د قرآن کریم د معناګانو ژباړه - اویګوري ژبې ته د المختصر في تفسیر القرآن الکریم ژباړه

د مخ نمبر:close

external-link copy
32 : 15

قَالَ يَٰٓإِبۡلِيسُ مَا لَكَ أَلَّا تَكُونَ مَعَ ٱلسَّٰجِدِينَ

ئىبلىس ئادەمگە سەجدە قىلىشتىن باش تارتقاندىن كېيىن، ئاللاھ ئىبلىسقا: مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا بويسۇنۇپ ئادەمگە سەجدە قىلغان پەرىشتىلەر بىلەن بىرگە سەجدە قىلىشتىن سېنى نېمە چەكلەپ قويدى؟دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
33 : 15

قَالَ لَمۡ أَكُن لِّأَسۡجُدَ لِبَشَرٍ خَلَقۡتَهُۥ مِن صَلۡصَٰلٖ مِّنۡ حَمَإٖ مَّسۡنُونٖ

ئىبلىس تەكەببۇرلۇق قىلىپ: ئۆزگىرىشچان قارا لايدىن شەكىلگە كىرگۈزۈپ، قۇرۇق لايدىن يارىتىلغان ئىنسان مېنىڭ سەجدە قىلىشىمغا لايىق بولمايدۇ دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
34 : 15

قَالَ فَٱخۡرُجۡ مِنۡهَا فَإِنَّكَ رَجِيمٞ

ئاللاھ ئىبلىسقا: جەننەتتىن چىق، ھەقىقەتەن سەن دەرگاھىمدىن قوغلاندىڭ، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
35 : 15

وَإِنَّ عَلَيۡكَ ٱللَّعۡنَةَ إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلدِّينِ

قىيامەت كۈنىگىچە ساڭا مېنىڭ رەھمىتىمدىن قوغلۇنۇش ۋە لەنەتلىنىش بولسۇن. info
التفاسير:

external-link copy
36 : 15

قَالَ رَبِّ فَأَنظِرۡنِيٓ إِلَىٰ يَوۡمِ يُبۡعَثُونَ

ئىبلىس: ئى پەرۋەردىگارىم! خالايىقلارنى تېرگۈزىدىغان قىيامەت كۈنىگىچە مېنى ۋاپات تاپقۇزمىغىن ۋە ماڭا مۆھلەت بەرگىن، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
37 : 15

قَالَ فَإِنَّكَ مِنَ ٱلۡمُنظَرِينَ

ئاللاھ ئۇنىڭغا: ھەقىقەتەن سەن ئەجىلى كېچىكتۈرۈلۈپ مۆھلەت بېرىلگۈچىلەردىن دېدى info
التفاسير:

external-link copy
38 : 15

إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡوَقۡتِ ٱلۡمَعۡلُومِ

بىرىنچى قېتىم سۈر چېلىنغاندا خالايىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدىغان ۋاقىتقىچە info
التفاسير:

external-link copy
39 : 15

قَالَ رَبِّ بِمَآ أَغۡوَيۡتَنِي لَأُزَيِّنَنَّ لَهُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَأُغۡوِيَنَّهُمۡ أَجۡمَعِينَ

ئىبلىس: پەرۋەردىگارىم! سېنىڭ مېنى ئازدۇرغانلىقىڭ سەۋەبىدىن، زېمىندا ئاسىيلىقنى ئۇلارغا چىرايلىق كۆرسىتىمەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى توغرا يولدىن ئەلۋەتتە ئازدۇرىمەن، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
40 : 15

إِلَّا عِبَادَكَ مِنۡهُمُ ٱلۡمُخۡلَصِينَ

لېكىن سېنىڭ بەندىلىرىڭدىن سېنىڭ ئىبادىتىڭ ئۈچۈن تاللانغان بەندىلەرنى ئازدۇرالمايمەن info
التفاسير:

external-link copy
41 : 15

قَالَ هَٰذَا صِرَٰطٌ عَلَيَّ مُسۡتَقِيمٌ

ئاللاھ: بۇ ماڭا ئۇلاشتۇرىدىغان مۆتىدىل توغرا يولدۇر دېدى info
التفاسير:

external-link copy
42 : 15

إِنَّ عِبَادِي لَيۡسَ لَكَ عَلَيۡهِمۡ سُلۡطَٰنٌ إِلَّا مَنِ ٱتَّبَعَكَ مِنَ ٱلۡغَاوِينَ

ھەقىقەتەن مېنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرىمنى ئازدۇرۇشقا سېنىڭ كۈچ-قۇدىرتىڭ يەتمەيدۇ، پەقەت گۇمراھلاردىن ساڭا ئەگەشكەنلەرنى ئازدۇرۇشقا كۈچۈڭ يېتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
43 : 15

