د قرآن کریم د معناګانو ژباړه - اویګوري ژبې ته د المختصر في تفسیر القرآن الکریم ژباړه

د مخ نمبر:close

external-link copy
62 : 18

فَلَمَّا جَاوَزَا قَالَ لِفَتَىٰهُ ءَاتِنَا غَدَآءَنَا لَقَدۡ لَقِينَا مِن سَفَرِنَا هَٰذَا نَصَبٗا

ئۇلار ئىككى دەريا قوشۇلىدىغان جايدىن ئۆتكەندە مۇسائەلەيھىسسالام خىزمەتكارىغا: ناشتىلىقىمىزنى ئېلىپ كەلگىن، بۇ سەپىرىمىزدە ھەقىقەتەن بەك چارچاپ كەتتۇق، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
63 : 18

قَالَ أَرَءَيۡتَ إِذۡ أَوَيۡنَآ إِلَى ٱلصَّخۡرَةِ فَإِنِّي نَسِيتُ ٱلۡحُوتَ وَمَآ أَنسَىٰنِيهُ إِلَّا ٱلشَّيۡطَٰنُ أَنۡ أَذۡكُرَهُۥۚ وَٱتَّخَذَ سَبِيلَهُۥ فِي ٱلۡبَحۡرِ عَجَبٗا

خىزمەتكار: بىز تاشنىڭ يېنىدا ئارام ئېلىۋاتقاندا يۈز بەرگەن ئىشتىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟ مەن بېلىقنىڭ ئىشىنى ساڭا سۆزلەپ بېرىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، بېلىقنىڭ ۋەقەسىنى ساڭا سۆزلەپ بېرىشنى ماڭا پەقەت شەيتان ئۇنتۇلدۇرۇپتۇ. بېلىق تىرىلىپ، سېۋەتتىن سەكرەپ چۈشۈپ، دېڭىزغا ئاجايىپ يول ئالغانتى، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
64 : 18

قَالَ ذَٰلِكَ مَا كُنَّا نَبۡغِۚ فَٱرۡتَدَّا عَلَىٰٓ ءَاثَارِهِمَا قَصَصٗا

مۇسا ئەلەيھىسسالام خىزمەتكارىغا: بىز بارماقچى بولغان يەر شۇ، بېلىقنىڭ ئىشى سالىھ بەندىنىڭ جايىنىڭ ئالامىتى، دېدى - دە، ئىككەيلەن ھېلىقى تاشنىڭ قېشىغا، تاشتىن بېلىق دېڭىزغا كىرىپ كەتكەن يەرگىچە يېتىپ بارغانغا قەدەر يولدىن ئېزىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن كەلگەن يولى بىلەن قايتتى. info
التفاسير:

external-link copy
65 : 18

فَوَجَدَا عَبۡدٗا مِّنۡ عِبَادِنَآ ءَاتَيۡنَٰهُ رَحۡمَةٗ مِّنۡ عِندِنَا وَعَلَّمۡنَٰهُ مِن لَّدُنَّا عِلۡمٗا

بۇ ئىككەيلەن بېلىقىنى يوقىتىپ قويغان جايغا كەلگەندە بىزنىڭ سالىھ بەندىلىرىمىزدىن بىرىنى تاپتى، بىز ئۇ بەندىمىزگە ھۇزۇرىمىزدىن رەھمەت ئاتا قىلدۇق. ئۇنىڭغا كىشىلەر خەۋەردار بولالمايدىغان ئىلىمنى ئۆگەتكەن ئىدۇق. ئۇ ئىلىم بولسا مۇشۇ ۋەقەلىك ئۆز ئىچىگە ئالغان ھادىسىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
66 : 18

قَالَ لَهُۥ مُوسَىٰ هَلۡ أَتَّبِعُكَ عَلَىٰٓ أَن تُعَلِّمَنِ مِمَّا عُلِّمۡتَ رُشۡدٗا

مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا كەمتەرلىك ۋە مۇلايىملىق بىلەن: ئاللاھ ساڭا بىلدۈرگەن، ھەقكە ئېلىپ بارىدىغان توغرا ئىلىمنى ماڭا ئۆگىتىشىڭ ئۈچۈن ساڭا ئەگىشەيمۇ؟ دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
67 : 18

قَالَ إِنَّكَ لَن تَسۡتَطِيعَ مَعِيَ صَبۡرٗا

خىزىر ئېيتتى: سەن مېنىڭ بىلگىنىمدىن كۆرىدىغانلىرىڭغا ھەرگىز چىداپ بولالمايسەن، چۈنكى ئۇ ئىشلار سېنىڭ بىلىدىغانلىرىڭغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
68 : 18

وَكَيۡفَ تَصۡبِرُ عَلَىٰ مَا لَمۡ تُحِطۡ بِهِۦ خُبۡرٗا

سەن توغرا تەرىپىنى بىلمەيدىغان ئىشلارنى كۆرسەڭ قانداقمۇ چىداپ تۇرالايسەن؟ چۈنكى سەن ئىشلارغا ئۆزۈڭ بىلگىنىڭ بويىچە ھۆكۈم قىلىدىغان تۇرساڭ؟ info
التفاسير:

external-link copy
69 : 18

قَالَ سَتَجِدُنِيٓ إِن شَآءَ ٱللَّهُ صَابِرٗا وَلَآ أَعۡصِي لَكَ أَمۡرٗا

مۇسا ئېيتتى: ئاللاھ خالىسا سېنىڭ ئىشلىرىڭدىن كۆرگەنلىرىمگە سەۋر قىلىپ، ساڭا بويسۇنىدىغانلىقىمنى بىلىپ قالىسەن، سەن مېنى بۇيرۇغان ھېچبىر ئىشتا ساڭا ئاسىيلىق قىلمايمەن. info
التفاسير:

external-link copy
70 : 18

قَالَ فَإِنِ ٱتَّبَعۡتَنِي فَلَا تَسۡـَٔلۡنِي عَن شَيۡءٍ حَتَّىٰٓ أُحۡدِثَ لَكَ مِنۡهُ ذِكۡرٗا

خىزىر مۇساغا: ئەمىسە ماڭا ئەگىشىدىغان بولساڭ، تاكى مەن سەۋەبىنى چۈشەندۈرگەنگە قەدەر مەندىن كۆرگەن ھېچبىر ئىش ھەققىدە بىر نەرسە سورىمايسەن، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
71 : 18

فَٱنطَلَقَا حَتَّىٰٓ إِذَا رَكِبَا فِي ٱلسَّفِينَةِ خَرَقَهَاۖ قَالَ أَخَرَقۡتَهَا لِتُغۡرِقَ أَهۡلَهَا لَقَدۡ جِئۡتَ شَيۡـًٔا إِمۡرٗا

ئىكككىسى شۇنداق كېلىشكەندىن كېيىن دېڭىز ساھىلىغا باردى. ئۇ يەردە بىر كېمىنى ئۇچرىتىپ، خىزىرنىڭ يۈزى بىلەن كېمىگە كىراسىز چىقىۋېلىشتى. ئاندىن خىزىر كېمىنىڭ بىر تاختىيىنى قومۇرۇۋېتىپ، كېمىنى تۆشۈك قىلىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۇنىڭغا: كېمىچىلەر بىزنى بىكارغا ئېلىۋالسا، سەن ئۇلارنى دېڭىزغا غەرق بولسۇن دەپ كېمىنى تېشىۋەتتىڭمۇ؟ سەن ھەقىقەتەن چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزدۈڭ، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
72 : 18

قَالَ أَلَمۡ أَقُلۡ إِنَّكَ لَن تَسۡتَطِيعَ مَعِيَ صَبۡرٗا

خىزىر مۇساغا: مەن ساڭا مەندىن كۆرگەنلىرىڭگە ھەرگىز چىداپ بولالمايسەن دېمىدىممۇ؟ دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
73 : 18

