د قرآن کریم د معناګانو ژباړه - اویګوري ژبې ته د المختصر في تفسیر القرآن الکریم ژباړه

external-link copy
14 : 31

وَوَصَّيۡنَا ٱلۡإِنسَٰنَ بِوَٰلِدَيۡهِ حَمَلَتۡهُ أُمُّهُۥ وَهۡنًا عَلَىٰ وَهۡنٖ وَفِصَٰلُهُۥ فِي عَامَيۡنِ أَنِ ٱشۡكُرۡ لِي وَلِوَٰلِدَيۡكَ إِلَيَّ ٱلۡمَصِيرُ

بىز ئىنساننى ئاللاھقا ئاسىي بولمايدىغان ئىشلاردا ئاتا - ئانىسىغا ئىتائەت قىلىشقا ۋە ئۇلارغا ۋاپادار بولۇشقا بۇيرۇدۇق. ئانىسى ئۇنى ئۈستى - ئۈستىلەپ جاپا - مۇشەققەتتە قورسىقىدا كۆتۈردى. ئۇنىڭ ئەمچەكتىن ئايرىلىشى ئۈچۈن ئىككى يىل كېتىدۇ. بىز ئۇنىڭغا دېدۇقكى: ئاللاھنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىگە شۈكرى قىلغىن، ئاندىن ئاتا - ئاناڭنىڭ سېنى بېقىپ چوڭ قىلغىنى ئۈچۈن مىننەتدار بولغىن. ئاخىرى قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر، ئاندىن مەن ھەر كىمگە لايىقىدا جازا - مۇكاپات بېرىمەن. info
التفاسير:
په دې مخ کې د ایتونو د فایدو څخه:
• لما فصَّل سبحانه ما يصيب الأم من جهد الحمل والوضع دلّ على مزيد برّها.
ئاللاھ تائالا ئانىنىڭ قورساق كۆتۈرۈش ھەم تۇغۇش جەريانىدا تارتىدىغان جاپا - مۇشەققەتلەرنى كونكرېت ھالدا بايان قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تېخىمۇ ۋاپادار بولۇش كېرەكلىكىگە كۆرسەتتى. info

• نفع الطاعة وضرر المعصية عائد على العبد.
بەندىنىڭ ئىتائىتىنىڭ پايدىسىمۇ، ئاسىيلىقىنىڭ زىيىنىمۇ ئۆزىگە بولىدۇ. info

• وجوب تعاهد الأبناء بالتربية والتعليم.
پەرزەنتلەرنىڭ تەلىم - تەربىيەسىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋاجىبتۇر. info

• شمول الآداب في الإسلام للسلوك الفردي والجماعي.
ئىسلامدىكى ئەدەب - ئەخلاق يەككە ھەم كوللېكتىپ پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. info