ߞߎ߬ߙߣߊ߬ ߞߟߊߒߞߋ ߞߘߐ ߟߎ߬ ߘߟߊߡߌߘߊ - ߟߊߘߛߏߣߍ߲" ߞߎ߬ߙߣߊ߬ ߞߟߊߒߞߋ ߞߘߐߦߌߘߊ ߘߐ߫ ߊ߬ߠߌ߯ߙߌ߲ߞߊ߲ ߘߐ߫

ߞߐߜߍ ߝߙߍߕߍ:close

external-link copy
77 : 20

وَلَقَدۡ أَوۡحَيۡنَآ إِلَىٰ مُوسَىٰٓ أَنۡ أَسۡرِ بِعِبَادِي فَٱضۡرِبۡ لَهُمۡ طَرِيقٗا فِي ٱلۡبَحۡرِ يَبَسٗا لَّا تَخَٰفُ دَرَكٗا وَلَا تَخۡشَىٰ

شەك-شۈبھىسىز بىز مۇساغا ۋەھيى قېلىپ: مېنىڭ بەندىلىرىمنى كېچىدە ھېچ كىشىگە تۇيدۇرماستىن مىسىردىن ئېلىپ چېققىن، ھاساڭ بىلەن دېڭىزغا بىرنى ئۇرغاندىن كېيىن ئۇلارغا دېڭىزدا بىر قۇرۇق يول قىلىپ بەرگىن، پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ساڭا يېتىشىۋېلىشىدىن .قورقمىغىن ۋە دېڭىزغا غەرق بولۇپ كېتىشتىنمۇ قورقمىغىن info
التفاسير:

external-link copy
78 : 20

فَأَتۡبَعَهُمۡ فِرۡعَوۡنُ بِجُنُودِهِۦ فَغَشِيَهُم مِّنَ ٱلۡيَمِّ مَا غَشِيَهُمۡ

پىرئەۋن ئەسكەرلىرى بىلەن بىرگە ئۇلارنى قوغلىدى، دېڭىز ئۇنى ۋە ئەسكەرلىرىنى ھەقىقىتىنى پەقەت ئاللاھتىن باشقا ھېچ كىم بىلمەيدىغان دەرىجىدە ئورىۋالدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى سۇغا غەرق بولۇپ ھالاك بولدى، مۇسا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغانلار قۇتۇلۇپ قالدى. info
التفاسير:

external-link copy
79 : 20

وَأَضَلَّ فِرۡعَوۡنُ قَوۡمَهُۥ وَمَا هَدَىٰ

پىرئەۋن ئۆز قەۋمىگە كۇپىرنى چېرايلىق كۆرسۈتۈش بىلەن ئۇلارنى .ئازدۇردى، باتىل بىلەن ئالدىدى، ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىمىدى info
التفاسير:

external-link copy
80 : 20

يَٰبَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ قَدۡ أَنجَيۡنَٰكُم مِّنۡ عَدُوِّكُمۡ وَوَٰعَدۡنَٰكُمۡ جَانِبَ ٱلطُّورِ ٱلۡأَيۡمَنَ وَنَزَّلۡنَا عَلَيۡكُمُ ٱلۡمَنَّ وَٱلسَّلۡوَىٰ

بىز ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىدىن قۇتقازغاندىن كېيىن ئۇلارغا: ئى ئىسرائىل ئەۋلادلىرى! ھەقىقەتەن بىز سىلەرنى دۈشمەنلىرىڭلاردىن قۇتقازدۇق، تۇر تېغىنىڭ يېنىدىكى جىلغىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن سۆزلىشىش توغرىسىدا سىلەرگە ۋەدە بەردۇق. چۆلدە سىلەرگە بىزنىڭ نېمەتلىرىمىزدىن ھەسەلگە ئوخشاش تاتلىق ئېچىملىك بىلەن، گۆشىنىڭ تەمى بۇدۇنىگە ئوخشايدىغان كىچىك قۇشنىڭ كاۋىپىنى ئىنئام قىلدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
81 : 20

