ߞߎ߬ߙߣߊ߬ ߞߟߊߒߞߋ ߞߘߐ ߟߎ߬ ߘߟߊߡߌߘߊ - ߟߊߘߛߏߣߍ߲" ߞߎ߬ߙߣߊ߬ ߞߟߊߒߞߋ ߞߘߐߦߌߘߊ ߘߐ߫ ߊ߬ߠߌ߯ߙߌ߲ߞߊ߲ ߘߐ߫

external-link copy
50 : 7

وَنَادَىٰٓ أَصۡحَٰبُ ٱلنَّارِ أَصۡحَٰبَ ٱلۡجَنَّةِ أَنۡ أَفِيضُواْ عَلَيۡنَا مِنَ ٱلۡمَآءِ أَوۡ مِمَّا رَزَقَكُمُ ٱللَّهُۚ قَالُوٓاْ إِنَّ ٱللَّهَ حَرَّمَهُمَا عَلَى ٱلۡكَٰفِرِينَ

دوزاخ ئەھلى جەننەتتىكىلەرگە يالۋۇرۇپ: ئەي جەننەت ئەھلى! بىزگە سۇ ياكى ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن يېمەكلىكتىن بېرىڭلار، دەپ توۋلايدۇ. جەننەت ئەھلى ئۇلارغا جاۋابەن: شەكسىزكى ئاللاھ كاپىرلارغا كۇپرىسى تۈپەيلىدىن يېمەك-ئىچمەكنى ھارام قىلدى، شۇڭا بىز ئاللاھ سىلەرگە ھارام قىلغان نەرسىلەر بىلەن ياردەم قىلالمايمىز، دەيدۇ. info
التفاسير:
ߟߝߊߙߌ ߟߎ߫ ߢߊ߬ߕߣߐ ߘߏ߫ ߞߐߜߍ ߣߌ߲߬ ߞߊ߲߬:
• عدم الإيمان بالبعث سبب مباشر للإقبال على الشهوات.
قايتا تىرىلىشكە ئىمان كەلتۈرمەسلىك شەھۋەتلەرگە بېرىلىشنىڭ بىۋاسىتە سەۋەبىدۇر. info

• يتيقن الناس يوم القيامة تحقق وعد الله لأهل طاعته، وتحقق وعيده للكافرين.
بارلىق ئىنسانلار قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ تەقۋادارلارغا قىلغان ۋەدىسىنىڭ ئىشقا ئاشقانلىقىغا، كاپىرلارغا قىلغان ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭمۇ ئىشقا ئاشقانلىقىغا چىن پۈتىدۇ. info

• الناس يوم القيامة فريقان: فريق في الجنة وفريق في النار، وبينهما فريق في مكان وسط لتساوي حسناتهم وسيئاتهم، ومصيرهم إلى الجنة.
بارلىق ئىنسانلار قىيامەت كۈنى ئىككى پىرقىگە بۆلۈنىدۇ: بىر پىرقە جەننەتتە، يەنە بىر پىرقە دوزاختا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياخشىلىقى بىلەن يامانلىقى تەڭلىشىپ قالغان يەنە بىر پىرقە بار بولۇپ، ئۇلارنىڭمۇ بارىدىغان جايى جەننەت بولىدۇ. info

• على الذين يملكون المال والجاه وكثرة الأتباع أن يعلموا أن هذا كله لن يغني عنهم من الله شيئًا، ولن ينجيهم من عذاب الله.
مال-دۇنيا، يۈز-ئابروي، ئەگەشكۈچىلىرى كۆپ بولغانلار شۇنى بىلىشى كېرەككى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۇلاردىن ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھەرگىزمۇ قۇتقۇزالمايدۇ. info