ߞߎ߬ߙߣߊ߬ ߞߟߊߒߞߋ ߞߘߐ ߟߎ߬ ߘߟߊߡߌߘߊ - ߟߊߘߛߏߣߍ߲" ߞߎ߬ߙߣߊ߬ ߞߟߊߒߞߋ ߞߘߐߦߌߘߊ ߘߐ߫ ߊ߬ߠߌ߯ߙߌ߲ߞߊ߲ ߘߐ߫

external-link copy
35 : 29

وَلَقَد تَّرَكۡنَا مِنۡهَآ ءَايَةَۢ بَيِّنَةٗ لِّقَوۡمٖ يَعۡقِلُونَ

ھەقىقەتەن بىز ھالاك قىلغان بۇ شەھەر ئاھالىسىدىن ئەقلىنى ئىشقا سالىدىغان قەۋم ئۈچۈن روشەن مۆجىزىلەرنى قالدۇردۇق، چۈنكى مۇشۇنداق كىشىلەر مۆجىزىلەردىن ئىبرەت ئالىدۇ. info
التفاسير:
ߟߝߊߙߌ ߟߎ߫ ߢߊ߬ߕߣߐ ߘߏ߫ ߞߐߜߍ ߣߌ߲߬ ߞߊ߲߬:
• قوله تعالى:﴿ وَقَد تَّبَيَّنَ..﴾ تدل على معرفة العرب بمساكنهم وأخبارهم.
ئاللاھ تائالانىڭ: «ئەي مەككە ئەھلى! ھەزرەمەۋتنىڭ ھىجر ۋە شىھر دىگەن جايلىرىدىكى تۇرالغۇلىرىدىن ئۇلارنىڭ ھالاك بولغانلىقىغا دائىر مەلۇماتلار سىلەرگە ئايدىڭ» دېگەن سۆزى ئەرەبلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆي - ماكانلىرىنى ۋە خەۋەرلىرىنى بىلىدىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر. info

• العلائق البشرية لا تنفع إلا مع الإيمان.
ئىمان بولمىغان ئىنسانلار ئارا ئالاقىنىڭ پايدىسى يوق. info

• الحرص على أمن الضيوف وسلامتهم من الاعتداء عليهم.
مېھمانلارنىڭ دۈشمەنلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن تىنچ - ئامان بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. info

• منازل المُهْلَكين بالعذاب عبرة للمعتبرين.
ئازابتا ھالاك قىلىنغانلارنىڭ ئۆي - ماكانلىرى پەند - نەسىھەت ئالغۇچىلارغا ئىبرەتتۇر. info

• العلم بالحق لا ينفع مع اتباع الهوى وإيثاره على الهدى.
ھاۋايى - ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ ھەمدە ئۇنى ھىدايەتتىن ئۈستۈن بىلىپ تۇرۇپ ھەقنى بىلگەننىڭ پايدىسى بولمايدۇ. info