كُلُواْ مِن طَيِّبَٰتِ مَا رَزَقۡنَٰكُمۡ وَلَا تَطۡغَوۡاْ فِيهِ فَيَحِلَّ عَلَيۡكُمۡ غَضَبِيۖ وَمَن يَحۡلِلۡ عَلَيۡهِ غَضَبِي فَقَدۡ هَوَىٰ

بىز سىلەرگە رىزىق قېلىپ بەرگەن پاك ھالال يېمەكلىكلەردىن يەڭلار، سىلەرگە يېيىش دۇرۇس قىلىپ بەرگەن يېمەكلىكتىن باشقا يېيىش چەكلەنگەن يېمەكلىككە ئۆتمەڭلار. ئۇ ۋاقىتتا سىلەرگە مېنىڭ غەزىبىم چۈشىدۇ، مېنىڭ غەزىبىمگە دۇچار بولغان كىشى ھالاك بولىدۇ ۋە دۇنيا-ئاخىرەتتە بەختسىز بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
82 : 20

وَإِنِّي لَغَفَّارٞ لِّمَن تَابَ وَءَامَنَ وَعَمِلَ صَٰلِحٗا ثُمَّ ٱهۡتَدَىٰ

ماڭا تەۋبە قىلىپ ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ئاندىن ھەق يولدا مۇستەھكەم تۇرغان كىشىنى ئەپۇ قىلىمەن ۋە كۆپ .مەغپىرەت قىلىمەن info
التفاسير:

external-link copy
83 : 20

۞ وَمَآ أَعۡجَلَكَ عَن قَوۡمِكَ يَٰمُوسَىٰ

ئى مۇسا! قەۋمىڭدىن ئالدىراپ ئۇلارنى كەينىڭدە قويۇپ ئىلگىرى .كېلىشىڭنىڭ سەۋەبى نېمە؟ info
التفاسير:

external-link copy
84 : 20

قَالَ هُمۡ أُوْلَآءِ عَلَىٰٓ أَثَرِي وَعَجِلۡتُ إِلَيۡكَ رَبِّ لِتَرۡضَىٰ

مۇسا ئەلەيھىسسالام: ئۇلار كەينىمدىن ماڭا يېتىشىپ كىلىۋاتىدۇ، پەرۋەردىگارىم! سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن قەۋمىمدىن ئىلگىرى ئالدىراپ بۇ يەرگە كەلدىم دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
85 : 20

قَالَ فَإِنَّا قَدۡ فَتَنَّا قَوۡمَكَ مِنۢ بَعۡدِكَ وَأَضَلَّهُمُ ٱلسَّامِرِيُّ

ئاللاھ تائالا: سەن قەۋمىڭنى كەينىڭدە قويۇپ كەلگەندىن كېيىن ئۇلارنى موزايغا ئىبادەت قىلدۇرۇش بىلەن سىنىدۇق. سامىرىي ئۇلارنى موزايغا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىپ ئۇنىڭ بىلەن ئازدۇردى. info
التفاسير:

external-link copy
86 : 20

فَرَجَعَ مُوسَىٰٓ إِلَىٰ قَوۡمِهِۦ غَضۡبَٰنَ أَسِفٗاۚ قَالَ يَٰقَوۡمِ أَلَمۡ يَعِدۡكُمۡ رَبُّكُمۡ وَعۡدًا حَسَنًاۚ أَفَطَالَ عَلَيۡكُمُ ٱلۡعَهۡدُ أَمۡ أَرَدتُّمۡ أَن يَحِلَّ عَلَيۡكُمۡ غَضَبٞ مِّن رَّبِّكُمۡ فَأَخۡلَفۡتُم مَّوۡعِدِي

مۇسا ئەلەيھىسسالام قەۋمىنىڭ موزايغا ئىبادەت قىلغانلىقىغا غەزەپلەنگەن ھالدا ئۇلارغا قايغۇرۇپ قايتتى. مۇسا ئەلەيھىسسالام: ئى قەۋم! ئاللاھ سىلەرگە تەۋراتنى نازىل قىلىپ، سىلەرنى جەننەتكە كېرگۈزۈش بىلەن چىرايلىق ۋەدە قىلمىدىمۇ ياكى سىلەر ۋەدىنى ئۇنتۇپ قالغۇدەك ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتتىمۇ!؟ ياكى سىلەر مۇشۇ قىلمىشىڭلار بىلەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ غەزىپى ۋە ئازابى چۈشۈشنى خالامسىلەر؟. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر مەن قايتىپ كېلىپ بولغۇچە پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ تائىتىدە مۇستەھكەم تۇرۇشتىن ئىبارەت ماڭا .بەرگەن ۋەدەڭلارغا خىلاپلىق قىلدىڭلارمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
87 : 20

