ߞߎ߬ߙߣߊ߬ ߞߟߊߒߞߋ ߞߘߐ ߟߎ߬ ߘߟߊߡߌߘߊ - ߟߊߘߛߏߣߍ߲" ߞߎ߬ߙߣߊ߬ ߞߟߊߒߞߋ ߞߘߐߦߌߘߊ ߘߐ߫ ߊ߬ߠߌ߯ߙߌ߲ߞߊ߲ ߘߐ߫

ߞߐߜߍ ߝߙߍߕߍ:close

external-link copy
40 : 44

إِنَّ يَوۡمَ ٱلۡفَصۡلِ مِيقَٰتُهُمۡ أَجۡمَعِينَ

ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا پۈتكۈل خالايىقنى توپلاپ، بەندىلىرى ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىشنى ۋەدە قىلغان كۈندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
41 : 44

يَوۡمَ لَا يُغۡنِي مَوۡلًى عَن مَّوۡلٗى شَيۡـٔٗا وَلَا هُمۡ يُنصَرُونَ

ئۇ كۈندە تۇغقان - تۇغقانغا، دوست - دوستقا ئەسقاتمايدۇ، بىر - بىرىنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالالمايدۇ. چۈنكى ئۇ كۈندە مۇتلەق ئىگىدارچىلىق ئاللاھنىڭ ئىلكىدە بولىدۇ، ھېچكىم ئىگىدارچىلىق دەۋاسى قىلالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
42 : 44

إِلَّا مَن رَّحِمَ ٱللَّهُۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ

پەقەت ئىنسانلاردىن ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەنلەرلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولۇپ، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ پايدىسىنى كۆرىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان غالىب زاتتۇر، بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغانلارغا مېھىر - شەپقەتلىكتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
43 : 44

إِنَّ شَجَرَتَ ٱلزَّقُّومِ

ھەقىقەتەن زەققۇم دەرىخىنى ئاللاھ تائالا جەھەننەمنىڭ قەرىدە ئۆستۈرىدۇ info
التفاسير:

external-link copy
44 : 44

طَعَامُ ٱلۡأَثِيمِ

بۇ، چوڭ گۇناھ سادىر قىلغانلارنىڭ يېمەكلىكى بولۇپ، كاپىرلار ئۇنىڭ بەتبۇي مېۋىسىدىن يەيدۇ info
التفاسير:

external-link copy
45 : 44

كَٱلۡمُهۡلِ يَغۡلِي فِي ٱلۡبُطُونِ

بۇ مېۋە قارا مايغا ئوخشاش بولۇپ، ھارارىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغانلىقتىن كاپىرلارنىڭ قورساقلىرىدا قاينايدۇ info
التفاسير:

external-link copy
46 : 44

كَغَلۡيِ ٱلۡحَمِيمِ

خۇددى ھارارەتتە چېكىگە يەتكەن قايناق سۇدەك قاينايدۇ info
التفاسير:

external-link copy
47 : 44

خُذُوهُ فَٱعۡتِلُوهُ إِلَىٰ سَوَآءِ ٱلۡجَحِيمِ

دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە: ئۇنى تۇتۇپ، قاتتىق تارتىپ دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىغا سۆرەڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
48 : 44

ثُمَّ صُبُّواْ فَوۡقَ رَأۡسِهِۦ مِنۡ عَذَابِ ٱلۡحَمِيمِ

ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قاتتىق قىينايدىغان مۇشۇ قايناق سۇنى تۆكۈڭلار، دېيىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىن ئازاب كەم بولمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
49 : 44

ذُقۡ إِنَّكَ أَنتَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡكَرِيمُ

مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا: بۇ دەرتلىك ئازابنى تېتىغىن. سەن قەۋمىڭ ئىچىدە ھېچكىمگە باش ئەگمەيدىغان كۈچلۈك ھەم ئۇلۇغ زات ئىدىڭ، دېيىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
50 : 44

