ߞߎ߬ߙߣߊ߬ ߞߟߊߒߞߋ ߞߘߐ ߟߎ߬ ߘߟߊߡߌߘߊ - ߟߊߘߛߏߣߍ߲" ߞߎ߬ߙߣߊ߬ ߞߟߊߒߞߋ ߞߘߐߦߌߘߊ ߘߐ߫ ߊ߬ߠߌ߯ߙߌ߲ߞߊ߲ ߘߐ߫

ߞߐߜߍ ߝߙߍߕߍ:close

external-link copy
19 : 74

فَقُتِلَ كَيۡفَ قَدَّرَ

لەنەت ۋە ئازاب بولسۇنكى، ئۇ قانداق پىلانلىدى؟ info
التفاسير:

external-link copy
20 : 74

ثُمَّ قُتِلَ كَيۡفَ قَدَّرَ

ئاندىن يەنە لەنەت ۋە ئازاب بولسۇنكى، ئۇ قانداق پىلانلىدى؟ info
التفاسير:

external-link copy
21 : 74

ثُمَّ نَظَرَ

ئاندىن ئۇ نېمە دېيىش ھەققىدە قايتىدىن چوڭقۇر ئويلاندى. info
التفاسير:

external-link copy
22 : 74

ثُمَّ عَبَسَ وَبَسَرَ

ئاندىن قۇرئاندىن قۇسۇر تاپالمىغىنىدا قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، چىرايىنى پۈرۈشتۈردى. info
التفاسير:

external-link copy
23 : 74

ثُمَّ أَدۡبَرَ وَٱسۡتَكۡبَرَ

ئاندىن ئىماندىن يۈز ئۆرۈدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشتىن تەكەببۇرلۇق بىلەن باش تارتتى. info
التفاسير:

external-link copy
24 : 74

فَقَالَ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّا سِحۡرٞ يُؤۡثَرُ

ئۇ: مۇھەممەد ئېلىپ كەلگەن بۇ سۆز ئاللاھنىڭ سۆزى ئەمەس، بەلكى ئۇ باشقىلاردىن رىۋايەت قىلىنغان سېھىردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
25 : 74

إِنۡ هَٰذَآ إِلَّا قَوۡلُ ٱلۡبَشَرِ

بۇ ئاللاھنىڭ كالامى ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ سۆزىدۇر، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
26 : 74

سَأُصۡلِيهِ سَقَرَ

مەن بۇ كاپىرنى ھارارىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان سەقەر دېگەن دوزخقا تاشلايمەن. info
التفاسير:

external-link copy
27 : 74

وَمَآ أَدۡرَىٰكَ مَا سَقَرُ

ئى مۇھەممەد! سەقەرنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟ info
التفاسير:

external-link copy
28 : 74

لَا تُبۡقِي وَلَا تَذَرُ

سەقەر ئۆزىدە ئازابلانغان ھېچ نەرسىنى قالدۇرمايدۇ، ھەممىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. ئاندىن (كۆيگەن بەدەنلەر) ئەسلىگە قايتىدۇ، ئاندىن سەقەر ئۇنى يەنە كۆيدۈرىدۇ. (سەقەردىكى ئازاب) ئەنە شۇنداق داۋاملىشىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
29 : 74

لَوَّاحَةٞ لِّلۡبَشَرِ

كۆيدۈرۈش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، تېرىلەرنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
30 : 74

عَلَيۡهَا تِسۡعَةَ عَشَرَ

ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىشقا 19پەرىشتە مۇئەككەل قىلىنغاندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
31 : 74

وَمَا جَعَلۡنَآ أَصۡحَٰبَ ٱلنَّارِ إِلَّا مَلَٰٓئِكَةٗۖ وَمَا جَعَلۡنَا عِدَّتَهُمۡ إِلَّا فِتۡنَةٗ لِّلَّذِينَ كَفَرُواْ لِيَسۡتَيۡقِنَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ وَيَزۡدَادَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِيمَٰنٗا وَلَا يَرۡتَابَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡمُؤۡمِنُونَ وَلِيَقُولَ ٱلَّذِينَ فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٞ وَٱلۡكَٰفِرُونَ مَاذَآ أَرَادَ ٱللَّهُ بِهَٰذَا مَثَلٗاۚ كَذَٰلِكَ يُضِلُّ ٱللَّهُ مَن يَشَآءُ وَيَهۡدِي مَن يَشَآءُۚ وَمَا يَعۡلَمُ جُنُودَ رَبِّكَ إِلَّا هُوَۚ وَمَا هِيَ إِلَّا ذِكۡرَىٰ لِلۡبَشَرِ

