ߞߎ߬ߙߣߊ߬ ߞߟߊߒߞߋ ߞߘߐ ߟߎ߬ ߘߟߊߡߌߘߊ - ߟߊߘߛߏߣߍ߲" ߞߎ߬ߙߣߊ߬ ߞߟߊߒߞߋ ߞߘߐߦߌߘߊ ߘߐ߫ ߊ߬ߠߌ߯ߙߌ߲ߞߊ߲ ߘߐ߫

external-link copy
20 : 10

وَيَقُولُونَ لَوۡلَآ أُنزِلَ عَلَيۡهِ ءَايَةٞ مِّن رَّبِّهِۦۖ فَقُلۡ إِنَّمَا ٱلۡغَيۡبُ لِلَّهِ فَٱنتَظِرُوٓاْ إِنِّي مَعَكُم مِّنَ ٱلۡمُنتَظِرِينَ

مۇشرىكلار: نېمىشقا مۇھەممەدنىڭ راستچىللىقىغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بىرەر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟، دەيدۇ. ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: مۆجىزىنىڭ چۈشىشى غەيبى ئىش بولۇپ، بۇنى ئاللاھ بىلىدۇ. سىلەر تەلەپ قىلغان ھېسسى مۆجىزىلەرنىڭ چۈشىشىنى كۈتۈپ تۇرۇڭلار، ھەقىقەتەن مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە ئۇنى كۈتىمەن. info
التفاسير:
ߟߝߊߙߌ ߟߎ߫ ߢߊ߬ߕߣߐ ߘߏ߫ ߞߐߜߍ ߣߌ߲߬ ߞߊ߲߬:
• عظم الافتراء على الله والكذب عليه وتحريف كلامه كما فعل اليهود بالتوراة.
يەھۇدىيلار تەۋراتنى بۇرمىلىغاندەك ئاللاھنىڭ كالامىنى بۇرمىلاپ، ئاللاھقا يالغاننى توقۇش ئەڭ ئېغىر جىنايەتتۇر. info

• النفع والضر بيد الله عز وجل وحده دون ما سواه.
پايدا ۋە زىيان كىمسىنىڭ قولىدا ئەمەس، بەلكى يەككە-يىگانە ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. info

• بطلان قول المشركين بأن آلهتهم تشفع لهم عند الله.
مۇشرىكلارنىڭ: ئىلاھلىرىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بىزگە شاپائەت قىلىدۇ دېگەن سۆزلىرى باتىلدۇر. info

• اتباع الهوى والاختلاف على الدين هو سبب الفرقة.
ھاۋايى ھەۋەسكە ئەگىشىش ۋە دىنى ئىشلاردا ئىختىلاپلىشىش تەپرىقىچىلىققا ئىلىپ بارىدىغان سەۋەبلەردىندۇر. info