ߞߎ߬ߙߣߊ߬ ߞߟߊߒߞߋ ߞߘߐ ߟߎ߬ ߘߟߊߡߌߘߊ - ߟߊߘߛߏߣߍ߲" ߞߎ߬ߙߣߊ߬ ߞߟߊߒߞߋ ߞߘߐߦߌߘߊ ߘߐ߫ ߊ߬ߠߌ߯ߙߌ߲ߞߊ߲ ߘߐ߫

ߞߐߜߍ ߝߙߍߕߍ:close

external-link copy
16 : 33

قُل لَّن يَنفَعَكُمُ ٱلۡفِرَارُ إِن فَرَرۡتُم مِّنَ ٱلۡمَوۡتِ أَوِ ٱلۡقَتۡلِ وَإِذٗا لَّا تُمَتَّعُونَ إِلَّا قَلِيلٗا

ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: گەرچە سىلەر ئۆلۈمدىن ياكى ئۆلتۈرۈلۈشتىن قورقۇپ جەڭدىن قاچساڭلارمۇ قاچقىنىڭلارنىڭ سىلەرگە قىلچە پايدىسى بولمايدۇ. چۈنكى (ئىنساننىڭ) ئەجىلى ئاللىبۇرۇن بېكىتىلىپ بولغان. ئەجىلىڭلار توشماستا قاچالىغان بولساڭلارمۇ، دۇنيادىن پەقەت ئازغىنا ۋاقىت بەھرىمەن بولالايسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
17 : 33

قُلۡ مَن ذَا ٱلَّذِي يَعۡصِمُكُم مِّنَ ٱللَّهِ إِنۡ أَرَادَ بِكُمۡ سُوٓءًا أَوۡ أَرَادَ بِكُمۡ رَحۡمَةٗۚ وَلَا يَجِدُونَ لَهُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ وَلِيّٗا وَلَا نَصِيرٗا

ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ئۆزۈڭلار ياقتۇرمايدىغان ئۆلۈمنى ياكى ئۆلتۈرۈلۈشنى ئىرادە قىلغان بولسا، سىلەرنى كىم ئاللاھتىن قوغداپ قالالايدۇ؟ ياكى سىلەرگە ئۆزۈڭلار كۈتۈۋاتقان خاتىرجەملىك ۋە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭدىن سىلەرنى كىم توسۇپ قالالايدۇ؟ مۇناپىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولىدىغان ئاللاھتىن باشقا دوست، ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قوغداپ قالالايدىغان ياردەمچى تاپالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
18 : 33

۞ قَدۡ يَعۡلَمُ ٱللَّهُ ٱلۡمُعَوِّقِينَ مِنكُمۡ وَٱلۡقَآئِلِينَ لِإِخۡوَٰنِهِمۡ هَلُمَّ إِلَيۡنَاۖ وَلَا يَأۡتُونَ ٱلۡبَأۡسَ إِلَّا قَلِيلًا

ئاللاھ ئىچىڭلاردىن باشقىلارنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە جىھاد قىلىشتىن بوشاشتۇرغۇچىلارنى ۋە قېرىنداشلىرىغا: ئۆلتۈرۈلمەيلى دېسەڭلار مۇھەممەد بىلەن بىرگە جىھادقا چىقماي، بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىڭلار، بىز سىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىڭلاردىن ئەنسىرەيمىز، دېگۈچىلەرنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇلار جەڭگە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىدىن (جەڭگە قاتناشمىدى) دېگەن نومۇسنى يۇيۇش ئۈچۈن ئاندا - ساندا قاتنىشىپ قويىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
19 : 33

أَشِحَّةً عَلَيۡكُمۡۖ فَإِذَا جَآءَ ٱلۡخَوۡفُ رَأَيۡتَهُمۡ يَنظُرُونَ إِلَيۡكَ تَدُورُ أَعۡيُنُهُمۡ كَٱلَّذِي يُغۡشَىٰ عَلَيۡهِ مِنَ ٱلۡمَوۡتِۖ فَإِذَا ذَهَبَ ٱلۡخَوۡفُ سَلَقُوكُم بِأَلۡسِنَةٍ حِدَادٍ أَشِحَّةً عَلَى ٱلۡخَيۡرِۚ أُوْلَٰٓئِكَ لَمۡ يُؤۡمِنُواْ فَأَحۡبَطَ ٱللَّهُ أَعۡمَٰلَهُمۡۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ يَسِيرٗا

ئى مۇئمىنلەر جامائەسى! ئۇلار پۇل - ماللىرىدىن سىلەرگە بېخىلدۇر، شۇڭا سىلەرگە ياردەم بەرمەيدۇ، ئۇلار جانلىرىغىمۇ بېخىللىق قىلىدۇ، شۇڭلاشقا سىلەر بىلەن جەڭگە قاتناشمايدۇ، ئۇلار دوستلۇققىمۇ بېخىل، شۇڭلاشقا سىلەر بىلەن دوستمۇ بولمايدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر دۈشمەن تەرەپتىن قورقۇنچ كەلسە، ئۇلارنىڭ سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ئادەمدەك قورقۇنچتىن كۆزلىرىنى پىلدىرلىتىپ ساڭا قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئەگەر ئۇلاردىن قورقۇنچ يوقاپ، خاتىرجەم بولسا، ئۇلار كۆز تىكىۋاتقان غەنىمەتلەرگە بېخىللىق قىلغان ھالدا سەت سۆزلەر ئارقىلىق ساڭا ئەزىيەت بېرىدۇ. مانا مۇشۇنداق سۈپەتكە ئىگە كىشىلەر ھەقىقەتكە ئىشەنمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتىنى بىكار قىلىۋەتتى. بۇنداق بىكار قىلىش ئاللاھقا ئاساندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
20 : 33

