د قرآن کریم د معناګانو ژباړه - اویګوري ژبې ته د المختصر في تفسیر القرآن الکریم ژباړه

د مخ نمبر:close

external-link copy
6 : 13

وَيَسۡتَعۡجِلُونَكَ بِٱلسَّيِّئَةِ قَبۡلَ ٱلۡحَسَنَةِ وَقَدۡ خَلَتۡ مِن قَبۡلِهِمُ ٱلۡمَثُلَٰتُۗ وَإِنَّ رَبَّكَ لَذُو مَغۡفِرَةٖ لِّلنَّاسِ عَلَىٰ ظُلۡمِهِمۡۖ وَإِنَّ رَبَّكَ لَشَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ

ئەي پەيغەمبەر! مۇشرىكلار سەندىن ئازابنى تېز چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇلار ئاللاھ تائالا ئالدىن بېكىتكەن نېئمەتلەردىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشتىن بۇرۇن ئازابنى كېچىكىپ كەتتى، دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلاردىن ئىلگىرى شۇلارغا ئوخشاش ئىنكارچى ئۈممەتلەرگە ئازاب كەلگەن ئىدى. ئۇلار نېمىشقا بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالمايدۇ؟. ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى پەرۋەردىگارىڭ ئىنسانلار ھەددىدىن ئىشىپ تۇرسىمۇ ئۇلارنى ئەپۇ قىلىدۇ، ئۇلارنى تەۋبە قىلىۋالسۇن دەپ جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ. شەكسىزكى كۇپرىسىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلار تەۋبە قىلمىسا ئاللاھنىڭ جازاسى ئەلۋەتتە قاتتىقتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 13

وَيَقُولُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَوۡلَآ أُنزِلَ عَلَيۡهِ ءَايَةٞ مِّن رَّبِّهِۦٓۗ إِنَّمَآ أَنتَ مُنذِرٞۖ وَلِكُلِّ قَوۡمٍ هَادٍ

ئاللاھقا كاپىر بولغانلار تەرسالىق قىلىپ، تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ: مۇسا ۋە ئىيساغا چۈشۈرۈلگىنىگە ئوخشاش، نېمىشقا مۇھەممەدكىمۇ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بىرەر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى، دەيدۇ. ئەي پەيغەمبەر! سەن پەقەت كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدىغان ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن. سېنىڭ ئاللاھ ساڭا بەرگەندىن باشقا مۆجىزىلەرنى كەلتۈرۈش قولۇڭدىن كەلمەيدۇ. ھەر بىر قەۋمنىڭ توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان ۋە ئۇنى كۆرسىتىپ قويىدىغان بىر پەيغەمبىرى بار. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 13

ٱللَّهُ يَعۡلَمُ مَا تَحۡمِلُ كُلُّ أُنثَىٰ وَمَا تَغِيضُ ٱلۡأَرۡحَامُ وَمَا تَزۡدَادُۚ وَكُلُّ شَيۡءٍ عِندَهُۥ بِمِقۡدَارٍ

ئاللاھ ھەر بىر ھامىلدارنىڭ قورسىقىدىكىنى بىلىدۇ، ئۇنىڭدىكى ھەر بىر نەرسىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ بالىياتقۇلاردا بولىدىغان كېمىيىش، كېڭىيىش، ساقلىق ۋە كېسەللىكلەرنىمۇ بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھەر نەرسىگە مەلۇم ئۆلچەم بېكىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئېشىپمۇ كەتمەيدۇ، كېمىيىپمۇ كەتمەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 13

عَٰلِمُ ٱلۡغَيۡبِ وَٱلشَّهَٰدَةِ ٱلۡكَبِيرُ ٱلۡمُتَعَالِ

چۈنكى ئاللاھ تائالا پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىدىن مەخپىي بولغان نەرسىلەرنىمۇ ۋە ئۇلار ھېس قىلالايدىغان نەرسىلەرنىمۇ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ سۈپەتلىرى، ئىسىملىرى ۋە ئىشلىرىدا بۈيۈك زاتتۇر. ئاللاھ ئۆز زاتى ۋە سۈپەتلىرى بىلەن ھەر قانداق مەخلۇقاتلىرىدىن ئۈستۈندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 13

