ߞߎ߬ߙߣߊ߬ ߞߟߊߒߞߋ ߞߘߐ ߟߎ߬ ߘߟߊߡߌߘߊ - ߟߊߘߛߏߣߍ߲" ߞߎ߬ߙߣߊ߬ ߞߟߊߒߞߋ ߞߘߐߦߌߘߊ ߘߐ߫ ߊ߬ߠߌ߯ߙߌ߲ߞߊ߲ ߘߐ߫

ߞߐߜߍ ߝߙߍߕߍ:close

external-link copy
9 : 62

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِذَا نُودِيَ لِلصَّلَوٰةِ مِن يَوۡمِ ٱلۡجُمُعَةِ فَٱسۡعَوۡاْ إِلَىٰ ذِكۡرِ ٱللَّهِ وَذَرُواْ ٱلۡبَيۡعَۚ ذَٰلِكُمۡ خَيۡرٞ لَّكُمۡ إِن كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ

ئى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئاللاھ يولغا قويغان ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! جۈمە كۈنى ئىمام خۇتبە سۆزلەش ئۈچۈن مۇنبەرگە چىققاندا، مۇئەززىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن ئەزان ئوقۇغاندا خۇتبە ئاڭلاش ۋە ناماز ئۈچۈن مەسچىتكە ئالدىراڭلار. سودا - سېتىقنى قويۇپ تۇرۇڭلاركى، سىلەرنى تائەت - ئىبادەتتىن كاشىلا قىلىپ قويمىسۇن. ئەي مۇئمىنلەر! جۈمە نامىزىغا ئەزان ئوقۇلغاندىن كېيىن جۈمەگە مېڭىش ۋە سودا - سېتىقنى قويۇپ تۇرۇشتىن ئىبارەت مەزكۇر ئىش، ئەگەر بىلسەڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. شۇڭا ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرۈڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 62

فَإِذَا قُضِيَتِ ٱلصَّلَوٰةُ فَٱنتَشِرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَٱبۡتَغُواْ مِن فَضۡلِ ٱللَّهِ وَٱذۡكُرُواْ ٱللَّهَ كَثِيرٗا لَّعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ

جۈمە نامىزىنى ئوقۇپ بولغىنىڭلاردا ھالال كەسىپ قىلىپ، ئېھتىياجىڭلارنى قامداش ئۈچۈن يەر يۈزىگە تارىلىڭلار. ھالال كەسىپ قىلىپ، ھالال پايدا ئېلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ پەزلىنى تىلەڭلار. رىزقىڭلارنى ئىزدەش جەريانىدا ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار، رىزىق ئىزدىشىڭلار سىلەرگە ئاللاھنىڭ زىكرىنى ئۇنتۇلدۇرمىسۇن. ئۈمىدكى، ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان نېئمەتكە ئېرىشىپ، ئەنسىرىگەن ئاقىۋەتتىن قۇتۇلغايسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 62

وَإِذَا رَأَوۡاْ تِجَٰرَةً أَوۡ لَهۡوًا ٱنفَضُّوٓاْ إِلَيۡهَا وَتَرَكُوكَ قَآئِمٗاۚ قُلۡ مَا عِندَ ٱللَّهِ خَيۡرٞ مِّنَ ٱللَّهۡوِ وَمِنَ ٱلتِّجَٰرَةِۚ وَٱللَّهُ خَيۡرُ ٱلرَّٰزِقِينَ

ئەي پەيغەمبەر! بىر بۆلۈك مۇسۇلمانلار بىرەر تىجارەت ياكى ئويۇن - تاماشىنى كۆرسە، سېنى مۇنبەردە تۇرغان ھالەتتە تاشلاپ قويۇپ، شۇ تەرەپكە چىقىپ كېتىشىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ياخشى ئەمەلگە بېرىلىدىغان ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى مۇكاپات سىلەر يۈگۈرۈشكەن تىجارەت ۋە ئويۇن - تاماشىدىن ياخشىدۇر. ئاللاھ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر. info
التفاسير:
ߟߝߊߙߌ ߟߎ߫ ߢߊ߬ߕߣߐ ߘߏ߫ ߞߐߜߍ ߣߌ߲߬ ߞߊ߲߬:
• وجوب السعي إلى الجمعة بعد النداء وحرمة ما سواه من الدنيا إلا لعذر.
جۈمە نامىزىغا ئەزان ئوقۇلغاندىن كېيىن جۈمەگە مېڭىش ۋاجىبتۇر. ھېچقانداق ئۆزرىسىز ئۇنىڭدىن باشقا دۇنيا ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇش ھارامدۇر. info

• تخصيص سورة للمنافقين فيه تنبيه على خطورتهم وخفاء أمرهم.
مۇناپىقلارنىڭ ئەپتى - بەشىرىسىنى ئېچىش ئۈچۈن ئالاھىدە بىر سۈرىنىڭ خاسلاشتۈرۈلىشى، ئۇلارنىڭ خەتەرلىكلىكىگە ۋە ئىشلىرىنىڭ تولىمۇ مەخپىي ئىكەنلىكىگە ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. info

• العبرة بصلاح الباطن لا بجمال الظاهر ولا حسن المنطق.
تاشقى قىياپەتنىڭ گۈزەللىكى ۋە سۆزنىڭ پاساھەتلىكلىكى ئەمەس، بەلكى نىيەتنىڭ دۇرۇسلۇقى ئىتىبارغا ئېلىنىدۇ. info