بىز دوزاخ مۇئەككەللىرىنى پەقەت پەرىشتىلەردىن قىلدۇق، چۈنكى ئىنسانلار ئۇنىڭغا تاقەت كەلتۈرەلمەيدۇ. ئەبۇ جەھىل يالغان ئېيتتى، ئۇ (مۇشۇ ئايەتنى ئاڭلىغان) چاغدا چوقۇم ئۆزى ۋە قەۋمى بىرلىشىپ دوزخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرنى يوقاتقاندىن كېيىن دوزاختىن چىقىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى. بىز ئۇ پەرىشتىلەرنىڭ مۇشۇ سانىنى پەقەت ئاللاھقا كاپىر بولغانلارنىڭ ئېغىزىغا كەلگەننى دەپ بېقىشلىرى ئۈچۈن بىر سىناق قىلدۇق. ئاندىن ئۇلارغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ. بۇ يەنە تەۋرات بېرىلگەن يەھۇدىيلارنىڭ ۋە ئىنجىل بېرىلگەن ناسارالارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرىدىكى ھۆكۈملەرنى تەستىقلىغان ھالدا نازىل بولغان قۇرئان كەرىمگە چىنپۈتۈشى ئۈچۈن، مۇئمىنلەرنىڭ ئەھلى كىتابنىڭمۇ ئۆزلىرىگە قوشۇلغانلىقىنى كۆرگەندە ئىمانى زىيادە بولۇشى ئۈچۈن، يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە مۇئمىنلەرنىڭ شەكلەنمەسلىكى ۋە ئىماندا ئىككىلىنىپ قالغۇچىلار بىلەن كاپىرلارنىڭ: ئاللاھ بۇ يوچۇن سان بىلەن نېمىنى ئىرادە قىلغاندۇ؟ دېيىشلىرى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ تائالا مۇشۇ ساننى ئىنكار قىلغۇچىنى ئازدۇرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا ئىشەنگۈچىنى ھىدايەت قىلىدىغانلىقىنى مىسال قىلدى. ئاللاھ ئازدۇرۇشنى خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ، ھىدايەت قىلىشنى خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ. پەۋەردىگارىڭنىڭ قوشۇنى بەك كۆپ بولغاچقا ئۇنى پەقەت ئۆزىلا بىلىدۇ. شۇڭا كۆزگە ئىلماسلىق ۋە ئىنكار قىلىش تەرىقىسىدە: (مۇھەممەدنىڭ پەقەت 19 ياردەمچىسىلا بار)، دېگەن ئەبۇ جەھل بىلىپ قالسۇن. دوزاخ ئىنسانىيەت ئۈچۈن پەقەت بىر نەسىھەتتۇركى، ئۇلار شۇ ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلىقىنى بىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
32 : 74

كَلَّا وَٱلۡقَمَرِ

ئەمەلىيەت مۇشرىكلاردىن بىرىنىڭ ئۆز ھەمراھلىرىنىڭ دوزاخ مۇئەككەللىرىگە تېتىيالايدىغانلىقى ۋە ئۇلارنى يوقىتىۋېتەلەيدىغانلىقى ھەققىدە بىلجىرلىغىنىدەك ئۇنداق ئاددىي ئەمەس. ئاللاھ ئاي بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
33 : 74

وَٱلَّيۡلِ إِذۡ أَدۡبَرَ

ئۆتۈپ كەتكەن كېچە بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
34 : 74

وَٱلصُّبۡحِ إِذَآ أَسۡفَرَ

ئوچۇق يورۇغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
35 : 74

إِنَّهَا لَإِحۡدَى ٱلۡكُبَرِ

ھەقىقەتەن دوزاخ كاتتا بالايى - ئاپەتلەردىن بىرىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
36 : 74

نَذِيرٗا لِّلۡبَشَرِ

ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە قورقۇتقۇچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
37 : 74