إِنَّ هَٰذَا مَا كُنتُم بِهِۦ تَمۡتَرُونَ

ھەقىقەتەن بۇ ئازاب سىلەر قىيامەت كۈنى يۈز بېرىدىغانلىقىدا شەكلەنگەن ئازابتۇر. ئەمدى سىلەر ئۇنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرگەچكە سىلەردە شەك قالمىدى. info
التفاسير:

external-link copy
51 : 44

إِنَّ ٱلۡمُتَّقِينَ فِي مَقَامٍ أَمِينٖ

پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولغانلار ئۆزلىرىگە كېلىشىنى ياقتۇرمايدىغان ھەر قانداق ئىشتىن خاتىرجەم بولىدىغان جايدا بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
52 : 44

فِي جَنَّٰتٖ وَعُيُونٖ

بوستانلىقلار ئىچىدە ئېقىپ تۇرىدىغان بۇلاقلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
53 : 44

يَلۡبَسُونَ مِن سُندُسٖ وَإِسۡتَبۡرَقٖ مُّتَقَٰبِلِينَ

ئۇلار جەننەتتە نىپىز ھەم قېلىن يىپەك كىيىملەرنى كىيىپ، بىر - بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ، بىر - بىرىگە ئارقىسىنى قىلمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
54 : 44

كَذَٰلِكَ وَزَوَّجۡنَٰهُم بِحُورٍ عِينٖ

بىز ئۇلارغا ئاشۇنداق ئىلتىپاتلارنى ئاتا قىلغىنىمىزدەك، ئۇلارنى يەنە جەننەتتە شەھلا كۆزلۈك ھۆر - پەرىلەر بىلەن جۈپلەپ قويىمىز. info
التفاسير:

external-link copy
55 : 44

يَدۡعُونَ فِيهَا بِكُلِّ فَٰكِهَةٍ ءَامِنِينَ

ئۇلار تۈگەپ كېتىشىدىن ۋە زىيان قىپقېلىشىدىن خاتىرجەم ھالدا جەننەتتىكى خىزمەتكارلىرىدىن كۆڭلى تارتقان ھەر قانداق مېۋىنى ئېلىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
56 : 44

لَا يَذُوقُونَ فِيهَا ٱلۡمَوۡتَ إِلَّا ٱلۡمَوۡتَةَ ٱلۡأُولَىٰۖ وَوَقَىٰهُمۡ عَذَابَ ٱلۡجَحِيمِ

ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، دۇنيادىكى ئۆلۈمدىن باشقا ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىمايدۇ، پەرۋەردىگارى ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
57 : 44

فَضۡلٗا مِّن رَّبِّكَۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ

ئۇلارنى جەننەتكە كىرگۈزۈش ۋە دوزاخ ئازابىدىن ساقلاشتىن ئىبارەت بۇ ئىشلار پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۇلارغا قىلغان پەزلى - ئېھسانىدۇركى، ئۇنىڭغا ھېچ قانداق مۇۋەپپەقىيەت تەڭ كەلمەيدىغان كاتتا غەلىبىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
58 : 44

فَإِنَّمَا يَسَّرۡنَٰهُ بِلِسَانِكَ لَعَلَّهُمۡ يَتَذَكَّرُونَ

ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنىڭ پەند - نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن بىز بۇ قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭ بولغان ئەرەب تىلىدا نازىل قىلىش ئارقىلىق قولايلاشتۇرۇپ بەردۇق. info
التفاسير:

external-link copy
59 : 44

فَٱرۡتَقِبۡ إِنَّهُم مُّرۡتَقِبُونَ

سەن ئۆزۈڭنىڭ غەلىبىسىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھالاكىتىنى كۈتكىن. ئۇلارمۇ چوقۇم سېنىڭ ھالاكىتىڭنى كۈتكۈچىلەردۇر. info
التفاسير:
ߟߝߊߙߌ ߟߎ߫ ߢߊ߬ߕߣߐ ߘߏ߫ ߞߐߜߍ ߣߌ߲߬ ߞߊ߲߬:
• الجمع بين العذاب الجسمي والنفسي للكافر.
كاپىرلار ھەم جىسمانىي، ھەم روھىي جەھەتتىن ئازابلىنىدۇ. info

• الفوز العظيم هو النجاة من النار ودخول الجنة.
ئەڭ كاتتا غەلىبە دوزاختىن قۇتۇلۇپ، جەننەتكە كىرىشتۇر. info

• تيسير الله لفظ القرآن ومعانيه لعباده.
ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە قۇرئاننىڭ لەپزىنى ھەم مەنىسىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەن. info