەن ئوخشاش قىلىمىزمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
36 : 68

مَا لَكُمۡ كَيۡفَ تَحۡكُمُونَ

ئى مۇشرىكلار! سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقسىگە بۇنداق ئادالەتسىز، خاتا ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
37 : 68

أَمۡ لَكُمۡ كِتَٰبٞ فِيهِ تَدۡرُسُونَ

ياكى سىلەردە بىرەر كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئىتائەتمەن بىلەن ئىسيانكارنىڭ باراۋەر بولىدىغانلىقىنى ئوقۇۋاتامسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
38 : 68

إِنَّ لَكُمۡ فِيهِ لَمَا تَخَيَّرُونَ

ياكى ئاشۇ كىتابتا ئاخىرەتتە سىلەر خالىغىنىڭلارغا ئېرىشەلەيسىلەر، دەپ بارمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
39 : 68

أَمۡ لَكُمۡ أَيۡمَٰنٌ عَلَيۡنَا بَٰلِغَةٌ إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ إِنَّ لَكُمۡ لَمَا تَحۡكُمُونَ

ياكى سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن چىقارغان ھۆكمىڭلارنىڭ كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقى ھەققىدە بىزدىن قەسەملەر بىلەن ئالغان چىن ئەھدەڭلار بارمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
40 : 68

سَلۡهُمۡ أَيُّهُم بِذَٰلِكَ زَعِيمٌ

ئەي پەيغەمبەر! مۇشۇ گەپنى دېگۈچىلەردىن سوراپ باققىنكى، ئۇلاردىن كىم مۇشۇنىڭغا كېپىل بولالايدىكىن؟ info
التفاسير:

external-link copy
41 : 68

أَمۡ لَهُمۡ شُرَكَآءُ فَلۡيَأۡتُواْ بِشُرَكَآئِهِمۡ إِن كَانُواْ صَٰدِقِينَ

ياكى ئۇلارنى جازا - مۇكاپاتتا مۇئمىنلەر بىلەن باراۋەر قىلىدىغان ئاللاھتىن باشقا شېرىكلىرى بارمۇ؟ ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ جازا - مۇكاپاتتا مۇئمىنلەر بىلەن باراۋەر بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى دەۋاسىدا راستچىل بولسا، قېنى شېرىكلىرىنى كەلتۈرۈپ باقسۇن؟ info
التفاسير:

external-link copy
42 : 68

يَوۡمَ يُكۡشَفُ عَن سَاقٖ وَيُدۡعَوۡنَ إِلَى ٱلسُّجُودِ فَلَا يَسۡتَطِيعُونَ

قىيامەت كۈنى قورقۇنچ ئاشكارا بولۇپ، پەرۋەردىگارىمىز ساقىنى ئاچىدۇ. بارلىق كىشىلەر سەجدىگە چاقىرىلىدۇ، ئەمما مۇئمىنلەر سەجدە قىلسىمۇ، كاپىرلار ۋە مۇناپىقلار سەجدە قىلالماي تۇرۇپ قالىدۇ. info
التفاسير:
په دې مخ کې د ایتونو د فایدو څخه:
• منع حق الفقير سبب في هلاك المال.
كەمبەغەللەرنىڭ ھەققىنى بەرمەسلىك مال - مۈلۈكنىڭ ھالاك بوپكېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. info

• تعجيل العقوبة في الدنيا من إرادة الخير بالعبد ليتوب ويرجع.
(بىر قىسىم كىشىلەرگە) مۇشۇ دۇنيادىلا جازا بېرىلىشى بەندىنىڭ تەۋبە قىلىپ، خاتالىقتىن قايتىۋېلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ياخشىلىق ئىرادە قىلىنغانلىقىدىندۇر. info

• لا يستوي المؤمن والكافر في الجزاء، كما لا تستوي صفاتهما.
مۇئمىن بىلەن كاپىرنىڭ سۈپەتلىرىمۇ ئوخشىمىغاندەك، ئۇلار جازا - مۇكاپاتتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. info