د قرآن کریم د معناګانو ژباړه - اویګوري ژبې ته د المختصر في تفسیر القرآن الکریم ژباړه

external-link copy
65 : 11

فَعَقَرُوهَا فَقَالَ تَمَتَّعُواْ فِي دَارِكُمۡ ثَلَٰثَةَ أَيَّامٖۖ ذَٰلِكَ وَعۡدٌ غَيۡرُ مَكۡذُوبٖ

ئۇلار ئىنكارچىلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ تۆگىنى بوغۇزلىدى. ئاندىن سالىھ ئۇلارغا: زېمىنىڭلاردا تۆگىنىڭ قارنىنى يېرىۋەتكىنىڭلاردىن باشلاپ ئۈچ كۈن ياشىۋېلىڭلار. ئاندىن كېيىن سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى كېلىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھنىڭ ئازابى كېلىشى شەكسىز بولۇپ، ھەرگىز يالغان ئەمەس، ئەكسىچە راست ۋەدىدۇر. info
التفاسير:
په دې مخ کې د ایتونو د فایدو څخه:
• عناد واستكبار المشركين حيث لم يؤمنوا بآية صالح عليه السلام وهي من أعظم الآيات.
مۇشرىكلار شۇ دەرىجىدە تەرسا ۋە تەكەببۇر ئىدىكى، ئۇلار ئەڭ بۈيۈك مۆجىزە ھېسابلىنىدىغان سالىھنىڭ مۆجىزىسىگىمۇ ئىشەنمىدى. info

• استحباب تبشير المؤمن بما هو خير له.
مۇئمىنگە ياخشىلىق بىلەن خۇشبېشارەت بېرىشنىڭ ياخشى كۆرۈلىشى. info

• مشروعية السلام لمن دخل على غيره، ووجوب الرد.
باشقىلارنىڭ يېنىغا كىرگەن كىشىنىڭ سالام قىلىشى يوللۇق، سالامغا جاۋاب قايتۇرۇش ۋاجىب. info

• وجوب إكرام الضيف.
مېھماننى ھۆرمەتلەش ۋاجىب. info