ߞߎ߬ߙߣߊ߬ ߞߟߊߒߞߋ ߞߘߐ ߟߎ߬ ߘߟߊߡߌߘߊ - ߟߊߘߛߏߣߍ߲" ߞߎ߬ߙߣߊ߬ ߞߟߊߒߞߋ ߞߘߐߦߌߘߊ ߘߐ߫ ߊ߬ߠߌ߯ߙߌ߲ߞߊ߲ ߘߐ߫

ߞߐߜߍ ߝߙߍߕߍ:close

external-link copy
10 : 48

إِنَّ ٱلَّذِينَ يُبَايِعُونَكَ إِنَّمَا يُبَايِعُونَ ٱللَّهَ يَدُ ٱللَّهِ فَوۡقَ أَيۡدِيهِمۡۚ فَمَن نَّكَثَ فَإِنَّمَا يَنكُثُ عَلَىٰ نَفۡسِهِۦۖ وَمَنۡ أَوۡفَىٰ بِمَا عَٰهَدَ عَلَيۡهُ ٱللَّهَ فَسَيُؤۡتِيهِ أَجۡرًا عَظِيمٗا

ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى مەككە مۇشرىكلىرىغا قارشى جەڭ قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ساڭا رىزۋان بەيئىتىنى بەرگەن مۇئمىنلەر ئاللاھقا بەيئەت بەرگەنلەردۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇلارنى مۇشرىكلارغا قارشى جىھاد قىلىشقا بۇيرۇغان بولۇپ، يەنە ئۇلارنى شۇ زات مۇكاپاتلايدۇ. ئۇلار بەيئەت بەرگەن چاغدا ئاللاھنىڭ قولى ئۇلارنىڭ قولىنىڭ ئۈستىدە ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەردار بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۇلاردىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايتتى. شۇڭا كىمكى بەيئىتىنى بۇزۇپ، ئاللاھقا ئۇنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىدىغانلىقى ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىسا، ئۇنىڭ بەيئىتىنى ۋە ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىنى بۇزغانلىقىنىڭ ۋابالى ئۆزىگە يانىدۇ. چۈنكى بۇ ئاللاھقا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. كىمكى ئاللاھنىڭ ياردەم بېرىش ھەققىدە ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا كاتتا مۇكاپات بولغان جەننەتنى بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 48

سَيَقُولُ لَكَ ٱلۡمُخَلَّفُونَ مِنَ ٱلۡأَعۡرَابِ شَغَلَتۡنَآ أَمۡوَٰلُنَا وَأَهۡلُونَا فَٱسۡتَغۡفِرۡ لَنَاۚ يَقُولُونَ بِأَلۡسِنَتِهِم مَّا لَيۡسَ فِي قُلُوبِهِمۡۚ قُلۡ فَمَن يَمۡلِكُ لَكُم مِّنَ ٱللَّهِ شَيۡـًٔا إِنۡ أَرَادَ بِكُمۡ ضَرًّا أَوۡ أَرَادَ بِكُمۡ نَفۡعَۢاۚ بَلۡ كَانَ ٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرَۢا

ئەي پەيغەمبەر! سەن مەككىگە قىلغان سەپىرىڭدە ئەئرابىيلار ئىچىدىن ئاللاھ ساڭا ھەمراھ بولۇشتىن قالدۇرۇپ قويغان كىشىلەرگە كايىغان چېغىڭدا ئۇلار: بىزنى ماللىرىمىز ۋە بالا - چاقىلىرىمىزغا قارايدىغان ئىشىمىز سەن بىلەن بىرگە مېڭىشتىن كاشىلا قىپ قويدى، شۇڭا بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىسەڭ، دېيىشىدۇ. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۆزلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىشىنى سوراشتىن ئىبارەت قەلبلىرىدە يوق گەپنى ئېغىزلىرىدا دەپ قويىدۇ. چۈنكى ئۇلار گۇناھلىرىدىن تەۋبە قىلغىنى يوق. ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھ سىلەرگە ياخشىلىقنى ياكى يامانلىقنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھنىڭ ئالدىدا سىلەرگە قىلچە ئەسقاتىدىغان بىرى بولمايدۇ. بەلكى ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر، ھەر قانچە مەخپىي قىلساڭلارمۇ ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 48

بَلۡ ظَنَنتُمۡ أَن لَّن يَنقَلِبَ ٱلرَّسُولُ وَٱلۡمُؤۡمِنُونَ إِلَىٰٓ أَهۡلِيهِمۡ أَبَدٗا وَزُيِّنَ ذَٰلِكَ فِي قُلُوبِكُمۡ وَظَنَنتُمۡ ظَنَّ ٱلسَّوۡءِ وَكُنتُمۡ قَوۡمَۢا بُورٗا