لِمَن شَآءَ مِنكُمۡ أَن يَتَقَدَّمَ أَوۡ يَتَأَخَّرَ

ئى ئىنسانلار! سىلەردىن ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ، سالىھ ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق (جەننەتكە) ئىلگىرىلەشنى ياكى كۇپۇرلۇق ۋە ئاسىيلىق بىلەن (دوزاخقا) چېكىنىشنى خالىغانلارنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
38 : 74

كُلُّ نَفۡسِۭ بِمَا كَسَبَتۡ رَهِينَةٌ

ھەر ئىنسان ئۆز قىلمىشلىرىغا قارىتا جازا - مۇكاپاتقا تارتىلىدىغان بولۇپ، يا ئۇنى ئەمەللىرى ھالاك قىلىدۇ، ياكى ئۇنى ئەمەللىرى ھالاكەتتىن خالاس قىلىپ، قۇتۇلدۇرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
39 : 74

إِلَّآ أَصۡحَٰبَ ٱلۡيَمِينِ

پەقەت مۇئمىنلەرلا گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن جازاغا تارتىلمايدۇ. بەلكى ئۇلارنىڭ سالىھ ئەمەللىرى تۈپەيلىدىن گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
40 : 74

فِي جَنَّٰتٖ يَتَسَآءَلُونَ

ئۇلار قىيامەت كۈنى جەننەتلەردە: گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ھالاك قىلغان كاپىرلار ھەققىدە بىر - بىرىدىن سورىشىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
41 : 74

عَنِ ٱلۡمُجۡرِمِينَ

ئۇلار قىيامەت كۈنى جەننەتلەردە: گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ھالاك قىلغان كاپىرلار ھەققىدە بىر - بىرىدىن سورىشىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
42 : 74

مَا سَلَكَكُمۡ فِي سَقَرَ

ئۇلارغا: سىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزگەن نەرسە نېمە؟ دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
43 : 74

قَالُواْ لَمۡ نَكُ مِنَ ٱلۡمُصَلِّينَ

كاپىرلار ئۇلارغا جاۋابەن دەيدۇكى، بىز دۇنيا ھاياتىمىزدا پەرز نامازلارنى ئادا قىلمىغان ئىدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
44 : 74

وَلَمۡ نَكُ نُطۡعِمُ ٱلۡمِسۡكِينَ

ئاللاھ بىزگە ئاتا قىلغان مال-دۇنيادىن كەمبەغەللەرگە تائام بەرمىگەن ئىدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
45 : 74

وَكُنَّا نَخُوضُ مَعَ ٱلۡخَآئِضِينَ

خاتا يولدىكىلەر بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ - قوپۇپ، گۇمراھ ، ئازغۇنلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولاتتۇق. info
التفاسير:

external-link copy
46 : 74

وَكُنَّا نُكَذِّبُ بِيَوۡمِ ٱلدِّينِ

بىز جازا - مۇكاپات كۈنىنى ئىنكار قىلاتتۇق. info
التفاسير:

external-link copy
47 : 74

حَتَّىٰٓ أَتَىٰنَا ٱلۡيَقِينُ

ھەتتا بىزگە ئۆلۈم كەلگەندە قەدەر ئىنكارچىلىقتا ئەزۋەيلىدۇق. نەتىجىدە بىز بىلەن تەۋبىنىڭ ئارىسى توسالدى. info
التفاسير:
ߟߝߊߙߌ ߟߎ߫ ߢߊ߬ߕߣߐ ߘߏ߫ ߞߐߜߍ ߣߌ߲߬ ߞߊ߲߬:
• خطورة الكبر حيث صرف الوليد بن المغيرة عن الإيمان بعدما تبين له الحق.
تەكەببۇرلۇق تولىمۇ خەتەرلىك بولۇپ، ئۇ ۋەلىيد ئىبنى مۇغىيرەنى ھەقىقەت ئاشكارا بولغاندىن كېيىنمۇ ئىمان ئېيتىشتىن توسۇپ قالدى. info

• مسؤولية الإنسان عن أعماله في الدنيا والآخرة.
ئىنسان دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۆز قىلمىشلىرىغا جاۋابكاردۇر. info

• عدم إطعام المحتاج سبب من أسباب دخول النار.
موھتاجلارغا تائام بەرمەسلىكمۇ دوزاخقا كىرىشكە سەۋەب بولىدىغان ئامىللاردىن بىرىدۇر. info