ߞߎ߬ߙߣߊ߬ ߞߟߊߒߞߋ ߞߘߐ ߟߎ߬ ߘߟߊߡߌߘߊ - ߟߊߘߛߏߣߍ߲" ߞߎ߬ߙߣߊ߬ ߞߟߊߒߞߋ ߞߘߐߦߌߘߊ ߘߐ߫ ߊ߬ߠߌ߯ߙߌ߲ߞߊ߲ ߘߐ߫

external-link copy
85 : 11

وَيَٰقَوۡمِ أَوۡفُواْ ٱلۡمِكۡيَالَ وَٱلۡمِيزَانَ بِٱلۡقِسۡطِۖ وَلَا تَبۡخَسُواْ ٱلنَّاسَ أَشۡيَآءَهُمۡ وَلَا تَعۡثَوۡاْ فِي ٱلۡأَرۡضِ مُفۡسِدِينَ

ئەي قەۋمىم! ئەگەر باشقىلارغا ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرمەكچى بولساڭلار، ئۆلچەم ۋە تارازىنى ئادىللىق بىلەن تولۇق قىلىڭلار، ئۆلچەم ۋە تارازىنى كەم قىلىش، ئالداش ۋە ساختىپەزلىك قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھەقلىرىدىن ھېچ نەرسىنى كەم بەرمەڭلار، يەر يۈزىدە قاتىللىق ۋە ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار. info
التفاسير:
ߟߝߊߙߌ ߟߎ߫ ߢߊ߬ߕߣߐ ߘߏ߫ ߞߐߜߍ ߣߌ߲߬ ߞߊ߲߬:
• من سنن الله إهلاك الظالمين بأشد العقوبات وأفظعها.
يۇقىرىقى ئايەتلەر زالىملارنى ئەڭ ئېغىر ۋە ئېچىنىشلىق ئازاب بىلەن ھالاك قىلىش ئاللاھنىڭ قانۇنىيەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، info

• حرمة نقص الكيل والوزن وبخس الناس حقوقهم.
ئۆلچەم ۋە تارازىدا باشقىلارنىڭ ھەقلىرىنى كەم بېرىشنىڭ ھاراملىقىنى، info

• وجوب الرضا بالحلال وإن قل.
گەرچە ئاز بولسىمۇ ھالالغا رازى بولۇشنىڭ ۋاجىبلىقىنى، info

• فضل الأمر بالمعروف والنهي عن المنكر، ووجوب العمل بما يأمر الله به، والانتهاء عما ينهى عنه.
ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلەشنىڭ پەزىلىتىنى، ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىش ۋە چەكلىگەن ئىشلاردىن يېنىشنىڭ ۋاجىبلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. info