سَوَآءٞ مِّنكُم مَّنۡ أَسَرَّ ٱلۡقَوۡلَ وَمَن جَهَرَ بِهِۦ وَمَنۡ هُوَ مُسۡتَخۡفِۭ بِٱلَّيۡلِ وَسَارِبُۢ بِٱلنَّهَارِ

ئاللاھ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئەي ئىنسانلار! سىلەردىن بىرى بىرەر ئىشنى ھەر قانچە مەخپىي قىلسۇن ياكى ئاشكارا قىلسۇن، ئاللاھنىڭ ئىلمىگە نىسبەتەن ئۇ بەرىبىر. شۇنداقلا كېچىنىڭ زۇلمىتى بىلەن كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىدىن ئۆزىنى دالدىغا ئالغۇچى ۋە ئىش - پائالىيەتلىرىنى كۈپكۈندۈزدە ئوپئوچۇق قىلغۇچى ئاللاھنىڭ ئىلمىدە ئوخشاشتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 13

لَهُۥ مُعَقِّبَٰتٞ مِّنۢ بَيۡنِ يَدَيۡهِ وَمِنۡ خَلۡفِهِۦ يَحۡفَظُونَهُۥ مِنۡ أَمۡرِ ٱللَّهِۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُغَيِّرُ مَا بِقَوۡمٍ حَتَّىٰ يُغَيِّرُواْ مَا بِأَنفُسِهِمۡۗ وَإِذَآ أَرَادَ ٱللَّهُ بِقَوۡمٖ سُوٓءٗا فَلَا مَرَدَّ لَهُۥۚ وَمَا لَهُم مِّن دُونِهِۦ مِن وَالٍ

ئاللاھ تائالانىڭ ئارقىمۇ-ئارقا ئىنسانلارنىڭ قېشىغا نۆۋەتلىشىپ كېلىپ تۇرىدىغان پەرىشتىلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى كېچىدە كەلسە، يەنە بىر قىسمى كۈندۈزى كېلىدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىنساننى ئاللاھ كەلتۈرمەسلىكنى پۈتۈۋەتكەن ھادىسىلەردىن ساقلاپ قالىدۇ، ئۇلار ئىنساننىڭ گەپ - سۆزلىرى ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرىنى يېزىپ تۇرىدۇ. شەكسىزكى ئىنسانلار ئۆزلىرى ئاللاھقا شۈكرى ئېيتىشنىڭ ئورنىغا تۇزكورلۇق قىلمىغۇچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ياخشى ھالىتىنى ناچار ھالەتكە ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ. ناۋادا ئاللاھ بىرەر قەۋمنى ھالاك قىلىۋەتمەكچى بولسا ئۇنىڭ ئىرادىسىگە توسقۇنلۇق قىلغۇچى بولمايدۇ. ئەي ئىنسانلار! سىلەرگە نىسبەتەن ئىشىڭلارغا ئاللاھتىن باشقا ئىگە بولغۇچى يوق، شۇڭا بېشىڭلارغا كەلگەن خاپىلىقلارنى كۆتۈرۈۋېتىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا دۇئا قىلىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 13

هُوَ ٱلَّذِي يُرِيكُمُ ٱلۡبَرۡقَ خَوۡفٗا وَطَمَعٗا وَيُنشِئُ ٱلسَّحَابَ ٱلثِّقَالَ

ئەي ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرگە چاقماقنى كۆرسىتىدۇ ھەمدە بىر تەرەپتىن گۈلدۈرمامىنىڭ (قاتتىق ئاۋازى ئارقىلىق) سىلەرنى قورقۇتسا، يەنە بىر تەرەپتىن يامغۇرغا تەلپۈندۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا مول يامغۇر سۈيىنى كۆتۈرۈپ ماڭىدىغان بۇلۇتلارنى پەيدا قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
13 : 13