وَإِنَّ جَهَنَّمَ لَمَوۡعِدُهُمۡ أَجۡمَعِينَ

ھەقىقەتەن جەھەننەم ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ ئازغۇن ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ھەممىسىگە ۋەدە قىلىنغان جايدۇر info
التفاسير:

external-link copy
44 : 15

لَهَا سَبۡعَةُ أَبۡوَٰبٖ لِّكُلِّ بَابٖ مِّنۡهُمۡ جُزۡءٞ مَّقۡسُومٌ

جەھەننەمنىڭ يەتتە دەرۋازىسى بولۇپ، دەۋزەخ ئەھلى ئۇ دەرۋازىلاردىن كېرىدۇ، جەھەننەمنىڭ ھەر بىر دەرۋازىسى شەيتاننىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن مەلۇم كىشىلەرنىڭ كېرىشى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن. info
التفاسير:

external-link copy
45 : 15

إِنَّ ٱلۡمُتَّقِينَ فِي جَنَّٰتٖ وَعُيُونٍ

پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولغانلار ئاخىرەتتە باغۇ-بوستانلاردىن ۋە ساپ-سۈزۈك سۇلار ئېقىپ تۇرغان بۇلاقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
46 : 15

ٱدۡخُلُوهَا بِسَلَٰمٍ ءَامِنِينَ

ئۇلار جەننەتكە كېرىدىغان ۋاقىتتا: ئاپەتلەردىن سالامەت ۋە قورقۇنچىلاردىن خاتىرجەم بولۇپ كېرىڭلار دېيىلىدۇ info
التفاسير:

external-link copy
47 : 15

وَنَزَعۡنَا مَا فِي صُدُورِهِم مِّنۡ غِلٍّ إِخۡوَٰنًا عَلَىٰ سُرُرٖ مُّتَقَٰبِلِينَ

ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى ئۆچمەنلىك، ئاداۋەتنى چېقىرىپ تاشلايمىز، ئۇلار بىر-بىرىنى ياخشى كۆرگەن قېرىنداش بولغان ھالەتتا تەختلەرنىڭ .ئۈستىدە بىر-بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ info
التفاسير:

external-link copy
48 : 15

لَا يَمَسُّهُمۡ فِيهَا نَصَبٞ وَمَا هُم مِّنۡهَا بِمُخۡرَجِينَ

ئۇلارغا جەننەتتە ھېرىش-چارچاش بولمايدۇ، ئۇلار جەننەتتىن .چېقىرىۋېتىلمەيدۇ، جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ info
التفاسير:

external-link copy
49 : 15

۞ نَبِّئۡ عِبَادِيٓ أَنِّيٓ أَنَا ٱلۡغَفُورُ ٱلرَّحِيمُ

ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مېنىڭ بەندىلىرىمگە بىلدۈرگىنكى: مەن ئۇلاردىن .تەۋبە قىلغانلارنى مەغپىرەت قىلىمەن ۋە ئۇنىڭغا رەھىم قىلىمەن info
التفاسير:

external-link copy
50 : 15

وَأَنَّ عَذَابِي هُوَ ٱلۡعَذَابُ ٱلۡأَلِيمُ

ئۇلارغا بىلدۈرگىنكى: ھەقىقەتەن مېنىڭ ئازابىم دەرتلىك ئازابتۇر، مېنىڭ ئازابىمدىن ئەمىن بولۇش ۋە مەغپىرىتىمگە نائىل بولۇش ئۈچۈن ماڭا .تەۋبە قىلىڭلار info
التفاسير:

external-link copy
51 : 15

وَنَبِّئۡهُمۡ عَن ضَيۡفِ إِبۡرَٰهِيمَ

ئۇلارغا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا پەرزەنت بىلەن، لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلىش بىلەن خۇشخەۋەر ئېلىپ كەلگەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مېھمانلىرىنىڭ خەۋىرىنى ئېيتىپ .بەرگىن info
التفاسير:
په دې مخ کې د ایتونو د فایدو څخه:
• في الآيات دليل على تزاور المتقين واجتماعهم وحسن أدبهم فيما بينهم، في كون كل منهم مقابلًا للآخر لا مستدبرًا له.
ئايەتتە تەقۋادار كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى، يېغىلىشىپ ئۆز-ئارا ئەدەپ-ئەخلاق بىلەن ھەر بىرى بىر-بىرىگە ئارقىسىنى قىلماستىن قارىشىپ ئولتۇرىدىغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ. info

• ينبغي للعبد أن يكون قلبه دائمًا بين الخوف والرجاء، والرغبة والرهبة.
ئىنساننىڭ دىلى دائىم ئەنسىرەش ۋە ئۈمىد قىلىش، يەنى رىغبەتلىنىش-قورقۇش ئارىسىدا بولىشى كېرەك بولىدۇ. info

• سجد الملائكة لآدم كلهم أجمعون سجود تحية وتكريم إلا إبليس رفض وأبى.
پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ئىززەت-ئىكرام قىلىپ ھۆرمەت سەجدىسى قىلدى، لېكىن ئىبلىس سەجدە قىلىشنى رەت قىلىپ .باش تارتتى info

• لا سلطان لإبليس على الذين هداهم الله واجتباهم واصطفاهم في أن يلقيهم في ذنب يمنعهم عفو الله.
ئاللاھ ھىدايەت قىلغان، توغرا يولغا باشلىغان، رەھمىتىگە تاللىغان كىشىلەرنى ئىبلىس گۇناھقا چۈشۈرۈشكە قادىر بولالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئەپۇ قىلىش بىلەن گۇناھقا چۈشۈشتىن ساقلاپ قالىدۇ. info