قَالُواْ مَآ أَخۡلَفۡنَا مَوۡعِدَكَ بِمَلۡكِنَا وَلَٰكِنَّا حُمِّلۡنَآ أَوۡزَارٗا مِّن زِينَةِ ٱلۡقَوۡمِ فَقَذَفۡنَٰهَا فَكَذَٰلِكَ أَلۡقَى ٱلسَّامِرِيُّ

مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى: ئى مۇسا! بىز ساڭا بەرگەن ۋەدىمىزگە ئىختىيارلىقىمىز بىلەن خىلاپلىق قىلمىدۇق بەلكى مەجبۇر قالدۇق، ھەقىقەتەن بىزنى بۇنداق قىلىشقا پىرئەۋن قەۋمىدىن ئالغان زىبۇ-زىنەتلەر تۈرتكە بولدى. سامىرىي ئۆزى بىلەن بىرگە بولغان جەبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېتىنىڭ تۇۋۇقىدىن ئالغان توپىنى ئازگالغا تاشلىغاندەك، بىزمۇ ئۇنىڭدىن خالاس بولۇش ئۈچۈن ئۇ نەرسىلەرنى بىر ئازگالغا تاشلىدۇق. info
التفاسير:
ߟߝߊߙߌ ߟߎ߫ ߢߊ߬ߕߣߐ ߘߏ߫ ߞߐߜߍ ߣߌ߲߬ ߞߊ߲߬:
• من سُنَّة الله انتقامه من المجرمين بما يشفي صدور المؤمنين، ويقر أعينهم، ويذهب غيظ قلوبهم.
ئاللاھنىڭ پىرىنسىپى؛ جىنايەتچىلەردىن مۆئمىنلەرنىڭ دىلى شىپا تېپىپ، كۆڭلى خۇرسەن بولۇپ قەلبىدىكى دەرت-ئەلەملەر يوقالغۇدەك دەرىجىدە ئىنتىقام ئېلىشتۇر. info

• الطاغية شؤم على نفسه وعلى قومه؛ لأنه يضلهم عن الرشد، وما يهديهم إلى خير ولا إلى نجاة.
تاغۇتلار ئۆزىگە ۋە مىللىتىگە ئاپەتدۇر چۈنكى ئۇلار مىللىتىنى توغرا .يولدىن ئازدۇرىدۇ، ئۇلارنى ياخشىلىق ۋە نىجاتلىق يولىغا باشلىمايدۇ info

• النعم تقتضي الحفظ والشكر المقرون بالمزيد، وجحودها يوجب حلول غضب الله ونزوله.
نېئمەتنىڭ زىيادە بولىشى ئۇنىڭغا شۈكۈر ئېيتىش ۋە ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىشنى تەقەززا قېلىدۇ. نېئمەتكە نانكورلۇق قېلىش بولسا ئاللاھنىڭ .غەزىپى ۋە ئازابىنىڭ چۈشۈشىنى كەلتۈرىدۇ info

• الله غفور على الدوام لمن تاب من الشرك والكفر والمعصية، وآمن به وعمل الصالحات، ثم ثبت على ذلك حتى مات عليه.
ئاللاھ تائالا شېرىكتىن، كۇپىردىن ۋە گۇناھ-مەسىيەتتىن تەۋبە قىلىپ، ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ، ئاندىن ئۆلگۈچە ئۇ يولدا .مۇستەھكەم تۇرغان كىشىلەرنى دائىم مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر info

• أن العجلة وإن كانت في الجملة مذمومة فهي ممدوحة في الدين.
ئالدىراقسانلىق ئومۇمى ئىشلاردا تەنقىتلىنىدىغان بولسىمۇ لېكىن دىنى ئىشلاردا مەدھىيىلىنىدۇ. info