يَحۡسَبُونَ ٱلۡأَحۡزَابَ لَمۡ يَذۡهَبُواْۖ وَإِن يَأۡتِ ٱلۡأَحۡزَابُ يَوَدُّواْ لَوۡ أَنَّهُم بَادُونَ فِي ٱلۡأَعۡرَابِ يَسۡـَٔلُونَ عَنۡ أَنۢبَآئِكُمۡۖ وَلَوۡ كَانُواْ فِيكُم مَّا قَٰتَلُوٓاْ إِلَّا قَلِيلٗا

بۇ قورقۇنچاقلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە مۇئمىنلەرگە قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن توپلانغان ئىتتىپاقداش قوشۇن مۇئمىنلەرنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇۋەتمىگۈچە ھەرگىز كەتمەيدۇ، دەپ ئويلايدۇ. بىرلەشمە قوشۇن يەنە بىر قېتىم كەلدى، دەپ پەرەز قىلىنغان تەقدىردە بۇ مۇناپىقلار سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلار بىلەن جەڭ قىلغىنىڭلاردىن كېيىن ئەھۋالىڭلارنىڭ قانداق بولغانلىقىنى سوراپ بېقىش ئۈچۈن ئەئرابىلار بىلەن بىللە شەھەردىن چىقىشنى خالايدۇ. ئى مۇئمىنلەر! ئۇلار ئاراڭلاردا بولغان تەقدىردىمۇ سىلەر بىلەن بىرلىكتە پەقەت ئازغىنا جەڭ قىلاتتى. شۇڭا ئۇلار بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن، ئۇلارنىڭ (ئۆزۈڭلار بىلەن بىرگە جەڭگە چىقمىغانلىقىغا) قايغۇرۇپمۇ كەتمەڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
21 : 33

لَّقَدۡ كَانَ لَكُمۡ فِي رَسُولِ ٱللَّهِ أُسۡوَةٌ حَسَنَةٞ لِّمَن كَانَ يَرۡجُواْ ٱللَّهَ وَٱلۡيَوۡمَ ٱلۡأٓخِرَ وَذَكَرَ ٱللَّهَ كَثِيرٗا

ھەقىقەتەن رەسۇلۇللاھنىڭ دېگەن سۆزلىرى ۋە قىلغان ئىش - ھەرىكەتلىرىدە سىلەرگە ياخشى ئۈلگە بار. مەسىلەن، ئۇ ئۆزى بىۋاستە جەڭگە قاتناشتى. شۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر ئۇنىڭ جېنى ئالدىدا ئۆزۈڭلارنىڭ جېنىغا قانداقسىگە بېخىللىق قىلىسىلەر؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى پەقەت ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلىدىغان، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەل قىلىدىغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىدىغان كىشىلەرلا ئۈلگە قىلىدۇ. ئەمما ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلمايدىغان، ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتمەيدىغانلار ئۇنى ئۈلگە قىلمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
22 : 33

وَلَمَّا رَءَا ٱلۡمُؤۡمِنُونَ ٱلۡأَحۡزَابَ قَالُواْ هَٰذَا مَا وَعَدَنَا ٱللَّهُ وَرَسُولُهُۥ وَصَدَقَ ٱللَّهُ وَرَسُولُهُۥۚ وَمَا زَادَهُمۡ إِلَّآ إِيمَٰنٗا وَتَسۡلِيمٗا

مۇئمىنلەر ئۆزلىرىگە قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن توپلانغان بىرلەشمە قوشۇننى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن چاغدا: بۇ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزگە ۋەدە قىلغان سىناق، مۇشەققەت ۋە غەلىبىدۇركى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بۇ ئىشتا راست ئېيتتى، ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبىرىنىڭ دېگەنلىرى ئىشقا ئاشتى، دېيىشتى. ئۇلارنىڭ بىرلەشمە قوشۇننى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشى ئۇلارنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىمانىنى ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. info
التفاسير:
ߟߝߊߙߌ ߟߎ߫ ߢߊ߬ߕߣߐ ߘߏ߫ ߞߐߜߍ ߣߌ߲߬ ߞߊ߲߬:
• الآجال محددة؛ لا يُقَرِّبُها قتال، ولا يُبْعِدُها هروب منه.
ئەجەللەر ئالدىنئالا بەلگىلەنگەندۇر، جەڭ قىلىش ئەجەلنى يېقىنلاشتۇرالمايدۇ، جەڭدىن قېچىش ئۇنى يىراقلاشتۇرالمايدۇ. info

• التثبيط عن الجهاد في سبيل الله شأن المنافقين دائمًا.
ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىن بوشاشتۇرۇش مۇناپىقلارنىڭ داۋاملىق قىلىدىغان ئىشىدۇر. info

• الرسول صلى الله عليه وسلم قدوة المؤمنين في أقواله وأفعاله.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گەپ - سۆزلىرى ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرىدە مۇئمىنلەرنىڭ ئۈلگىسىدۇر. info

• الثقة بالله والانقياد له من صفات المؤمنين.
ئاللاھقا ئىشىنىش ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇش مۇئمىنلەرنىڭ سۈپەتلىرىدىندۇر. info