د قرآن کریم د معناګانو ژباړه - اویګوري ژبې ته د المختصر في تفسیر القرآن الکریم ژباړه

external-link copy
158 : 26

فَأَخَذَهُمُ ٱلۡعَذَابُۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗۖ وَمَا كَانَ أَكۡثَرُهُم مُّؤۡمِنِينَ

ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان ئازاب ئۇلارنى تۇتتى، ئۇ ئازاب يەر تەۋرەش ۋە كۈچلۈك ئاۋاز ئىدى. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سالىھ ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ۋەقەلىكىدە ئىبرەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن كاتتا ئىبرەت بار. ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى. info
التفاسير:
په دې مخ کې د ایتونو د فایدو څخه:
• توالي النعم مع الكفر استدراج للهلاك.
كۇپۇرلۇق قىلسىمۇ نېئمەتنىڭ داۋاملىشىشى تۇيدۇرماي ھالاك قىلىش ئۈچۈندۇر. info

• التذكير بالنعم يُرتجى منه الإيمان والعودة إلى الله من العبد.
نېئمەتلەرنى ئەسلىتىشتىن بەندىنىڭ ئىمان ئېيتىپ، ئاللاھ تەرەپكە قايتىۋېلىشى ئۈمىد قىلىنىدۇ. info

• المعاصي هي سبب الفساد في الأرض.
گۇناھ - مەئسىيەتلەر زېمىندا بۇزۇقچىلىق يامرىشىغا سەۋەب بولىدۇ. info