قَالَ لَا تُؤَاخِذۡنِي بِمَا نَسِيتُ وَلَا تُرۡهِقۡنِي مِنۡ أَمۡرِي عُسۡرٗا

مۇسا خىزىرغا: ئۇنتۇپ قېلىپ ساڭا بەرگەن ۋەدەمدە تۇرالمىغىنىم ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىمىگىن، ساڭا ھەمراھ بولۇشتا مېنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويمىغىن، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
74 : 18

فَٱنطَلَقَا حَتَّىٰٓ إِذَا لَقِيَا غُلَٰمٗا فَقَتَلَهُۥ قَالَ أَقَتَلۡتَ نَفۡسٗا زَكِيَّةَۢ بِغَيۡرِ نَفۡسٖ لَّقَدۡ جِئۡتَ شَيۡـٔٗا نُّكۡرٗا

ئىككىسى كېمىدىن چۈشكەندىن كېيىن دېڭىز ساھىلىدا كېتىۋېتىپ، تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن بىر بالىنى كۆردى، ئۇ بالا باشقا بالىلار بىلەن ئويناۋاتاتتى. خىزىر ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئاندىن مۇسا ئۇنىڭغا: تېخى بالاغەتكىمۇ يەتمىگەن، پاك بىر جاننى ھېچبىر گۇناھسىزلا ئۆلتۈرۈۋەتتىڭ؟ سەن ھەقىقەتەن قەبىھ ئىش قىلدىڭ، دېدى. info
التفاسير:
په دې مخ کې د ایتونو د فایدو څخه:
• استحباب كون خادم الإنسان ذكيًّا فطنًا كَيِّسًا ليتم له أمره الذي يريده.
خىزمەتكار خوجىسىنىڭ خىزمىتىنى كۆڭلىدىكىدەك بەجا كەلتۈرەلىشى ئۈچۈن ھوشيار، زېرەك ھەم ئەقىللىق بولغىنى ياخشى. info

• أن المعونة تنزل على العبد على حسب قيامه بالمأمور به، وأن الموافق لأمر الله يُعان ما لا يُعان غيره.
شەكسىزكى بەندىگە كېلىدىغان ياردەم بۇيرۇلغاننى ئورۇندىغىنىغا قاراپ بولىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئۇيغۇن ئىش قىلغۇچى باشقىلار ئېرىشەلمىگەن ياردەمگە ئېرىشىدۇ. info

• التأدب مع المعلم، وخطاب المتعلم إياه ألطف خطاب.
ئۆگەتكۈچىنىڭ ئالدىدا ئەدەبلىك بولۇش، ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىسىغا ئەڭ مۇلايىم سۆزلەرنى قىلىشى كېرەك. info

• النسيان لا يقتضي المؤاخذة، ولا يدخل تحت التكليف، ولا يتعلق به حكم.
ئۇنتۇپ قىلىش جازانى تېگىشلىك قىلمايدۇ، مەجبۇرىيەت دائىرىسىگىمۇ كىرمەيدۇ، ئۇنىڭغا ھۆكۈممۇ بېرىلمەيدۇ. info

• تعلم العالم الفاضل للعلم الذي لم يَتَمَهَّر فيه ممن مهر فيه، وإن كان دونه في العلم بدرجات كثيرة.
پەزىلەتلىك ئالىملارنىڭمۇ ئۆزى پىشىپ يېتىلمىگەن ئىلىمنى، گەرچە ئۆزىدىن ئومۇمىي ئىلىمدە كۆپ تۆۋەن كىشى بولغان تەقدىردىمۇ پىشىپ يېتىلگەنلەردىن ئۆگىنىشى كېرەك. info

• إضافة العلم وغيره من الفضائل لله تعالى، والإقرار بذلك، وشكر الله عليها.
ئىلىمنى ۋە باشقا پەزىلەتلەرنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىش، ئۇنى ئېتىراپ قىلىش ھەمدە ئۇنىڭغا شۈكۈر ئېيتىش كېرەك. info