وَيُسَبِّحُ ٱلرَّعۡدُ بِحَمۡدِهِۦ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ مِنۡ خِيفَتِهِۦ وَيُرۡسِلُ ٱلصَّوَٰعِقَ فَيُصِيبُ بِهَا مَن يَشَآءُ وَهُمۡ يُجَٰدِلُونَ فِي ٱللَّهِ وَهُوَ شَدِيدُ ٱلۡمِحَالِ

گۈلدۈرماما پەرۋەردىگارىنى بارچە ئەيىپ - نۇقسانلاردىن پاك دەپ مەدھىيىلەش بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ. پەرىشتىلەرمۇ پەرۋەردىگارىدىن ئەيمەنگەن، ئۇلۇغلىغان ۋە كاتتىلىغان ھالدا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتلىرىدىن خالىغىنىغا كۆيدۈرگۈچى چاقماقنى ئەۋەتىپ، ھالاك قىلىۋېتىدۇ. كاپىرلار ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىقى ھەققىدە دەتالاش قىلىشىدۇ. ئاسىيلىق قىلغانلارغا قارىتا ئاللاھنىڭ كۈچ - قۇۋۋىتى ئىنتايىن مۇكەممەلدۇر. info
التفاسير:
په دې مخ کې د ایتونو د فایدو څخه:
• عظيم مغفرة الله وحلمه عن خطايا بني آدم، فهم يستكبرون ويَتَحَدَّوْنَ رسله وأنبياءه، ومع هذا يرزقهم ويعافيهم ويحلم عنهم.
بۇ ئايەتلەر ئاللاھ تائالانىڭ مەغپىرىتىنىڭ كەڭرىلىكىنى ۋە ئادەم بالىلىرىنىڭ خاتالىقلىرىغا قارىتا جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئىنسانلار ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە تەكەببۇرلۇق قىلىپ، قارشىلاشسىمۇ يەنىلا ئۇلارغا رىزىق بېرىپ، تەنلىرىنى ساق قىلىپ، جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. info

• سعة علم الله تعالى بما في ظلمة الرحم، فهو يعلم أمر النطفة الواقعة في الرحم، وصَيْرُورتها إلى تخليق ذكر أو أنثى، وصحته واعتلاله، ورزقه وأجله، وشقي أو سعيد، فعلمه بها عام شامل.
ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ كەڭلىكى ئانىنىڭ قارنىدىكى تۆرەلمىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇ بالىياتقۇلارغا كىرگەن ئىسپىرمىنىڭ ئەھۋالىنى، ئۇنىڭ ئەركەك ياكى چىشى بولۇپ يارىتىلىدىغانلىقىنى، ساقلىقى ۋە كېسەللىكىنى، رىزقىنى، ئەجىلىنى، بەختسىز ياكى بەختلىك بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلىدۇ. دېمەك، ئۇنىڭ ئىلمى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. info

• عظيم عناية الله ببني آدم، وإثبات وجود الملائكة التي تحرسه وتصونه وغيرهم مثل الحَفَظَة.
ئاللاھنىڭ ئادەم بالىلىرىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنى قوغدايدىغان ۋە خەتەرلەردىن ساقلايدىغان پەرىشتىلەرنىڭ ھەمدە ئۇنىڭدىن باشقا پەرىشتىلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ئىسپاتلاشنى ئىپادىلەيدۇ. info

• أن الله تعالى يغير حال العبد إلى الأفضل متى ما رأى منه اتباعًا لأسباب الهداية، فهداية التوفيق منوطة باتباع هداية البيان.
شەكسىزكى ئاللاھ تائالا بەندىنىڭ توغرا يولنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى كۆرسە ئۇنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ بېرىدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ ئىنساننى ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلىشى ئۇنىڭ ئاللاھ كۆرسەتكەن توغرا يولنى ئىزدىشىگە باغلىقتۇر. info