سىلەرنىڭ مال - ۋاران ۋە بالا - چاقىلارغا قاراش بىلەن كاشىلا بولۇپ قېلىشتىن ئىبارەت باھانەڭلەر پەيغەمبەر بىلەن بىرگە مېڭىشتىن قېپقېلىشىڭلارنىڭ سەۋەبى ئەمەس. بەلكى سىلەر پەيغەمبەرنى ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىنى تامامەن ھالاك بولىدۇ، مەدىنىدىكى ئائىلىسىگە قايتىپ كېلەلمەيدۇ، دەپ ئويلايتتىڭلار. شەيتان بۇ خىيالنى سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردا چىرايلىق كۆرسەتتى. سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنى ئۆز دىنىغا ياردەم بەرمەيدۇ، دەپ يامان گۇمان قىلدىڭلار، ھەمدە سىلەر ئاللاھ ھەققىدە يامان گۇماندا بولۇپ، ئۇنىڭ پەيغەمبىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئارقىلىق ئاللىبۇرۇن ھالاك بولۇپ بولغان ئىدىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
13 : 48

وَمَن لَّمۡ يُؤۡمِنۢ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ فَإِنَّآ أَعۡتَدۡنَا لِلۡكَٰفِرِينَ سَعِيرٗا

كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىما ئېيتمايدىكەن، ئۇ كاپىردۇر. بىز ئاللاھقا كاپىر بولغانلارغا قىيامەت كۈنى ئۇلارنى ئازابلايدىغان لاۋۇلداپ كۆيىدىغان ئوت تەييارلىدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
14 : 48

وَلِلَّهِ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ يَغۡفِرُ لِمَن يَشَآءُ وَيُعَذِّبُ مَن يَشَآءُۚ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورٗا رَّحِيمٗا

ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىگىدارچىلىقى يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇركى، ئۇ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاندىن ئۇنى ئۆز پەزلى بىلەن جەننەتكە كىرگۈزىدۇ، خالىغان كىشىنى ئادالىتى بىلەن ئازابلايدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا رەھىمدىلدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 48

سَيَقُولُ ٱلۡمُخَلَّفُونَ إِذَا ٱنطَلَقۡتُمۡ إِلَىٰ مَغَانِمَ لِتَأۡخُذُوهَا ذَرُونَا نَتَّبِعۡكُمۡۖ يُرِيدُونَ أَن يُبَدِّلُواْ كَلَٰمَ ٱللَّهِۚ قُل لَّن تَتَّبِعُونَا كَذَٰلِكُمۡ قَالَ ٱللَّهُ مِن قَبۡلُۖ فَسَيَقُولُونَ بَلۡ تَحۡسُدُونَنَاۚ بَلۡ كَانُواْ لَا يَفۡقَهُونَ إِلَّا قَلِيلٗا

ئەي مۇئمىنلەر! سىلەر ئاللاھ تائالا ھۇدەيبىيە سۈلھىسىدىن كېيىن ئېرىشتۈرۈشنى ۋەدە قىلغان خەيبەر غەنىمەتلىرى ئالغىلى ماڭغىنىڭلاردا ئاللاھ سىلەردىن ئايرىۋەتكەن كىشىلەر: بىزنىمۇ ئۆزۈڭلار بىلەن بىرگە چىققىلى قويۇڭلار، بىزمۇ غەنىمەتتىن نېسىۋىمىزنى ئالايلى، دەيدۇ. جىھادتىن ئايرىلىۋالغان بۇ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ تەلىپى ئارقىلىق ئاللاھ تائالا ھۇدەيبىيە سۈلھىسىدىن كېيىن پەقەت مۇئمىنلەرگىلا بېرىشنى ۋەدە قىلغان خەيبەر غەنىمەتلىرىگە ئېرىشىشنى ئويلايدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئۇ غەنىمەتلەرگە ئېرىشىشنىڭ كويىدا بىزگە ئەگەشمەڭلار. چۈنكى ئاللاھ تائالا خەيبەر غەنىمەتلىرىنى پەقەت ھۇدەيبىيەگە قاتناشقان كىشىلەرگىلا ۋەدە قىلغان. ئاندىن ئۇلار: بىزنىڭ سىلەرگە ئەگىشىپ خەيبەرگە چىقىشىمىزنى چەكلىشىڭلار ئاللاھنىڭ ئەمرى ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ بىزگە چىدىماسلىق قىلغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىندۇر، دېيىشىدۇ. ھەقىقىي ئەھۋال بۇ قالدۇق كىشىلەر دەۋا قىلغاندەك ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ۋە چەكلىمىلىرىنى ئىنتايىن ئاز چۈشىنىدۇ. شۇڭا ئۇلار گۇناھ - مەئسىيەتلەرگە پېتىپ قالغان. info
التفاسير:
ߟߝߊߙߌ ߟߎ߫ ߢߊ߬ߕߣߐ ߘߏ߫ ߞߐߜߍ ߣߌ߲߬ ߞߊ߲߬:
• مكانة بيعة الرضوان عند الله عظيمة، وأهلها من خير الناس على وجه الأرض.
ئاللاھنىڭ نەزىرىدە رىزۋان بەيئىتى ئىنتايىن چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇنىڭغا قاتناشقانلارمۇ يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىدىندۇر. info

• سوء الظن بالله من أسباب الوقوع في المعصية وقد يوصل إلى الكفر.
ئاللاھنى يامان گۇمان قىلىش گۇناھ - مەئسىيەتلەرگە پېتىشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى بولۇپ، بەزىدە كۇپرىغا ئېلىپ بارىدۇ. info

• ضعاف الإيمان قليلون عند الفزع، كثيرون عند الطمع.
ئىمانى ئاجىز كىشىلەر جاپادا ئاز، تاماخۇرلۇقتا كۆپتۇر. info